ساغلاملىق

ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋا، ئىشەنمەڭ!

ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋا، ئىشەنمەڭ!

ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن بىللە غىزالانسا يۇقۇملىنىدۇ دەپ قارامسىز؟ ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى، ئەيدىز بىمارلىرىنى قۇچاقلاشنى رەت قىلامسىز؟ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى ئۇلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىدىنمۇ؟

كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئەيدىزنى بىمارنىڭ قالايمىقان شەخسىي تۇرمۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ئۇلاردىن ھەممە ئادەم ئېھتىيات قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغان نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى بار، ئۇلار بەلكىم خىزمەت ئۈستىدە بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان تىكىپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان دوختۇر بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ساقچىلار بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار يەنە پەقەت بىر بالا بولۇشى مۇمكىن…

ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋا، ئىشەنمەڭ!

ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋا، ئىشەنمەڭ!

1. «ھەمجىنىسلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ» دەپ قاراش

ھەمجىنىس ئەرلەر توپىدا، ئەگەر ئىككى ئادەم پەقەت ئوخشاش جىنسلىق بولۇپ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرسە، ئۇلار ئوتتۇرىدا ماھىيەتلىك ھەرىكەت يۈز بەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيان ھەمجىنىس ئەرلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش سانى ئەڭ تېز ئاشتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ھەمجىنىس ئەرلەر ئوتتۇرىدىكى جىنسىي ھەرىكەت ئاسانلا شىللىق پەردە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلىگە بىر تەرەپلىمە قارىماسلىق، شۇنداقلا سەل قارىماسلىقمۇ كېرەك.

2. «يېمەكلىككە ئېقىتىپ قويغان قاندىن ئەيدىز كېسىلى تارقىلىدۇ» دەپ قاراش

«بەزى ئەيدىز بىمارلىرى توخو قوردىقىغا قان ئېقىتىپ قويۇپ ئەيدىز تارقىتىدۇ» دېگەندەك گەپلەر خېلى بۇرۇنلا تارقالغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەندىن ئايرىلسا ئىنتايىن ئاجىز ھەم كۆپىيەلمەيدۇ، شۇڭا ئادەمگە يۇقۇش ئىمكانىيىتىمۇ بولمايدۇ. يەنە كېلىپ يېمەكلىك پىشۇرۇلۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان كىسلاتاسىدىن ئۆتكەندە، ۋىرۇس ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈلگەن بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كاۋاپ، كاۋاپ، توخو قوردىقى قاتارلىقلارنى يېگەندە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

3. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىكى CD4 ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەگەر توغرا داۋالانسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ۋىرۇسنى نەچچە ئون يىل ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.

4. «ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇش ئۇزۇن ياشىيالماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ قاراش

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا نۆۋەتتە يەنىلا كوكتېل ھارىقى بىلەن داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاشتىكى مەقسەت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىزگىنلەپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلسىلا، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ساقلىنىپ، داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ھەر خىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا پەيدا بولمايدۇ، بىمار ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدۇ.

ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋا، ئىشەنمەڭ!

5. «قان تەقدىم قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ» دەپ قاراش

ئىلگىرى ھەقىقەتەن قان پىلازمىسىنى سېتىشتىن كېلىپ چىققان ئەيدىز كېسەللىكى تارقىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم قان ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تارقالغان. ھازىر قان تەقدىم قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، قان تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسەللىكىدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس.

ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋا، ئىشەنمەڭ!

بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىكمۇ تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇش، جۆرىسىگە سادىق بولۇش. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك، زەھەر چەكمەسلىك، ئىشپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
2. مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، قان بېرىشتە مۇنتىزىم ئورۇنغا بېرىش، ئۆز مەيلىچە قان سالماسلىق ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3. ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىق شەخسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، باشقىلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، قېنى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، باشقىلار تەرىپىدىن بۇلغانغان بۇيۇملارنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى