ساغلاملىق

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۆۋەندە ھورۇنلارنىڭ چېنىقىشى ئۈچۈن يەتتە تۈرلۈك ئاددى ھەرىكەتلەرنى تونۇشتۇرىمىز، قانچىگىچە داۋاملاشتۇرالايدىغانسىز؟ قېنى سىناپ كۆرۈڭ:

ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالار پۇتتىكى مۇناسىۋەتلىك پەللىلەرگە باغلىنىدۇ. پۇت بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قان تومۇرلارنى ئېچىشقا پايدىلىق بولغاچقا، ھورۇنلارغا ۋە ئېغىر ھەرىكەت قىلالمايدىغان ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارغا ماس كېلىدۇ.

پۇت بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش: قان تومۇرلارنى جانلاندۇرىدۇ. كىچىكىمىزدە ئوينايدىغان تاش-قايچا ئويۇنى ئېسىڭىزدىمۇ؟ دەل شۇنىڭدەك پۇت بارماقلىرىنى رەسىمدىكىدەك ھالەتتە ھەرىكەتلەندۈرسەك كۇپايە. يەنى:

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

پۇت بارماقلىرىنى «تاش» شەكلىدە چىڭ تۈگۈش ھەرىكىتى باش قىسمىدىكى قان ئايلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

بارماقلارنى «قايچا» شەكلىدە ئېچىپ يۇقىرىغا كۆتۈرسەك بەل قىسمىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئىنكاس بېرىدۇ؛

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

«رەخت» شەكلىدە ھەربىر بارماقنى ئاچالىساق ۋە ئارىلىقىنى قانچە چوڭ ئاچالىساق بۇ قان-تومۇرلارنىڭ شۇنچە راۋانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە پۇت بارماقلىرىنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈش ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدىكەن.

2. قول بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش: مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

قولدىكى كۆپىنچە نېرۋىلار چوڭ مېڭىگە تۇتىشىدۇ. شۇڭا ھەرىكەت قانچە مۇرەككەپ، ئەپچىل ۋە تونۇش بولسا، چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نېرۋا باغلىنىشىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1) چوڭ بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن يەنە بىر قولنىڭ چىمچىلاق بارمىقىنىڭ ئالقان بىلەن تۇتاشقان ئورنىنى 10 قېتىم ئۇۋۇلاش.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

2) چىمچىلاق بارماقنى ئۈستەلگە بېسىپ، يەنە بىر قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن سۈرۈپ توختىماي تەسىرگە ئۇچرىتىش.

3) ئالقاننى رەسىمدىكىدەك ھالەتتە 20 قېتىم ئۇۋۇلاش.

3. «ئورۇندۇق ئۈستىدىكى يوگا»: پۈتۈن بەدەننى بوشىتىپ راھەتلەندۈرىدۇ.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1) بەل ۋە دۈمبە كېرىش ھەرىكىتى: پۇتىمىزنى يەر يۈزىگە چاپلاپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئولتۇرغۇچ سۆڭەكنى كۆتۈرۈپ، كۆكرەك بوشلۇقىمىزنى كېرىپ بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ھاۋا سۈمۈرىمىز؛ ئاندىن دۈمبىمىزنى ئېگىپ، بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ ھاۋا چىقىرىمىز. كۈندە بەش قېتىمدىن ئۈچ گۇرۇپپا ئىشلىسەك بولىدۇ.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

2) ئالدىغا ئېڭىشىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى. بەل ۋە دۈمبىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرىمىز. ھاۋا سۈمۈرۈپ، يۇقارىقى بەدەننى ئېگىپ، قولىمىزنى پولغا تۈز قويىمىز؛ ھاۋانى چىقىرىپ، ئەسلى ھالىتىمىزگە قايتىمىز، كۈندە بەش قېتىمدىن ئۈچ گۇرۇپپا ئىشلىسەك بولىدۇ.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

4. كېرىلىش: يۈرەك ۋە ئۆپكىنى قوغدايدۇ.

كېرىلىش يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ بېسىلىش بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن بەدەنگە ئوكسىگېن يەتكۈزىدۇ. چوڭ مېڭىگە قان تولسا، كىشى تەبىئىيلا سەگەكلىشىپ راھەتلىنىدۇ. ئۇزاق ئولتۇرۇش قان ئايلىنىشنى راۋانسىزلاشتۇرىدۇ. كېرىلىش ئارقىلىق بەل قىسمىنى ئېچىپ، يۇلۇننى ئازادىلەشتۈرگىلى، يىغىلىپ قالغان قاننى يۈرەككە قايتۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

5. قورساقتا نەپەسلىنىش: مېتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

رەسىمدىكىدەك قىياپەتتە ئولتۇرۇپ، قورساق ۋە بەدەندىكى ھەممە مۇسكۇللارنى ئازادىلەشتۈرۈپ، سول ۋە ئوڭ قولنى ئايرىم ھالدا قورساق ۋە كۆكرەك قىسمىغا قويۇپ، ھاۋا سۈمۈرگەندە قورساقنى ئازراق كۆپتۈرۈپ، ئاستا-ئاستا قورساق مۇسكۇلىنى يىغىمىز. بۇ ھەرىكەت ئۆپكە ئىقتىدارىنى، ئايلىنىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

6. چىراي ھەرىكىتى: يۈز مۇسكۇلىنى بوشىتىدۇ.

چىرايدا غەلىتە ئىپادىلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق يۈزدىكى بارلىق مۇسكۇللار ھەم باش تېرىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يۈز قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

ھورۇنلار ھەرىكىتى دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

7. كۆز ئەتراپىنى ئۇۋۇلاش: كۆزدىكى ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ.

كۆز ئەتراپىنى قول بىلەن بەشتىن ئون قېتىمغىچە يىنىك ئۇۋۇلاش كۆز چارچاشنى يېنىكلىتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى