كومپيوتېريۇمرال

بالىڭىز تورغا چىقسا ئەندىشە قىلامسىز؟

ئىنتېرنېت تورى ئائىلىلەردە ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، پەرزەنتلەرنىڭ توردىكى ھەرىكىتى چوقۇم ئاتا- ئانىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولۇشى زۆرۈر. سىز چەكمىسىڭىزمۇ سەكرەپ چىقىۋالىدىغان ئېلانلاردىكى بەزى زىيادە ئوچۇق مەزمۇنلارنى ۋە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئويۇن تەشۋىقلىرىنى بالىلىرىڭىزنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايسىز چوقۇم. بۈگۈن سىزگە بۇ ئەندىشىڭىزنى ئۈزۈل- كېسىل يوق قىلىدىغان بىر ئامالنى تونۇشتۇراي:

展翅鸟家长控制 يۇمشاق دېتالى ئاتا- ئانىلارنىڭ تورغا چىقىشىنى تەسىرگە ئۇچراتمىغان ئاساستا، بالىلارنىڭ توردىكى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە چەكلىمە قويىدىغان يۇمشاق دېتال. ئىگە تەرەپ چۈشۈرۈش ئادرېسى:

 tueagles.com/baba

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەگەر بۇ ئادرېستىنمۇ چۈشمىسە، بەيدۇدىن 展翅鸟家长控制 ياكى 网络爸爸 ئاچقۇچلۇق سۆزى ئارقىلىق ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈڭ.

چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن مەخپىي نومۇر سالىمىز:

 بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com
يۇمشاق دېتال قوزغىتىلغاندىن كېيىن، ۋەزىپە ئىستونىدىكى سائەت يېنىدا بۈركۈت كۆزى شەكىللىك سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ. بۇ شۇ پروگراممىنىڭ ھازىر مەشغۇلات ۋە زىيارەتنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سىنبەلگىنى چەكسەك ئېكراندا يېرىم سۈزۈك لەيلىمە كۆزنەك پەيدا بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

چېكىنىش كونۇپكىسى بېسىلسا كۆزنەك تاقىلىدۇ، لېكىن ئارقا سۇپىدا داۋاملىق ئىجرا بولىدۇ.

ياردەم كونۇپكىسىنى چەكسەك ئىگە تەرەپنىڭ ياردەم بېتىگە ئۇلىنىدۇ.

ئائىلە باشلىقى/بالىلار ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسىنى چەكسەك مەخپىي نومۇر ئارقىلىق ئالمىشىشقا بولىدۇ.

لوپا ئەينەك رەسىمىنى چەكسەك زىيارەت قىلىنغان تور بەتلەرنى ۋاقىت بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىلى بولىدۇ.

رەسىم ئاپپاراتى كونۇپكىسىنى چەكسەك، قەرەللىك تۇتۇلغان رەسىملەردىن بالىلارنىڭ قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

چىشلىق چاق- تەڭشەك كونۇپكىسى، ئەڭ مۇھىم يېرى مۇشۇ، بۇ چېكىلسە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك رامكا ئېچىلىدۇ:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. كومپيوتېرنى بالىلار ۋە ئائىلەباشلىقلىرى ئىشلەتكەندە ئايرىش؛

ئائىلە باشلىقلىرى ۋە بالىلار ئىشلىتىدىغان ۋاقىتنى بېكىتكىلى بولىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بالىلارنىڭ مەشغۇلات ھوقۇق دائىرىسىنى ئايرىم تەڭشىگىلى بولىدۇ.

2. چەكلىمە بېكىتىش؛

بالىلارنىڭ توردا قىلىدىغان مەشغۇلاتىغا ھوقۇق بەلگىلەپ، بالىلارنىڭ قىلىشى مۇۋاپىق بولمىغان مەشغۇلاتلارنى چەكلىگىلى بولىدۇ.

3. زىيارەت قىلغان تور بەتلەرنى كۆرۈش؛

4. تورغا چىقىش ۋاقتىنى بېكىتىش؛

5. مەلۇم تور بېكەتنى چەكلەش؛

باشقا ئىقتىدارلىرى ئۆزىڭىزنىڭ ئىزدىنىپ كۆرۈشىگە قالدۇرۇلدى.

بۇ پروگراممىدىن چېكىنىپ چىقىش ۋە كومپيوتېردىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈنمۇ دەسلەپ بەلگىلىگەن مەخپىي نومۇر كېرەك بولىدۇ. ئۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ ۋە بالىلىرىڭىزغا بىلدۈرۈپ قويماڭ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى