كومپيوتېر

توردىكى ئۈن سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈۋېلىشتىكى ماھارەتلەر

بەزىدە تورلاردا ئۇچرىغان ئۈن- سىن ھۆججەتلىرى بىزگە يېقىپ قالىدۇ: كونا ناخشىلار، قىزىقارلىق قىسقا فىلىملەر دېگەندەك. يەنە بەزىدە خىلمۇ خىل سەنئەت پائالىيىتىگە بەزى مۇزىكىلار لازىم بوپقېلىپ، توردىن ئىزدەپ تاپىمىز- يۇ، چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەنمىگەنلىكتىن، چۈشۈرۈۋېلىشقا ئامالسىز قالىمىز. شۇنداق ۋاقىتلاردا بوستان تېخنىكا سالونى يادىڭىزغا كەپمۇ قالىدىغاندۇ بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەمىسە، بۈگۈن بەش مىنۇت ۋاقتىڭلارنى مۇشۇ تېمىغا بەرسەڭلار قانداق؟

ئۈن- سىن ماتېرىيالىنى ئىزدەپ تېپىش

ئادەتتە سىن ماتېرىياللىرىنى يوۋكۇ (youku.com)، تېڭشۈن فىلىم (v.qq.com) ۋە سوخۇ فىلىم (tv.sohu.com) دېگەندەك سىن فىلىم تورىدىن ئىزدەپ تېپىش بىر قەدەر قولاي. مەسىلەن، كونا ناخشىلاردىن بىرنى يوۋكۇ تورىدىن چۈشۈرۈشنى مىسال قىلايلى:

Youku.com نى ئېچىپ، ئىزدەش رامكىسىغا [uzak yol] دەپ يېزىپ ئىزدىسەك، ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ «ئۇزاق يول» دېگەن ناخشىسىنى چىقىرىپ بەردى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئىزدەپ تاپقان سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشتىكى ھۈنەرلەر

ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بۇ تور بەتلەردە بىۋاسىتە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنمەيدۇ. بىز پەقەت يوۋكۇ تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ كومپيوتېرغا قاچىلاپ، ئەزالىق ئىلتىماس قىلىش ۋە تىزىملىتىپ كىرىش دېگەندەك بىر قانچە باسقۇچتىن كېيىن، ھەقسىز تەمىنلەنگەن سىنلارنى چۈشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز.

 

1. يوۋكۇ تېرمىنالىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:

 youku.com نى ئېچىپ، 客户端 ئۇلانمىسىدىن چۈشۈرۈۋالىمىز ۋە كومپيوتېرغا قاچىلايمىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

يوۋكۇ تېرمىنالىدا سىن ھۆججىتىنى ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

图片

تۆۋەندىكىسى چۈشۈرۈۋالغان ھۆججەت:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2. مەخسۇس تور بەت ئىشلىتىپ، سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈش

西瓜视频، 今日头条 دېگەندەك تور بەتلەردىكى سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشتە بۇ ئامالنى قوللىنىشقا بولىدۇ: ئاۋۋال سىن ھۆججىتىنى تور بەت ئىچىدە قويىمىز. سىن قويۇلۇۋاتقان تور بەتنىڭ ئادرېسىنى ئېلىپ، تۆۋەندىكى تور بەتنى ئاچىمىز:

www.flvcd.com

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 بۇ يەردىكى رامكىغا ئادرېسنى چاپلاپ ئىزدەتسەك، بۇ تور بەتتىن چۈشۈرۈشكە بولىدىغان سىن ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاندىن بۇ تور بەت ھاسىللاپ بەرگەن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىن سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋالساق بولىدۇ. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بىۋاسىتە چۈشمىسە، بۇ ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ شۈنلېيگە چاپلاپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى