ساغلاملىق

بالىلارنىڭ دىئابىت بولغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز

جەمىئەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بالىلارنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسپىتىمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە، كۆپىنچە ئاتا- ئانىلار بدلىلارنىڭ دىئابىت كېسەللىكىگە نىسپەتەن بىلىملىرى كەمچىل بولغاچقا كېسەلنى ۋاقتىدا بايقىمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداق بولسا ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىنى تۇلۇقلازش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى.

بىرىنچى. تۇيۇقسىز بالىنىڭ سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىپ كېتىدۇ، نەچچە يىلدىن بىرى كارۋاتىغا سىيمەيدىغان بالا تۇيۇقسىزلا ئۇدا نەچچە قېتىم كارۋىتىغا سىيىپ قۇيۇشتەك ھادىسە يۈز بىرىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاتا- ئانىلار چۇقۇم بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ سۈيدۈك قان قەنتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئىككىنچى. كۆپ قېتىم ئۇسساش ھادىسىسى يۈز بەرسە، بولۇپمۇ يېرىم كېچىدە تولا ئۇسساپ سۇ ئىچىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە.

ئۈچۈنچىدىن . تۇيۇقسىز ياداپ كەتسە، بالىلار ھازىر ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلدە بولغاچقا ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ بېرىشى كېرەك، تۇيۇقسىز بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كىتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارىسا بولمايدۇ.

تۆتىنچىدىن.روھسىز ،كۈچسىز. بالىلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى بولسا ھەركىتى كۆپ ، كەپسىز ۋاقىتلىرى، بىراق بالىڭىزدا سىرىتقا چىقىپ باشقا بالىلاربىلەن ئويناشنى ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان، جىمغۇر ، روھسىز ، روھى ھالىتى چۈشكۈن قاتارلىق ئالەمەتلەر بولسا ئۇنداقتا بۇ بالىڭىزنىڭ دىئابىت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بەشىنچى.تاماق مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، ئادەتتى بالىلار كۆپ يەيدىغان بولۇپ كەتسە ئاتا – ئانىلار بى دىگەن بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلۋاتقان مەزگىلى بۇنداق كۆپ تاماق يىيىشى نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ، بىراق بۇنىڭغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ئالتىنچى . ئاسان يۇقۇملىنىپ قېلىش، بىرەر يېرى يۇقۇملىنىپ قالسا ئاسانلىقچە ئەسلىگە كىلەلمەسلىك. Ⅰتىپلىق دىئابىتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا – يۇقۇملاندۇرغۇچى مىكروپلار ئېنسۇلىن ئاجىرالمىلىرى كەمچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەتتىنچى. كۆپ قېتىم ئىچى سۈرۈش ۋە ياندۇرۇش ئالەمەتلىرى كۆرىلىدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاسانلا خاتا دىئاگىنوزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى ئاساسەن ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى دەپ دىئاگىنوز قۇيۇش ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىدۇ-دە؛ ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارايدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى