ساغلاملىق

دىئابېت بىمارلىرى تۇخۇم يېسە بولامدۇ ؟

تۇخۇم ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغان، تەركىبىدە ئاسان قوبۇل قىلىنىدىغان ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولغان يېمەكلىك. بىر دانە تۇخۇم يېگەندە ئوخشاش مىقداردىكى ئاشلىقنى يېگەنگە قارىغاندا قورساق ئاسانلىقچە ئاچمايدۇ. شۇڭا، مەيلى ئاساسلىق تاماق ياكى قوشۇمچە تاماق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۇخۇم ئىستېمال قىلىنسا، ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، لېكىن تۇخۇمنىڭمۇ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە خولېستېرىن كۆپ، شۇڭا يەنىلا تۇخۇمنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر دېئابېت بىمارى كۈندە بىر تۇخۇم ئېستېمال قىلسا مۇۋاپىق. بۇنداق بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقىغا ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق ۋە ماي توخو تۇخۇمىنىڭكىدىن كۆپ. قىزىل پوستلىق تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق ۋە ماي ئاق پوستلىق تۇخۇمنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، تۇخۇم يېگەندە ئويلىنىپ بېقىپ، قايسىنى يېسە مۇۋاپىق بولسا، شۇنى يېيىش كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى