ساغلاملىق

قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل ئېغىر كېسەللىك

قان ئازلىقنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

1. يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسى
يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ نورمالسىزلىقى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئاساسلىقى جىسمانىي ھەرىكەتتىن كېيىن يۈرەك سىقىلىپ نەپەس يېتىشمەسلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قان ئازلىق ئېغىر بولغان بىمارلاردا يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىش مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولىدۇ.

قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل ئېغىر كېسەللىك

2. نېرۋا سىستېمىسى مەسىلىسى
قان ئازلىق يەنە نېرۋا سىستېمىسى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ئادەتتە قان ئازلىق ئېغىر بولغاندا ئاندىن كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، چۈنكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسلىقى نېرۋىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ياكى نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، قان ئازلىق كېسىلى بار بىمارلاردا بولسا بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا باش قېيىش، باش ئاغرىش ياكى قۇلاق غوڭۇلداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا نېرۋا سىستېمىسىغا نىسبەتەن بىر قەدەر چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا ياش، ياشانغان بىمار بولسا، ھەتتا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خىل ئېغىر كېسەللىك

3. ھەزىم قىلىشى نورمالسىز بولۇش
ھەزىم قىلىش يولىدىكى نورمالسىز رېئاكسىيە تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئاساسلىقى كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بىماردا ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، قان ئازلىق مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
4. سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسى
قان ئازلىق كېسىلى بىمارلىرىدا ئاقسىل سىيىش ھەمدە سۈيدۈك قويۇقلىشىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ بۆرەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋال. بۆرەك قان ئايلىنىشقا بەكرەك تايىنىدۇ، ئەگەر قان ئايلىنىش سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچرىسا ياكى قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش تەدرىجىي ئازىيىپ كەتسە، بۆرەك ئىقتىدارى شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى بار بىمارلىرى كېيىنكى مەزگىلگە بارغاندا سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ.

قان ئازلىقنى بالدۇر بايقاش ھەمدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئەگەر باشقا كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قان ئازلىق مەسىلىسى بولسا، دەرھال ئەسلى كېسەللىكنى كونترول قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى