ساغلاملىق

بوزۇغا مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى: 100 گرام بوزۇغىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ بىر لېتر قايناق سۇغا چىلاپ 3 كۈن تۇرغۇزۇپ 4-كۈنى 700 مىللىلىتىر كۈنجۈت مېيىنى قوشۇپ بىرگە قاينىتىپ سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق

خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى: سوغۇقتىن بولغان ئىششىق، باشتىكى بارلىق ئىللەتلەرگە سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل ئاغرىقلارغا، ئاشقازان، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچۈرۈلىدۇ ۋە سىرتتىن مايلىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى