ساغلاملىق

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى نېمە ئۈچۈن ئاسانلا ھېق تۇتۇپ قالىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى دائىم ھېق تۇتۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، بوۋىقىم كېسەل بولۇپ قالغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھېق تۇتۇش بوۋاقلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، كېسەللىك ھېسابلانمايدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى نېمە ئۈچۈن ئاسانلا ھېق تۇتۇپ قالىدۇ؟

دىئافراگما مۇسكۇلى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ناھايىتى نېپىز بىر پارچە مۇسكۇل بولۇپ، ئۇ كۆكرەك بوشلۇقى بىلەن قورساق بوشلۇقىنى ئايرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسلىق نەپەسلىنىش مۇسكۇلى ھېسابلىنىدۇ. دىئافراگما مۇسكۇلى قىسقارغاندا، كۆكرەك بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، نەپەس ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىئافراگما مۇسكۇلى بوشىغاندا، كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ سىغىمى ئازىيىپ، نەپەس چىقىرىش پەيدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا نېرۋىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، دىئافراگما مۇسكۇلى ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان ۋېگېتاتىپ نېرۋىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بوۋاق يېنىك دەرىجىدە غىدىقلانسا، مەسىلەن، سوغۇق ھاۋا سۈمۈرۈۋالسا، تاماق يېيىش بەك تېز بولۇپ كەتسە، دىيافراگما مۇسكۇلى تۇيۇقسىز قىسقىراپ دەرھال نەپەس ئالىدۇ، ئاۋاز پەردىسى چىڭ تارتىلىپ ھېق تۇتۇش كۆرۈلىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ ھېق تۇتۇش ھادىسىلىرىمۇ تەدرىجىي ئازىيىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھېق تۇتقانلىقىدىن قورقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بوۋاق دائىم سۈت ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ھېق تۇتىدۇ، بۇنىڭ %80 تى سۈت ئەمگەندە ھاۋا سۈمۈرۋالغانلىقتىن بولىدۇ. ھېق تۇتقاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىلمان قايناق سۇ ئىچكۈزسە ياكى دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ بەرسە ھېق تۇتۇش توختاپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قول بارمىقىمىز بىلەن بالىنىڭ تاپىنىغا چېكىپ قويساق، ھېق تۇتۇشنى توختىتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى