ئالەم

«ھەيران قالارلىق ئاز ئۇچرايدىغان» ئوت شارى مېتېئورىت پارچىلىرى

چەت ئەل تاراتقۇسى CNETنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر «ئوت شارى» مېتېئورىتى ئەنگلىيە ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلىغاندىن كېيىن، ئالىملار ئۇنىڭ يەر يۈزىگە چېچىلىپ ياتقان بىر قىسىم قىممەتلىك پارچىلىرىنى تاپقان. ئەنگلىيە تەبىئەت تارىخى مۇزېيىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قېتىم تېپىلغىنى ئەنگلىيەنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مېتېئورىت پارچىلىرى بولۇپ، ئۇ گلوستېر ناھىيەسىدىكى بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ماشىنا يولىغا چۈشكەن. مەزكۇر مۇزېي بۇ كاربونلۇق شارسىمان دانچىلىق مېتېئورىت تاشنى «كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئاز ئۇچرايدۇ» دەپ ئاتىغان، ھەمدە ئۇنىڭ مەنبەسىنى بۇنىڭدىن 4 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇياش سىستېمىسىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، دېگەن.

بۇ قاراڭغۇ ۋە ئاجىز تاغ جىنسى ۋىنچىكام بازىرىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنى «ۋىنچىكام مېتېئورىتى» دەپ ئاتىدى. بۇ مۇزېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كاربونلۇق شارسىمان دانچىلىق مېتېئورىت «مىنېرال ماددا ۋە ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ ئۆزىنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلېمېنتى بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن».

«ھەيران قالارلىق ئاز ئۇچرايدىغان» ئوت شارى مېتېئورىت پارچىلىرى

بۇ ئاز ئۇچرايدىغان مېتېئورىت تاش تەبىئەت تارىخى مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا رۇسسېل (Sara Russell)نى قاتتىق ھاياجانغا سالغان. ھازىرغا قەدەر، ئالىملار يەر يۈزىدىن 10.6 ئۇنسىيە (300 گىرام)گە يېقىن ئالەم بوشلۇقى تاغ جىنسلىرىنى تاپقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنى زور مىقداردىكى ماتېرىيال تەتقىقاتى بىلەن تەمىنلىگەن. Russellنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پارچىلار قارىماققا «لاچىن 2-نومۇر» ۋە Osiris-Rex ناملىق ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىدە توپلانغان ماتېرىياللارغا ئوخشايدىكەن.

ئەنگلىيە ئاقار يۇلتۇز كۆزىتىش تورى ئاقار يۇلتۇز ۋەقەلىرىنى ئىز قوغلاپ كۆرگەن پۇقرالارنىڭ ئىلمىي تەشكىلاتى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات فوتو ئاپپارات ئارقىلىق بۇ ئوت شارى ۋەقەسىنى سۈرەتكە ئالغان ھەمدە يوشۇرۇن پارچىسى چۈشكەن مەيدان ۋە ئاقار يۇلتۇزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كىچىكلىتىشكە ياردەم بەرگەن، ئۇنى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەنگلىيە ئاقار يۇلتۇز كۆزىتىش تورىنىڭ بىر باياناتىدا: «بۇ ھازىر يارىتىلىۋاتقان تارىخ بولۇپ، ئاقار يۇلتۇز فوتو ئاپپاراتى تورىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن بىر پارچە مېتېئورىت پارچىسىنى يىغىۋالدۇق، بۇ ئەنگلىيەدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش» دېدى.

مېتېئورىتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە يىغىۋېلىنىشى ۋە ياخشى ساقلىنىشى ئالىملارنى ئىپتىدائىي تەتقىقات ئەۋرىشكىگە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ، بۇنى ئالەم بوشلۇقىدىن قايتىپ كەلگەن كىچىك سەييارىلەر ماتېرىيالى تەتقىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. سارا رۇسسېل: «بۇ مۇتلەق ھالدا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق» دېدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى