ساغلاملىق

دىئابېت بىمارلىرىدا نېمە ئۈچۈن تاماقتىن بۇرۇن قورسىقى چىدىغۇسىز ئېچىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؟

بەزى دىئابېت بىمارلىرىدا دەسلەپتە «ئۈچ كۆپلۈك» ئالامىتى كۆرۈلمەي، تاماقتىن بۇرۇن قورسىقى چىدىغۇسىز ئېچىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەر ئۆزىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئۆزىنىڭ دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ ھەم تەكشۈرتمەيدۇ. قورساقنىڭ بالدۇر ئېچىشىنى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ كېچىكىشىنىڭ قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن ماس بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ساغلام ئادەملەردە ئىنسۇلىننىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى قان شېكىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولىدۇ. قاندىكى شېكەر يۇقىرىلسا، ئىنسۇلىن دەرھال كۆپىيىپ شېكەرنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. قاندىكى شېكەر تۆۋەنلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىئابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياكى قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاۋاتقان مەزگىلىدە ئىنسۇلىن ئاجرىلىشى كۆرۈنەرلىك ئازلىمايدۇ، لېكىن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلەيدۇ ۋە قان شېكىرى بىلەن بىردەك بولمايدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئۆرلىگەندە، ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقمىسا، قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئۆرلىگەندە، ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقمىسا، قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر قېتىملىق تاماقتىن ئىلگىرىكى قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر قېتىملىق تاماقتىن ئىلگىرىكى قاندىكى شېكەر تۆۋەنلىگەندە، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئەكسىچە يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. نەتىجىدە قان شېكىرى تۆۋەنلەپ، تاماقتىن ئىلگىرىكى قورساقنىڭ چىدىغۇسىز ئېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېيىنچە كېسەللىك تەرەققىياتىدا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بارغانسېرى ئازلاپ، بۇ خىل تاماقتىن ئىلگىرىكى قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنە تەكرارلانمايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ياخشىلىنىشى بولماستىن بەلكى ئېغىرلىشىشىدۇر. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى