ساغلاملىق

دائىم كۆزىڭىز قىچىشسا كۈچەپ ئۇۋۇلامسىز؟ بۇ كېسەللىكلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ!

كۆز قىچىشقاندا، ئەڭ ياخشىسى كۆزنى كۈچەپ ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. بۇ ھەرىكەت كۆز قىچىشىشنى پەسەيتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئاسانلا بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە سۇلۇق ئىششىقىنى پەيدا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆز قىچىشىشنىڭ سەۋەبى بار، بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئاددىي ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىمىز. ئۇ بولسىمۇ كۆزدىكى ئاجرالمىلارنى كۆزىتىش.

ئالاھىدە ئاجرالمىلار بولمىسا، بەلكىم كۆز قۇرغاقلىشىش بولۇشى مۇمكىن. كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، ئادەتتە كۆز قۇرغاقلىشىپ قىزىرىش، نۇردىن قورقۇش، ئاسان ياش ئېقىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆز ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى تېمىتسا بولىدۇ، ھەر بىر كۆزگە بىر تامچىدىن، ھەر كۈنى تۆت قېتىم تېمىتىلىدۇ، ئادەتتە قىسقىغىنا بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا ياخشىلىنىش بولىدۇ.

دائىم كۆزىڭىز قىچىشسا كۈچەپ ئۇۋۇلامسىز؟ بۇ كېسەللىكلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ!

ئەگەر بىر قەدەر كۆپ ئاق رەڭلىك ئاجرالمىلار بار بولسا، بەلكىم زىيادە سەزگۈرلۈك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. زىيادە سەزگۈرلۈك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولسا بىر خىل كۆز قىسىمى زىيادە سەزگۈرلۈك ياللۇغى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆز قىچىشىش بولۇپ، ھەمىشە ئۇۋۇلىغانسېرى قىچىشىدۇ.

ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى پەسىل خاراكتېرلىك زىيادە سەزگۈرلۈك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولۇپ، ئادەتتە زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ.

دائىم كۆزىڭىز قىچىشسا كۈچەپ ئۇۋۇلامسىز؟ بۇ كېسەللىكلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ!

ئەگەر بىر قەدەر كۆپ سېرىق رەڭلىك ئاجرالمىلار بار بولسا، بەلكىم باكتېرىيە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن.

باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، يېپىشقاق ئاجرالمىلار كۆزگە يېپىشىۋېلىپ، ئەتىگىنى ئويغانغاندا كۆزىنى ئاچالماسلىقتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆز قىزىرىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا كۆز تېمىتىش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىسا، چوقۇم كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرىنى ئىزدەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، داۋالاشنى كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى