تەرمىلەر

جىنسىي تۇرمۇش بولمىغان توينى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولامدۇ؟

ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا تۇرمۇش بېسىمىنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ، بەدەن جىنسىي تۇرمۇشتىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ. چۈنكى ئائىلە قۇرۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، پەقەت خىزمەت مەيدانىدا تىرىشىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. خىزمەت بېسىمىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيگە قايتقاندا ھالىدىن كەتكەچكە، «باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا زېھنىي كۈچى يوق» دېيەرلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئايالىنى ئائىلە ئەزاسى دەپ قاراپ، جىنسىي ھەمراھى ئەمەس دەپ ئويلايدۇ ھەمدە ئايالىغا بولغان ئىنتىلىشىمۇ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەيدۇ.

جىنسىي تۇرمۇش بولمىغان توينى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولامدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇش قىلماسلىق قانچە ئۇزۇن بولسا، بەدەن بۇ خىل تۇيغۇغا شۇنچە ماسلىشالايدۇ، ئەسلىگە كېلىشمۇ شۇنچە تەس بولىدۇ. روھىي جەھەتتە، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتمۇ بارغانسېرى سۇسلىشىدۇ. بۇنىڭدىكى ياخشى ئاقىۋەت ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ناچار ئاقىۋەت بولسا ھەر كۈنى دېگۈدەك جېدەللىشىش. ئۇنداقتا جىنسىي تۇرمۇش بولمىغان قاتمال ھالەتنى قانداق بۇزۇپ تاشلاش كېرەك؟

جىنسىي تۇرمۇش بولمىغان توينى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولامدۇ؟

1. ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا سۆھبەتلىشىش

قۇرامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئېھتىياجى خۇددى تاماق يېيىش، ئۇخلاشقا ئوخشاش ناھايىتى نورمال ۋە ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ. ھامان بىر ئادەم ئاۋۋال تەشەببۇسكار بولۇپ، ھەمراھى بىلەن بىر-بىرىنىڭ قىزىقىشى، ئېھتىياجى، خىيالى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، قارشى تەرەپنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن بىر-بىرىنى چۈشىنەلەيدۇ.

2. بىر قېتىملىق «رومانتىك ئۇچرىشىش»نى پىلانلاش

نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ كۆپ يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈش جەريانىدىن بىزار بولغانلىقىدىن بولىدۇ. ھەددىدىن زىيادە زېرىكىشلىك تۇرمۇش ئادەمنىڭ كەيپىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئەر-ئاياللار ھەرقايسىسى ئوخشىمىغان قىزىقىش تىزىملىكىدىن بىر نەچچىنى تۈزۈپ، قەرەللىك ھالدا پۇرسەت تېپىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.

3. مۇتەخەسسىسلەردىن ياردەم سوراش

پىسخىكا مەسىلىسىمۇ ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەر-ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشسىزلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن سەلبىي كەيپىياتنى پەيدا قىلسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزسە، بالدۇرراق پىسخىكا مەسلىھەتچىسىنىڭ ياردىمىنى ئىزدەش كېرەك. جىنسىي تۇرمۇشسىز توي ئىككى ئادەمنىڭ ئازابى بولۇپ، ئۇ ھەر ئىككى تەرەپكە ناھايىتى زور سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش تېخىمۇ كۆپ ئەر-ئاياللارنىڭ «زۆرۈر دەرسلىكى» ھېسابلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى