ساغلاملىق

قەنت كېسىلى بارلار ئاسانلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بارلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ ‹‹قەنت كېسىلى ۋە پەرۋىش›› ژۇرنىلىنىڭ يېقىندىكى  خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يۈرەك، ئۆپكە ۋە قان تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن 3400 كىشىنى ئۇزاق مەزگىل تەكشۈرۈشىدىن بايقىشىچە، سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بار ئاياللاردىن %80كە يېقىنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بار ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 87%كە يېتىدىكەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، سېمىزلىك بىلەن قەنت كېسىلى قوشكېزەك بولۇپ، قەنت كېسىلى يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسىي سەۋەب ئىكەن، سېمىزلىك بولسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ھەم قەنت كېسىلى يوق ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %34؛ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، بىراق قەنت كېسىلى بار ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %55؛ قەنت كېسىلى يوق سېمىز ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %67 ئىكەن. سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بار ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %87كە يېتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، قەنت كېسلى پەيدا قىلغان يۈرەك ئاغرىقلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2050 – يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكىدا قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى 48 مىليونغا كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى