ساغلاملىق

ئائىلىدە قۇلاق كېسىلىنى داۋالاش

پىيازدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۇنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئىچىدىكى جاراھەتلەرگە، قۇلاق غۇڭۇلداشقا ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا شىپا بولىدۇ.

قۇلاققا ھاشارەت كىرىپ كەتكەندە، ئازراق مايغا كاۋاۋىچىن پاراشوكى سېلىپ قۇلاققا تېمىتسا، ھاشارەت ئۆزلىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

ئارپابەدىياندىن 24 گرام چالا سوقۇپ، ئۇنى 1 كىلوگىرام سۇ بىلەن قاينىتىپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقى توختايدۇ.

بەدىياندىن 6 گرامنى چالا سوقۇپ، 250 گرام سۇدا قاينىتىپ، 60 گىرام قالغاندا 250 گىرام كالا سۈتى، 12 گىرام كالا يېغى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭىنى كۈچلەندۈرۈپ، قۇلاق ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

كۆكنار گۈلىنى سىقىپ، چىقىرىلغان سۈيىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان كۆكنار يېغىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، ھەر خىل قۇلاق كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى