ساغلاملىق

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى يەنە تىرەك قويۇپ داۋالاشنى خالامسىز؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن دوختۇرلار تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىنى «تىرەك» بىلەن داۋالاشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ؟ ئالدى بىلەن بىز مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىكى تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە نىسبەتەن تىرەك سېلىش بولۇپ، زادى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن ئۆمۈرلۈك راھەت كۆرگىلى بولامدۇ ـ يوق؟

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى يەنە تىرەك قويۇپ داۋالاشنى خالامسىز؟

تىرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت «جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى» دەپلا ئاتاشقا بولىدۇ، بۇ بىر خىل ۋاقىتلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما تاجسىمان يۈرەك كېسەللېكىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى يەنىلا مەۋجۇت. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كېيىنكى مەزگىلدە بىمارلار يەنىلا كۆكرىكى ئاغرىش، مەيدىسى چىڭقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم تىرەك قويدۇرىدۇ.

تىرەك قويۇشنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بار، ئەمما بىز چوقۇم ئۇنى قەيەرگە ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە. بىمار تىرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، تىرەك تارىيىپ توسۇلۇپ قالغان قان تومۇرغا كۆچۈرۈلىدۇ، تىرەك ئىچىدىكى شارسىمان خالتىنىڭ كېڭىيىشى ئاستىدا، قان تومۇر دىۋارىغا چىڭ چاپلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا قان تومۇرلار قايتىدىن كېڭىيىپ، قان ئايلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بىمار ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يېنىكلىگەنلېكىنى، ھەتتا يوقالغانلىقىنى روشەن ھېس قىلىدۇ، قارماققا تىرەك يەنىلا ئەس قاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بىز ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كېرەك.

1. ئاساسىي كېسەللىك سەۋەبى: سەۋەبى بولغاندىلا ئاندىن نەتىجىسى بولىدۇ، بىز داۋالاشتىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن قان تومۇر يوللىرى تارىيىپ توسۇلىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك، گەرچە تىرەك قويغاندىن كېيىن قان تومۇرلار ھەقىقەتەن راۋانلاشسىمۇ، لېكىن كېسەللىك سەۋەبى يوقالمايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەنىلا ئىككىنچى قېتىم توسۇلىدۇ.

2. قان تومۇر سانى: ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تاجىسىمان قان تومۇرمۇ بىر تال ئەمەس. ئاتالمىش تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسىمۇ بارلىق قان تومۇرلارنىڭ ھەممىسىگە تىرەك قويۇش ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر تال قان تومۇرنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئېچىش. بۇ ۋاقىتتا بىر مەسىلىگە يۈزلىنىش كېرەك، ئەگەر بىمارنىڭ كۆپلىگەن ئورۇندىكى قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالسا، ئۇنداقتا بىر تىرەك ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى يەنە تىرەك قويۇپ داۋالاشنى خالامسىز؟

كېسەللىك سەۋەبىنى تاپقاندىلا ئاندىن داۋالىغىلى بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ھېچقانداق دورا ئارقىلىق كونترول قىلىش ئەمەس، بەلكى كېسەللىكنى مەنبەسىدىن داۋالاشقا مەسئۇل بولۇپ، نېرۋىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلغاندىلا، ئاندىن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىمارنىڭ سالامەتلېكىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. تىرەك قويۇش، كۆۋرۈك سېلىش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلغاندىن كېيىنكى بىمارلارغا سېلىشتۇرغاندا، نېرۋىنى كونترول قىلىپ ئومۇميۈزلۈك داۋالىغاندىن كېيىنكى بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بويسۇنسىلا، دورا ئارقىلىق كونترول قىلىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، چۈنكى بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى پۈتۈنلەي يوقايدۇ. ئەگەر مىكرو زەخىملىك داۋالاشتا ياخشىلىنىش بولسا، سىز يەنە تىرەك بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىشنى خالامسىز؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى