تەرمىلەر

ئورۇقلىتىش دورىسى يەپ سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى

باھار كېلىشى بىلەن ئورۇقلاش دولقۇنى قايتىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم قىزلار غىزالىنىش ئادەتلىرىنى ئورۇقلاشنى نىشان قىلغان ئاساستا ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. ئېغىرلىقىنى 50 كىلوگىرام ئىچىدە كونترول قىلىشنى نىشان قىلغان بىر ئايال ئىككى ھەپتىدە بەش كىلو ئورۇقلىدى-يۇ، ئويلىمىغان يەردىن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاۋارىچىلىققا مۇپتىلا بولۇپ قالدى.

بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن دەن دەن شەنشىلىك بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خاڭجۇدا قېلىپ خىزمەت قىلغان ھەم مۇشۇ شەھەردە تۇرمۇشلۇق بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. دەن دەننىڭ تېرىسى ئاق ھەم سۈزۈك، بەش ئەزايىمۇ كېلىشكەن بولۇپ، كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرگەچكە قۇرداشلىرىغا قارىغاندا خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى. دەن دەننى بىردىنبىر غەمگە قويغىنى ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئىدى. دەن دەننىڭ بوي ئىگىزلىكى بىر مېتىر 62 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 65 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆزىنى سېمىز ھېس قىلاتتى. ھەم ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭدا دائىم: «يەنە ئازراق ئورۇقلىغان بولسىڭىز تېخىمۇ پەيزى بولاتتىكەن» دەيتتى.

شۇنداق قىلىپ 2021-يىلى كىرىشى بىلەنلا دەن دەن ئۆزىگە:« بەدەن ئېغىرلىقىم 50 كىلوغا چۈشكۈچە ئورۇقلايمەن» دەپ ۋەدە بەردى. دەن دەن ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە دەرھال ئورۇقلىتىش دورىسى، بەل-قورساقنى ئورۇقلىتىدىغان چېنىقىش چەمبىرىكىنىڭ ئېغىر نۇسخىسىدىن سېتىۋالدى. ئاندىن كېيىن تامىقىنى كېمەيتىپ، ئورۇقلىتىش دورىسى ئىستېمال قىلىشنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەن دەن ئەتىگەندە چۈشتە ئازراق كۆكتات بىلەن يىرىك تالالىق يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالاندى، كەچلىك تاماق يېمىدى. ھەر كۈنى بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ بەدەن چېنىقتۇردى. ئورۇقلىتىش دورىسى ئىستېمال قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن دەن دەننىڭ ھاجەتكە چىقىدىغان قېتىم سانى ئېشىپ كەتكەن، ھەتتا بىر كۈندە بەش-ئالتە قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدىغان بولغان. بۇ مەزگىل ھەم خىزمەتنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقتى بولغاچقا دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن. شۇنداق قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دەن دەننىڭ بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىدىغان بولۇپ قالغان. بىراق تارازىدا كۆرسەتكەن سان-سىفىرلاردىن سىڭدۈرگەن ئەجىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن دەن دەن باشقىلارنىڭ «مەدەت بېرىشى» بىلەن ئۆزىنىڭ ئورۇقلاش ئامالىنى توغرا دەپ قاراپ نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىگەن.

ھالبۇكى ئورۇقلىيالىغان دەن دەندە قىسقا ۋاقىتلىق ماغدۇرسىزلىق، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. دەن دەن بىر مەزگىل ئۆتسە كۆنۈپ قالىمەنغۇ دەپ ئويلاپ ئېتىبار بەرمىگەن. كېيىنچە دەن دەننىڭ ھاجەتخانىدا يىقىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان خىزمەتداشلىرى تېزدىن يولدىشىغا ئۇقتۇرغاندىن كېيىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. باش قىسمىنى CTدا تەكشۈرگەندىن كېيىن دەن دەننىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇش كۆرۈلگەنلىكى بايقالغان. دوختۇرلار دەرھال چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئورۇقلىتىش دورىسى يەپ سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى

دوختۇر يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆيدىكىلەر دەن دەننى دەرھال نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە يۆتكىگەن، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىدىكى كۆپ جايلاردا قان قېتىشىش كۆرۈلگەنىدى. ھاياتىنى ساقلاپ قالغان تەقدىردىمۇ سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالاتتى. ئادەتتە ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن بىمارلاردا بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى بەك كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، دوختۇرمۇ ھەيران قالغان ھەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرگەن.

دەن دەن ئورۇقلىتىش دورىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن بەدەن سۇسىزلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭغا قوشۇپ ئېغىر ھەم جىددىي ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەن، كېچىسى تۈنىگەن، تامىقىنى كېمەيتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ھەممىسى قەھرىتان سوغۇق چاغدا يۈز بەرگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قېتىشىشىنى ئاشۇرىۋېتىدىغان ئامىللار. دەن دەن ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ تىل ئىقتىدارىدىن قالغان، ئوڭ قولى ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان.

مەسئۇل دوختۇر ھېسداشلىق قىلىپ: «ئۇ باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ بىراق گەپ قىلالمايدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى چوڭ مېڭىنىڭ زەخىملەنگەن ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تېخى ياش تۇرسا سالامەتلېكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك» دېگەن.

ئورۇقلىتىش دورىسى يەپ سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى

جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتدىكى ئالاھىدە تەكلىپلىك دوختۇر، نېرۋا ئىچكى بۆلۈم دوختۇرى لو بېنيەن پىروفېسسور مۇنداق دەيدۇ: بەدەن گۈزەللېكىنى قوغلىشىپ مېڭە تىقىلمىسى بولۇپ قالغان بىمارلار ھەر يىلى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىراق دەن دەنگە ئوخشاش كېسىلى ئېغىرلار ھەقىقەتەنمۇ ئاز. گەرچە بۇ بىر قانچە خىل ئامىللار تەڭ كېلىپ قالغاچقا يۈز بەرگەن ئىش بولسىمۇ، يەنىلا كۆپچىلىكنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمىزكى، چوقۇم ئىلمىي ئورۇقلاش كېرەك، قارىغۇلارچە تەدبىرلەنى قوللىنىشقا، دورا يېيىشكە بولمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى