ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن تۆت باسقۇچلۇق سۈيدۈك شېكىرىنى تەكشۈرىمىز؟

تۆت باسقۇچتىكى سۈيدۈك شېكىرى بىر كۈن ئىچىدىكى 24 سائەتلىك قان شېكىرىنىڭ سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىمارنىڭ بۆرەك شېكەر بوسۇغىسى نورمال بولۇش شەرتى ئاستىدا، كلىنكىدا تۆت باسقۇچلۇق سۈيدۈك شېكىرىگە ئاساسەن ئىنسۇلىن ۋە قان شېكىرىنى تۆەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ مىقدارى تەڭشىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتىكى سۈيدۈك شېكىرى، ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىنكى چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇنقى بىر مەزگىل ۋاقىتتىكى سۈيدۈك شېكىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

ئىككىن باسقۇچ: چۈشلۈك تاماقتىن تارتىپ كەچلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ: كەچلىك تاماقتىن باشلاپ ئۇخلىغىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. 

تۆتىنچى باسقۇچ: ئۇخلىغىچە تارتىپ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. باسقۇچلۇق سۈيدۈك شېكىرى بىلەن نۇقتىلىق سۈيدۈك شېكىرى ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسى بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى كۆپ قېتىملىق سۈيدۈكنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى بولسا بىر قېتىملىق سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى