تەرمىلەر

بېتخوۋېن نېمە سەۋەبتىن گاس بولۇپ قالغان؟

 

ھەممىمىزگە مەلۇمكى بېتخوۋېن ئىنتايىن داڭلىق مۇزىكانت.

گاسلىقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ تالانت ئىگىسى، «خېيلېگېنستاد ۋەسىيەتنامىسى»دە ئۆزىنىڭ گاس بولۇپ قېلىش سەۋەبىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ئىلتىجا قىلغان. بىز ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلاش ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان جاۋابنى تېپىپ چىقتۇق.

بېتخوۋېن نېمە سەۋەبتىن گاس بولۇپ قالغان؟

كېسەللىك چىرمىغان تالانت ئىگىسى

رومىن روللاننىڭ «بېتخوۋېننىڭ تەرجىمھالى» ناملىق ئەسىرىدە بېتخوۋېننىڭ ھەممە ئادەمگە يادا بولۇپ كەتكەن مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: «مەن تەقدىرنىڭ كانىيىنى سىقىمەنكى، ھەرگىز مەغلۇب بولمايمەن!» بېتخوۋېننى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان دېگەندىن كۆرە، بىر ئۆمۈر چىرمىۋالغان ئاغرىق ئازابى بىلەن كۈرەش قىلغان دېيىش مۇۋاپىقراق بولسا كېرەك.

بېتخوۋېننىڭ تېنى 17 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ساغلام ئىدى، ئەمما بىر قېتىملىق نەپەس يولى يۇقۇملىنىش بىلەن كېسەل ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشىۋالدى.

1792-يىلى 22 ياشلىق بېتخوۋېن تۇنجى قېتىم قورساق ئاغرىقى ۋە ئىچ سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ بوغۇم ياللۇغىمۇ ئەدەشكە باشلىدى. ئۇزۇن يىل قورساق ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان بېتخوۋېن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سېرىقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپلا قالماي يەنە قان قۇسىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى، ئۇنىڭ جىگەر كېسىلىمۇ كۈنسېرى ئېغىرلاشتى.

https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=g05163nut07

(بېتخوۋېننىڭ «ئايدىڭ مۇزىكىسى»نى ئاڭلاپ بېقىڭ)

ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى يۈزى سېرىقداپ، سۈيدۈكىمۇ ئازلاپ، قورساق سۇلۇق ئىششىقى پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئۇ كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى قورسىقىدىن تۆت قېتىم سۇ ئېلىنغان. ھازىرقى زامان تېبابەت ئىلمىگە ئاساسلانغاندا، قورساققا سۇ يىغىلىش ۋە كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭسىزلىقى نەپەس قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيدا بولغان ھوشسىزلىنىش، جىگەر ۋە بۆرەك زەئىپلىشىش بېتخوۋېننىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىۋاسىتە سەۋەب بولۇپ قالغان.

بېتخوۋېن دوستلىرى بىلەن بارغانچە يوغىناۋاتقان قورسىقى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا ھېچقانداق ئازابلىنىش تۇيغۇسىدا بولمىغان، ئەمما بارا-بارا ئېغىرلىشىۋاتقان قۇلىقى ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا ئىنتايىن ئازابلانغان.

1801-يىلى 26 ياشلىق بېتخوۋېن خېتىدە تۇنجى قېتىم قۇلىقىنىڭ كېسىلى توغرىسىدا گەپ قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى خەت-چەكلىرىدە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. دەسلەپتە تۇيۇقسىز سول قۇلىقى يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋازلارنى پەرق ئېتەلمەسلىك، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا-ئاستا قۇلاق غوڭۇلداش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، كېسەللىك ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ، 56 يېشىدا سول قۇلىقى، 57 يېشىدا ئىككىلا قۇلىقى گاس بولۇپ قالغان.

يەتكۈچە ئازاب تارتقان بۇ تەڭداشسىز مۇزىكانت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى جەسىتىنى تەتقىق قىلىپ كېيىنكى كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن گاس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان. ئەمما كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ئاناتومىيە دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنماي تۇرۇپلا، پىتنە-ئىغۋا ھەممە يەرگە تارقىلىپ كەتكەن. «بېتخوۋېننىڭ گاسلىقىنى سىفلىس كەلتۈرۈپ چىقارغان!» دېگەن مىش-مىش گەپلەر ھازىرمۇ بار. ئەمما ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلانساق، بۇ گەپنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.

ساياھەت قىلىش تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ سىفلىس بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغان. گەرچە بېتخوۋېن تالانتلىق ئادەم بولسىمۇ، ئەمما رومانتىك ئەمەس. تاشقى قىياپىتى سەت بولغاچقا، ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان، بۇ تالانتلىق كومپوزىتورنىڭ ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارغا قارىتا مۇتەئەسسىپ قارىشى بار ئىدى. ئۇ ھەتتا دوستىنىڭ باشقىلارنىڭ ئايالىنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن.

كلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، سىفلىس نەزەرىيىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. گەرچە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى دەۋرىدىكى تېببىي ئىلىم ئىنتايىن قالاق بولسىمۇ، ئەمما سىفلىستىن ئىبارەت بۇ خىل ئىپادىلىنىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش تەس ئەمەس ئىدى. بېتخوۋېننىڭ ماتېرىياللىرى ئىچىدىن دوختۇرنىڭ سىفلىسقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق كۆرسەتمىسى تېپىلمىغان. جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ سىفلىس توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

 

بېتخوۋېن نېمە سەۋەبتىن گاس بولۇپ قالغان؟

 

ھەر خىل دىئاگنوز

ھازىرغا قەدەر ماگىستىرلىق ئىمتىھانىنىڭ ماقالىلىرىدىمۇ بېتخوۋېننىڭ گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان كېسەللىك سەۋەبلىرى خىلمۇ-خىل كۆرسىتىلگەن. گاسلىقنى چوڭ جەھەتتىن كوندۇكتىپلىق گاسلىق ۋە نېرۋا خاراكتېرلىق گاسلىق دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بېتخوۋېن كوندۇكتىپلىق گاسلىققا گىرىپتار بولغان دېگۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان كېسەللىك سەۋەبى قۇلاق قېتىشىش كېسەللىكى بولۇپ، بۇ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قۇلاق سۆڭەك ماددىسى كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتىدە ئىككى قۇلاق ياكى بىر قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە قۇلاق غوڭۇلداش ۋە باش قېيىش ئالامىتىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇلار بېتخوۋېننىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا قۇلاق سۆڭىكى قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، كۆپىنچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا كۆرۈلىدۇ، بۇ بېتخوۋېننىڭ ئىرقى ۋە كېسەل بولۇش ۋاقتىغىمۇ ماس كېلىدۇ.

ئەمما بۇ نەزەرىيىنىڭ بىر چوڭ ئاجىزلىقىمۇ بار. ئالدى بىلەن كوندۇكتىپلىق گاسلىق ئەمەلىي ئاساسى كەڭ تارقالغان بىر فىزىكا ھېكايىسىدىن كەلگەن. بېتخوۋېن ئاڭلاش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۇزاققىچە سۆڭەك كوندېكسىيەلىك ئاڭلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان يەنى ياغاچ تاياقنىڭ بىر ئۇچىنى چىشلەپ، يەنە بىر ئۇچىنى پىئانىنوغا تىرەپ تۇرۇپ چالغان مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان.

ئەمەلىيەتتە، بۇ گەپنىڭ يازما ئىسپاتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېتخوۋېن نۇرغۇن ئاڭلاش ئەسۋابىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۈنۈمىنىڭ ناچارلىقىدىن ئاغرىنغان.

ئىككىنچىدىن، بېتخوۋېننىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ نەزەرىيەنى قوللىمايدۇ. دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلغان چاغدا چېكە سۆڭەكنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش يەنە يۇتقۇنچاق، ئوتتۇرا قۇلاق بوشلۇقى ۋە ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن ئاناتومىيىلىك دوكلاتتا تۇخۇمسىمان روجەكنىڭ نورمالسىزلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەكسىچە قۇلاق نېرۋىسىنىڭ نورمالسىزلىقى توغرىسىدا: «ئاڭلاش نېرۋىسى يىگىلىگەن، يىلىك ماددىسى يوق» دەپ يېزىلغان.

https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=a0518hll27w

كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن قارىغاندا، نېرۋا خاراكتېرلىق گاسلىق دېگۈچىلەر يەنە نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى چىقارغان. بەزى دوختۇرلار كومپوزىتورنىڭ قورساق قىسمىدىكى روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىغاندا، بېتخوۋېننىڭ IBD بىمارى بولۇشى مۇمكىنلېكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ گاسلىقى ۋە جىگىرىنىڭ قېتىشىشى ئۈچەي يولى سىرتىدا ئىپادىلەنگەن ئىممۇنىتېتنى كونترول قىلىش مەسىلىسى دەپ قارالغان.

مۇشۇ ئاساستا 2016-يىلى، خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئۈچ پروفېسسورى ماقالە ئېلان قىلىپ، بېتخوۋېن ئىممۇنىتېت ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دەپ قارىغان.

پەقەت كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى نۇقتىسىدىنلا ئېيتقاندا، ئىممۇنىتېت ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى دېيىش ئاساسەن توغرا. بۇ كېسەللىك نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ۋە بوغۇم ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ، بۇلار بېتخوۋېننىڭ ياش ۋاقتىدىكى كېسەللىك تارىخى بىلەن بىردەك. ئىممۇنىتېت ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كۆپ ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىرى بولسا مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، باش قېيىش، باشقا ئەزالاردىكى قان تومۇرلارنىڭ كۈچىشى، بوغۇم ياللۇغى، جىگەر يوغىناش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان كېسەللىكلەر بولۇپ، بۇ ئىپادىلەرنىڭ ھەممىسى بېتخوۋېننىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ ماتېرىياللارمۇ نىسبەتەن ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت ئۇنىۋېرسال كېسەللېكىنىڭ گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى جەھەتتىكى قايىل قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلېكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆزىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئادەتتە ئىككى تەرەپلىك ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىش، ئىككى قۇلاقتا تەڭ قوزغىلىش، داۋالغۇشچانلىق ۋە كېڭىيىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. كېسەللىك دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئىممۇنىتېت ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئادەتتە بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا يوقىلىپ كېتىدىكەن، ئەمما بېتخوۋېننىڭ گاسلىقى ئۇنىڭ بىر قۇلىقىدىن باشلانغان، ھەم ئۇنى 30 يىل قىينىغان.

 

بېتخوۋېن نېمە سەۋەبتىن گاس بولۇپ قالغان؟

بۇ ئىككى چوڭ قاراشتىكېلەردىن باشقا، داۋالاش سەھنىسىدە يەنە باشقا نۇرغۇن گەپلەر بار: مەسىلەن پاگېت سۆڭەك كېسىلى، ئەسۋىلىك كېزىك، بۆرە چاقىسى قاتارلىقلار. بېتخوۋېن بەلكىم مۇزىكا كەسپىدىن باشقا يەنە داۋالاش ساھەسىدىكىلەر ئىچىدىمۇ بۇنچە غۇلغۇلا قوزغىشىنى ئويلىمىغان بولغىيتتى. بىراق بۇ يىل ئېلان قىلىنغان ئالاھىدە كېسەللىك مىسالى دوكلاتى بېتخوۋېننىڭ گاس بولۇپ قېلىشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

بېتخوۋېن زەھەرلىنىشتىن گاس بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا سۇفۇبى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش بازىرىدا بېتخوۋېننىڭ بىر تۇتام چېچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 300 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بېتخوۋېننىڭ چېچى ھەتتا كاربونلاشتۇرۇلۇپ كۆك ئالماسقا ئايلاندۇرۇلغان ئىدى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئىنتايىن يۇقىرى يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە بولۇشتىن ئاۋۋال، بېتخوۋېننىڭ بۇ چاچلىرى ئالدى بىلەن تىببىي جەھەتتىكى بۇرچىنى ئادا قىلغان.

2000-يىلى «ئوپېراتسىيە پىچىقى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر پارچە ماقالىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىنىڭ بېتخوۋېننىڭ چېچىدا مېتال جىسىم تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغانلىقى ھەمدە قوغۇشۇن ئېلېمېنتىنىڭ نورمال قىممەتتىن 100 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى، بېتخوۋېننىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭغا قارىتا دوختۇرلار ئىنتايىن ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتقان، چۈنكى بېتخوۋېن دەۋرىدىكى دوختۇرلار قوغۇشۇن ھاسىل قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىمارلىرىنى داۋالاشنى ياخشى كۆرەتتى، چاچ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ مول بولۇشىنى بەلكىم ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلغان بەزى دورىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئەھۋالمۇ ئۇنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەنلېكىنى قىسمەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

2005-يىلى، دوختۇرلار بېتخوۋېننىڭ DNAسى ئارقىلىق دەلىللەنگەن چوققا باش سۆڭىكى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەنلىكى ئايان بولغان. سۆڭەكتىن بايقالغان قوغۇشۇن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ بۇ بېتخوۋېننىڭ ئاستا خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەنلېكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدىكى بىر پارچە كېسەللىك دوكلاتى بۇ قاراشنى كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىتالىيەدىكى بىر ئايالنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ كەتكەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ماغدۇرسىزلىنىش ئالامىتىمۇ كۆرۈلگەن، يۇقىرى مۈچە سېزىمى نورمالسىزلاشقان ۋە قورسىقى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى باھالاشتا ئاۋاز چاستوتىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان. تەتقىقاتچىلار بىمارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنىڭ تارىخى بېتخوۋېننىڭ كلىنىكىلىق كېسەللىك جەريانى بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ دەپ قارىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئايالنىڭ قېنىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى نورمال قىممەتتىن كۆپ يۇقىرى چىققان. ھەمدە بۇ ئايالنىڭ قوغۇشۇن قەۋەتلىك قازاندا تاماق ئېتىپ يەيدىغانلىقى ئايان بولغان. داۋالاشتىن كېيىن بىمارنىڭ قورسىقى ئاغرىش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى تولۇق يېنىكلىگەن، قۇلىقىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا داۋالاپ ساقايتىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=g0529n7yhkx

بېتخوۋېن قانداق قىلىپ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ قالغان؟

بەزىلەر ئۇنى بۇلغانغان يېمەكلىكتىن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. بېتخوۋېن ناچار سۈپەتلىك ۋېنگرىيە ئۈزۈم ھارىقىنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ خىل ھاراقنىڭ پۇرىقى ۋە تاتلىقلىقى ئۇنىڭغا قوشۇلغان قوغۇشۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەلكىم بۇ پەقەت رومكىدىكى مەسىلە بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ئەينەكتىن ياسىلىدىغان بويۇملارغا قوغۇشۇن قوشۇش ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسى ئىدى.

.

تېببىي ئالىملار بېتخوۋېننى تەتقىق قىلىشقا نېمە ئۈچۈن قىزغىن بولىدۇ؟ باش سۆڭەك ئانالىزىغا قاتناشقان دوختۇر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە دوختۇرنىڭ دېگەنلىرى بۇنىڭ جاۋابى بولۇشى مۇمكىن.

«ئەمەلىيەتتە، تىببىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىدىغان بىتخوۋېن، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدا يېزىلغىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ قايىل بولۇشقا ئەرزىيدۇ. مەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇق نادىر ئەسىرى «توققۇزىنچى سىمفونىيە»نى قانداق ئورۇندىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بۇ پەقەت مۇزىكا جەھەتتىكى مۆجىزە بولۇپلا قالماستىن، يەنە تىببىي ساھەدىكىمۇ مۆجىزە.»

جوڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى شياڭيا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق پەنلەر ماگىستىرى ۋاڭ ياچۈەننىڭ مۇنداق دېدى: «بېتخوۋېننىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى يوقىتىشى يەنىلا ئىنسانىيەت تارىخىدا ھەل قىلىنمىغان بىر سىر، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىلمى، چېكە سۆڭەك توقۇلما ئىلمى ۋە قان كېسەللىكى جەھەتلەردىكى دەلىل-ئىسپاتلار يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھازىرقى پەرەزلەرنىڭ بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان نەزەرىيىۋى سىستېما تىرىكى يوق. ھازىر بار بولغان ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئۇنىڭ گاس بولۇپ قېلىشىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك چۈشەندۈرۈش بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇ ھەقتە يەنىلا داۋاملىق ئىزدىنىشقا توغرا كېلىدۇ.»

https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=t0901uwdjdi

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى