ساغلاملىق

دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەكمۇ؟

قانداق قىلغاندا كېسەلنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا مۇھىمى يەنىلا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش. ئادەم 40 ياشتىن ئاشقاندا چوقۇم قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك.

تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى ئادەتتە قاننى بىئوخىمىيىلىك تەكشۈرتۈش، رېنتگېندە تەكشۈرۈش، ئېلېكتروكارېىئوگراممىدا تەكشۈرۈش، b تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، لېكىن مەلۇم ئارىلىقتا ئەھۋالغا ئاساسەن تاللاپ تەكشۈرتسە بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى پايدىلىنىشىڭىزغا سۇندۇق.

21 ياشتىن كېيىن قەرەللىك قان بېسىمنى تەكشۈرتۈش. 30 ياشتىن كېيىن قەرەللىك ھالدا قاندىكى ماي مىقدارىنى تەكشۈرتۈش. 40 ياشتىن كېيىن قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئائىلىسىدە دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولغانلار ئامال بار سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى بالدۇر باشلىشى، يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرىشى كېرەك. خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى يۇقىرىلار يۇقىرى قان بېسىم كېسەللېكىنى، زىيادە سېمىزلەر قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسەللېكىنى، ياشانغاندا سەمرىپ كەتكۈچىلەر دىئابېت كېسەللىكلىرىنى ئويلىشىش كېرەك. دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بايقالغاندا، تەخمىنەن سەككىز يىللار بولغان بولىدۇ.

ئاياللار 20-30 ياش ئەتراپىدا ئۈچ يىلدا بىر قېتىم مەخسۇس دوختۇرغا ئەمچىكىنى تەكشۈرتۈشى، 40 ياشتىن ئاشقاندا تەكشۈرتۈش ئارىلىقىنى قىسقارتىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق سۈت بېزى راكى بار-يوقلۇقىغا بالدۇر دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بالىياتقۇ بوينىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينى راكى بار-يوقلۇقىغا بالدۇر دىئاگنوز قويۇش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.

ئەرلەر 50 ياشتىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم مەزى بېزىنى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ، مەقئەتتىن مەزى بېزىنى تەكشۈرتۈش ۋە قاندىكى مەزى بېزى ئالاھىدە ئانتىگېنى (PSA) نى تەكشۈرتۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كۆكرەكنى رېنتگېن نۇرىدا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۆپكە راكىنى ئېنىقلاش، قاندىكى راك تۆرەلمە ئانتىگېنى (CE) ۋە (AFP) تەكشۈرتۈش ئارقىلىق جىگەر راكى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش، زۆرۈر بولغاندا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق جىگەر، بۆرەك ۋە مەزى بېزى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك.

سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىش، قايسى تۈرلەرنى تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارنى تەجرىبىلىك دوختۇرلار بەلگىلەيدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىمۇ تەجرىبىلىك دوختۇرلار ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىك داۋالاش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بىز قانداقتۇر قورقۇنچلۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىممۇ دەپ ھەددىدىن زىيادە چۆچۈپ كەتمەسلىكىمىز ياكى ئۇنىڭغا زىيادە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر سالامەتلىك تەكشۈرتۈش زىيادە چىقىم قىلىش دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققانلار تېخىمۇ شۇنداق. كېسەلنى ۋاقتىدا بايقىمىسا خەجلىگەن پۇلى كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان ئازابنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە خەجلىگەن پۇل، ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا خەجلىگەن پۇلغا قارىغاندا كۆپ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى