ئالەم

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

ئىلىم-پەن ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى ۋە ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى چۈشىنىش قورالى، ئۇ ئىنسانلارنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىق قىممىتىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. ئىنسانلار ئىلىم-پەن دەۋرىگە كىرىشتىن ئىلگىرى، بۇ دۇنياغا بولغان تونۇشى ئاساسەن نۆل ئىدى.

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

ئىلىم-پەن ساھەسىدە نۇرغۇن تارماقلار بولۇپ، فىزىكا كۆپلىگەن تارماقلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ پەن ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە ئالەمنىڭ سىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، فىزىكا قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، دەل ئىنسانلار فىزىكىسىدىكى چوڭ ھالقىش، ئىنسانلار مەدەنىيىتىدە چوڭ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. فىزىكا ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىشىنىڭ مۇھىم يولى.

فىزىكا ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، دۇنياغا مەشھۇر ئۇلۇغ ئالىملارمۇ ئاساسەن فىزىكا ئالىملىرىدۇر. مەسىلەن، نيۇتون، ئېينىشتېيىن ۋە خاۋكىڭ قاتارلىقلار، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن ئىزدىنىش يولىنى ئالغا سىلجىتقان. گالىلېي فىزىكىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، نيۇتون مېخانىكىغا ئاساس سېلىپ، بىزگە ئالەم ئاسمان جىسىملىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇتتى، ئېينىشتېين زامان ۋە ماكاننىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، بىزگە ئالەمنىڭ سىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇتتى.

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

يۇقىرىقى ماكرو شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان فىزىكا نەزەرىيەلىرىدىن باشقا، ئىنسانلار يەنە دەسلەپكى قەدەمدە مىكرو دۇنيانىڭ دەرۋازىسىغا قەدەم قويدى، مىكرو سىرلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولسا كىۋانت مېخانىكىسى دەپ ئاتالدى، ئۇ 21- ئەسىردىكى فىزىكا ئالىملىرى نۇقتىلىق ئىزدىنىدىغان ئىلمىي يۆنىلىش.

ماكرو ۋە مىكرو جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات جەريانىدا، فىزىكا ئالىملىرى بىلىشىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بەزى فىزىكا نەزەرىيەلىرىنى بايقىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىسپاتلاندى. شۇنداق بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، ئىسپاتلىنىپ بولغان فىزىكا نەزەرىيەسىنى بەزىلەر نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ؟ بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىز بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ قاراش ئاغدۇرۇلغان فىزىكا نەزەرىيىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

1. يورۇقلۇق تېزلېكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك نەزەرىيەسى

سۈرئەت ئىنسانلارنىڭ دۇنيانىڭ سىرى ۋە ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم تارازا تېشى، سۈرئەتنىڭ ئەۋزەللىكى بولمىسا، بىز يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقالمايمىز، يەر شارىدىن چىقىپ ئالەم ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىشىمىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئالىملار تېزلىكتىكى بۆسۈشنى ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كەلگەن، ئەمما ئېينىشتېيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى «يورۇقلۇق تېزلېكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، يورۇقلۇق تېزلىكى بىر تۇراقلىق سان بولۇپ، ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. ھەرقانداق تېزلىك بىلەن يورۇقلۇق تېزلېكىنى قوشقاندا، پەقەت يورۇقلۇق تېزلىكىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، يورۇقلۇق تېزلىكى ئالەمدىكى ئەڭ تېز ماددىي سۈرئەت ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق ماسسىلىق جىسىم يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېتەلمەيدۇ.

«يورۇقلۇق تېزلېكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پرىنسىپى» توغرىمۇ؟ ئالىملار كۆپ مىقداردا دەلىللەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان، شۇنداقلا، ماسسىسى بار جىسىملارنىڭ ھەقىقەتەن مەڭگۈ يورۇقلۇق تېزلىكىگە يىتەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق نەتىجىنى كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

بىزنىڭ تونۇشىمىزدا، سۈرئەت چەكسىز بولىدۇ، ئالەم كېمىسىگە چەكسىز ئېنېرگىيە بېرەلىسەكلا، سۈرئەت چەكسىز تېزلىشىدۇ. ئەمما، تەجرىبە نەتىجىسى بىزگە تېزلىكنىڭ چەكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ مەلۇم بىر چېكى بولىدىغانلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

يورۇقلۇق تېزلىكى بىز ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەت، لېكىن چەكسىز ئالەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت تاشپاقا سۈرئىتى ھېسابلىنىدۇ. سامانيولى سىستېمىسىنىڭ دىئامېتىرى 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىدە 100 مىڭ يىلدا ئاندىن ئۇنى كېسىپ ئۆتكىلى بولىدۇ. سامانيولى سىستېمىسى بىپايان ئالەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت بىر تال چاڭ ـ توزان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ كۆزىتىش دائىرىسى تەخمىنەن 93 مىليارد يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، ئەگەر يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچسا، 93 مىليارد يىلدا ئاندىن كۆزەتكىلى بولىدىغان ئالەم سىرتىغا چىققىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.

93 مىليارد يىل كىشىنى نەقەدەر ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان سان-ھە، شۇڭا يورۇقلۇق تېزلىكى ئالەمدىكى ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى سۈرئەت بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنى چۈشەپ قويغان، ئەگەر يورۇقلۇق تېزلىكىدىن بۆسۈپ ئۆتەلمىسە، ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ چەكلىك بوشلۇقتا قاپسېلىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چەكلىك بوشلۇق چەكلىك بايلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، بايلىق بولمىسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىمۇ ئاخىرلىشىدۇ.

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

2. غەلىتە كىۋانتنىڭ قاتلىنىشى

بىزگە مەلۇمكى، ماكرو دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە مىكرو دۇنيا بار، مىكرو دۇنيا توغرىسىدىكى پەننى بىز كىۋانت مېخانىكىسى دەپ ئاتايمىز. كىۋانت مېخانىكىسىدا نۇرغۇن ھادىسىلەر ماكرو نەزەرىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. مەسىلەن، غەلىتە كىۋانت قاتلىنىشى.

ئاتالمىش كىۋانتنىڭ قاتلىنىشى دېگىنىمىز، بىر كىۋانت سىستېمىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىۋانت ھالىتىنىڭ قاتلىنىش ھالىتىدە تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەشھۇر «شرودىنگېرنىڭ مۈشۈكى» نەزەرىيىسى ئوبرازلىق ھالدا «بىر مۈشۈك ھەم تىرىك، ھەم ئۆلۈك بولۇشى مۇمكىن» دەپ بايان قىلغان.

بىر مۈشۈك قانداقمۇ ھەم تىرىك ھەم ئۆلۈك بولسۇن؟ بۇ ماكرو دۇنيادا پۈتۈنلەي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغان ئىش، لېكىن كىۋانت مېخانىكىسىدا بۇ خىل غەلىتە ھادىسە ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ماكرو دۇنيارىمىزدا، شەيئىلەرنىڭ ھالىتى ئوخشاش ۋاقىت ۋە بوشلۇق نۇقتىسىدا تۇرغاندا، پەقەت بىرلا خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، سىز سول تەرەپتە تۇرسىڭىز، ئوڭ تەرەپتە سىز بولمايدۇ؛ سىز ھايات ۋاقتىڭىزدا، ئۆلۈم يۈز بەرمەيدۇ، سىز سولغا بۇرۇلغاندا، بىرلا ۋاقىتتا ئوڭغا بۇرۇلمايسىز.

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

بۇ ئىككى خىل پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھالەت ماكرو دۇنيادا بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ئەمما كىۋانت دۇنياسىدا بۇ خىل مۇمكىن بولمايدىغان ھالەت مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدۇ. كىۋانت دۇنياسىدا، سىز سول ۋە ئوڭ تەرەپتە تۇرغان ھالەتتە بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايسىز، سىز ھايات تۇرغان ھالەت بىلەن ئۆلگەن ھالەت بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بۇ ئىنتايىن غەلىتىمۇ قانداق؟ گەرچە، بۇ خىل نەتىجىنى كىشىلەر قوبۇل قىلالمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ھادىسە ئىلمىي دەلىللەنگەن.

3. كىۋانت ئەركىن ھەرىكەت ھادىسىسى

كىۋانت ئەركىن ھەرىكەت ھادىسىسى ئوخشاشلا كىۋانت دۇنياسىدىكى بىر ئاجايىپ ھادىسە، نۇرغۇن دوستلارنىڭ چۈش كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئۇ بولسىمۇ ئاجايىپ ئەركىن ھالدا تامنى كېسىپ ئۆتۈش. تامدىن تېشىپ ئۆتۈش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلار بەزى كىنولاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنداقتا رېئال دۇنيادا بۇنى قىلالايدىغان ئادەم بارمۇ؟ جاۋابى بولسا يوق.

مەيلى سىز قانچە قېتىم سىناپ بېقىڭ، ئالدىدىكى تامنى كېسىپ ئۆتەلمەيسىز. ماكرو دۇنيادا تامدىن تېشىپ ئۆتىدىغان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداقتا مىكرو كۋانىت دۇنياسىچۇ؟ ماكرو دۇنيادا يۈز بېرىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار مىكرو دۇنيادا يۈز بېرىدۇ.

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كىۋانت دۇنياسىدا زەررىچىنىڭ تامدىن تېشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى، زەررىچىنىڭ ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىنى ھېچقانداق نەرسە توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ماكرو شەيئىمۇ مىكرو زەررىچىلەردىن تەركىب تاپقان، زەررىچە تامدىن كېسىپ ئۆتەلىگەن ئىكەن، نەزەرىيە جەھەتتە ماكرو جىسىممۇ تامدىن كېسىپ ئۆتەلەيدۇ.

توغرا، ئېھتىماللىق ئىلمى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ماكرو جىسىملارمۇ بەلگىلىك ئېھتىماللىق بىلەن تامدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، مەسىلەن، ئادەم بەدىنىمۇ بەلگىلىك ئېھتىماللىق بىلەن تامدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. لېكىن رېئال دۇنيادا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئۇ نۆلگە چەكسىز يېقىن سانلىق قىممەتتۇر.

كىۋانت ئەركىن ھەركەت ھادىسىسىنى كىشىلەر تەستە قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىلاسسىك مېخانىكا ئۇقۇمىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇ بەلكىم ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. كىۋانت ئەركىن ھەرىكەت ھادىسىسى ئالىملارغا ئالەمنىڭ ماھىيىتى «ئېنىقسىز» بولۇشى، ھەرگىزمۇ بىز كۆرگەن تەرتىپلىك ئالەم بولماسلىقى مۇمكىنلېكىنى ئەسلىتىدۇ.

ئۈچ فىزىكا نەزەرىيىسى ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا يەنىلا تەس؟

يۇقىرىقى ئۈچ نەزەرىيە نۆۋەتتە ئالىملارنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشكەن ھەمدە كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدىغان فىزىكا نەزەرىيەسىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزگىچىلىك ۋە سىرلىقلىقنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزگە ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ يېتەرسىزلېكىنى، مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، يەنى، ئىلىم-پەن قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا بىز ئۇلارنى چۈشىنىشكە ئامالسىز، ئاساسلىقى، يەنىلا ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر ئارقىدا. ئالەم ئالدىدا، ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى ئىلمىي نەزەرىيەسى پۈتۈنلەي تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق دېيەرلىك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى