تەبىئەت

نېمە ئۈچۈن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ؟

تەپسىلىي كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىغان بولساق بەزى ئوتخور ھايۋانلار، مەسىلەن، بۆكەن، زېبرا قاتارلىقلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ، ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىك ئوۋلىغۇچى ھايۋانلاردىن يولۋاس ياكى يىلپىز قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى دەل ئالدى تەرەپتە بولىدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ئوتخور ھايۋانلار بىلەن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ؟

كۆز ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ چەكسىز دۇنيانى سېزەلەيدىغان قورال بولۇپ، كۆزنىڭ ھايۋانلارنىڭ باش قىسمىدىكى ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى كۆرگەن شەيئىلەرگە بولغان سەزگۈسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. تۆۋەندە بىز ئوتخور ھايۋانلار بىلەن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.

بىيولوگىيەدە، ئالىملار تۈرى ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئۆسكەن ئورۇندىن پەيدا بولغان كۆرۈش سېزىمى ئۈنۈمى ۋە كۆرۈش دائىرىسى ئۈستىدە بىر قاتار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، ئۇلار ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ خىل ئىككى يانغا جايلاشقان كۆزنى بىر كۆزلۈك كۆرۈش سېزىمى دەپ ئاتىغان. بۇنداق كۆزنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر پايدىسى بار بولۇپ، يەنى ئىككى كۆزىنىڭ كۆزەتكىلى بولىدىغان دائىرىسىنى قوشقاندا 300 نەچچە گرادۇس بولىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ كەينىدىكى جايلا كۆزى كۆرەلمەيدىغان كۆرۈنمەس رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى كۆز بىر-بىرىگە ئالاقىسىز ھالدا ئايرىم ھەرىكەت قىلالايدۇ.

نېمە ئۈچۈن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ؟

شۇڭا، ئوتخور ھايۋانلار ئوزۇقلىنىش جەريانىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ ئولتۇرمايدۇ، پەقەت كۆزىنى خالىغانچە ئايلاندۇرسىلا، ئەتراپتىكى 300 نەچچە گرادۇسلۇق دائىرىدىكى ئەھۋالنى بەش قولدەك بىلىدۇ، بۇنداق كۆرۈش دائىرىسى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل تاق كۆزلۈك كۆرۈش سەزگۈسىگە ئىگە كۆزىدىمۇ يەڭگىلى بولمايدىغان بىر كەمچىلىك بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولغان كۆرۈنۈش پەقەت بىر ئىككى ئۆلچەملىك تەكشىلىك بولۇپ، بىز كۆرگەن ئىستېرېئولۇق تەكشىلىككە ئوخشىمايدۇ، ھەمدە ئىككى كۆزى قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى مېڭىسىدە ئايرىم نامايان بولىدۇ.

شۇڭا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىككى تەرەپتە بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى ئۆزىگە يېقىن كېلىدىغان تەھدىتنى كەڭ كۆلەمدە ئىزدەپ بايقاش ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇلار بەلكىم توختىماستىن ھەرقايسى يۆنىلىشلەرگە قاراپ بېشىنى بۇراپ تۇرغاندىلا ئاندىن خەتەرنى كۆرەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا سەللا ئېھتىيات قىلمىسا كۈشەندىسىنى بايقىيالماي، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. تەبىئەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى شاللىۋېتىلىشى ئارقىلىق، كۆزى مېڭە ئەتراپىدا بولغان ئوتخور ھايۋانلار خېلى بۇرۇنلا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، شۇڭا ھازىرقى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ؟

ئۇنداقتا گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى نېمە ئۈچۈن دەل ئالدى تەرەپتە بولىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولۇش ياشاش ئۈچۈندۇر، چۈنكى گەرچە ئۇلارنىڭ كۆزى دەل ئالدى تەرەپتە بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئوتخور ھايۋانلارغا قارىغاندا خېلىلا كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ ئىستېرېئولۇق كۆرۈش سېزىمىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.

نېمە ئۈچۈن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ؟

يەنى ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى. ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى ھايۋانلارنىڭ ئىككى كۆزىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتلارنىڭ قاتلانغان قىسمىنى تۇتۇپ، ئاندىن كاللىسىدا شەكىللەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك ستېرېئولۇق كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ئىككى كۆز بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەن جاي ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە ئىگە ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېڭىدە ئۈچ ئۆلچەملىك ستېرېئولۇق كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ، بۇ يەككە كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمىدىكى كۆز كۆرگەن تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشكە ئوخشىمايدۇ.

بۇ ئۈچ ئۆلچەملىك ستېرېئولۇق كۆرۈنۈشتە، نىشاننىڭ كونكرېت ئورنىنى ھەمدە ئۆزى بىلەن نىشان ئوتتۇرىسىدا زادى قانچىلىك ئارىلىق بارلىقىنى توغرا بىلەلەيدۇ، ئولجىنى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا، ئولجىنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكەت تىرايېكتورىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنىڭ قوغلاش يولىنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە ئىگە بولغان كۆز ئارقىلىق ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزەتكەندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ، شۇڭا گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدى تەرەپتە بولىدۇ.

بىز ئىنسانلارمۇ شۇنداق، مەسىلەن، ئىككى كۆزىڭىز بىلەن ئىككى تەرەپتىكى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارغا ئايرىم-ئايرىم قارىسىڭىز، ئىككى كۆزىڭىزنىڭ ئېنىق كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بايقايسىز. بىز ئىنسانلارنىڭ كۆزى ئېنىق كۆرەلەيدىغىنى پەقەت ئىككى كۆز كېسىشكەن جايدىكى كۆرۈنۈش، قالغان قىسمى بولسا بىز دائىم دەيدىغان قالدۇق نۇر، گەرچە ئاساسىي ھالىتىنى كۆرەلىسەكمۇ، لېكىن تەپسىلىي قىياپىتىنى ئانچە ئېنىق كۆرەلمەيمىز.

گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئوتخور ھايۋانلارغا ئوخشاش 300 نەچچە گرادۇسلۇق كۆرۈش دائىرىسىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۇلار ئاساسەن ھېچقانداق تەھدىتكە دۇچ كەلمەيدۇ، ئەتراپتىكى مۇھىتقا ھەر ۋاقىت، ھەر تەرەپتىن دىققەت قىلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق، ئۇلار ئوۋنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان ئارىلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلىشقا موھتاج بولۇپ، بۇ ئارقىلىق زادى قايسى ئورۇن، قايسى ئارىلىقتىن باشلاپ قوغلاپ تۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئوتخور ھايۋانلارنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ، ئوۋلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ جىسمانىي كۈچى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، قاپلاننى مىسال قىلساق، گەرچە ئۇلارنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولسىمۇ، لېكىن پەقەت قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشكىلا ماس كېلىدۇ، ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، چوقۇم كۆزنىڭ ئوۋ بىلەن بولغان ئارىلىقىغا بولغان ھۆكۈمى ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلىشى كېرەك، مۇۋاپىق ئورۇندا ئوۋغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلالىغاندىلا ئاندىن ئوۋنى تېخىمۇ ئاسان قولغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ؟

ئۇنداقتا كۆزى ئالدى تەرەپتە بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى گۆشخور ھايۋانلارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن ئوتخور ھايۋانلارنىڭمۇ كۆزى ئالدىدا بولىدۇ، مەسىلەن، دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى، گەرچە ئۇلار يوپۇرماقنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلسىمۇ، ئەمما كۆزى ئىككى تەرەپتە بولماستىن بەلكى ئالدى تەرەپتە بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە ئۇلار دەرەختە ياشايدۇ، ئاساسەن كۈشەندىسى يوق، ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقىتتا ئۇخلايدۇ.

يەنە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان مايمۇنلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ياۋا مايمۇنلار ئاساسلىقى مېۋە ۋە يوپۇرماقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزىمۇ ئالدى تەرەپتە بولۇپ، ئىككى يېنىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن ياخشى بوشلۇق تۇيغۇسىغا موھتاج، بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، مايمۇن ھەر كۈنى دەرەختە سەكرەپ يۈرىدۇ، ئەگەر ئىنتايىن ياخشى بوشلۇق سېزىمى بولمىسا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنداق بولىۋەرسە مايمۇننىڭ نەسلى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى.

بىراق، دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدىغان گۆشخور بېلىقلارنىڭ كۆزى بۇ خىل قانۇنىيەتكە بويسۇنمايدۇ، مەسىلەن، ئاكۇلا. ئەمەلىيەتتە دېڭىز-ئوكيانلاردىكى بېلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ، پەقەت كامبالا بېلىقى ۋە باشقا ئاز ساندىكى بىرنەچچە خىل بېلىقنىڭلا كۆزى ئالدى تەرەپتە بولىدۇ.

چۈنكى، ئۇلار سۇ ئاستىدا ئوۋ ئوۋلىغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوۋ ئوۋلاش-ئوۋلىيالماسلىقىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، سۇدىكى يورۇقلۇقنىڭ تېشىپ ئۆتۈش كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ، سۇدا ئوۋ ئوۋلاشتا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى بىرقەدەر تېز سۇ ئۈزۈش سۈرئىتىدۇر. ئەگەر سۇدىكى ئوۋچىلارنىڭ كۆزى ئالدى تەرەپتە بولسا، ئۇلار تېز سۈرئەتتە ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدا كۆزى ناھايىتى چوڭ زەربىگە ئۇچرايدۇ ھەم ناھايىتى ئاسانلا زەخىملىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىدا دەسلەپكى مەزگىلدە مەۋجۇت بولغان گۆشخور دىنازاۋۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بولغان. مەسىلەن، پۇتلۇق دىنازاۋۇرلار دەسلەپتىلا بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئىككى كۆزلۈك كۆرۈش سېزىمىگە ئىگە بولغان ئەمەس، يەنە ئابىللون، مۈڭگۈزلۈك دىنوزاۋۇر ۋە كېيىن ئۆزگەرگەن قاتتىق قۇيرۇقلۇق دىنازاۋۇرلار، ھەتتا ئىزوترون ئادەتتىن تاشقىرى ئائىلىسىگە قەدەر، ئۇلارنىڭ ئىككى كۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ستېرېئولۇق كۆرۈش سەزگۈسىگە ئىگە ئەمەس، جىپسىلىشىش دەرىجىسى 20 گىرادۇستىن 30 گىرادۇسقىچە بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە ساختا سۆڭەكلىك دىنازاۋۇرلارنىڭ كۆزى ئاندىن ياخشىلىنىشقا باشلىغان.

نېمە ئۈچۈن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپتە بولىدۇ؟

مەيلى گۆشخور ھايۋانلار ياكى ئوتخور ھايۋانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ كۆزى ئۇزۇن مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان، ھازىرغىچە ياشاپ كەلگەن جانلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان سەرخىللاردۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى