كومپيوتېر

ئەپچىل ھۈنەرلەر – Microsoft Word

ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تېكىست كىرگۈزۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش

Word نىڭ ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنىڭ (ئىنگلىزچە، خەنزۇچە) ئىملاسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.  ئەگەر خاتالىق بايقىسا دەرھال توغرا بولغان سۆز بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. ئاپتوماتىك تۈزىتىلىدىغان سۆزلەرنى مەشغۇلاتچى ئۆزى خالىغانچە بەلگىلىگىلى بولىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىقتىدارنى ياخشى جارى قىلدۇرغاندا، خەت كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

1. سۆز كىرگۈزۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش 

Word تا ھۆججەت تەھرىرلىگەندە دائىم  ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە يېزىقتىكى سۆزلەرنى ئارىلاش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تولا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ، خەت كىرگۈزۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر بىز ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق باشقا تىلىدىكى سۆزلەرنى كىرگۈزۈش شەكلىنى ئالماشتۇرماي تۇرۇپلا شۇ خىل تىلدىكى سۆزنى كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.

مەسىلەن: ئەگەر بىز بىر توختام يېزىۋاتقان بولساق، «Aتەرەپ» ۋە «B تەرەپ» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ كىرگۈزىمىز. بۇچاغدا، Word  نىڭ باش تىزىملىكىدىن 选项 دېگەن تۈرنى بېسىپ، چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن «توغرىلاش» 【校对】 دېگەن تاللاش تۈرىنى تاللاپ، ئىچىدىكى 【替换】رامكىسىغا ئالماشتۇرۇلغۇچى سۆزنى (مەسىلەن: «ئا»)، 【替换为】رامكىسىغا ئالماشقۇچى سۆزنى (مەسىلەن: «A تەرەپ») يازىمىز ۋە «قوشۇش» 【添加】نى بېسىپ جەزملەشتۈرىمىز. مەشغۇلات تەرتىپى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 ھۆججەت تەھرىرلەش جەريانىدا بىز «ئا» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش(Enter)  كۇنۇپكىسىنى ياكى بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، «Aتەرەپ» دېگەن خەتكە ئاپتوماتىك ھالدا ئالمىشىدۇ. ھۆججەتنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن،ئەگەر بىز بۇ ئىككى سۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىساق ئاپتوماتىك تۈزىتىش تاللاش رامكىسىدىكى ئالماشتۇرۇش دېگەن يەرگە «ئا» دەپ كىرگۈزسەك، «ئا» ۋە « Aتەرەپ» ھەر ئىككىلىسى كۆرۈنىدۇ. ئاندىن «ئۆچۈرۈش» دېگەن كۈنۇپكىنى باسساقلا ئۆچۈرۈلىدۇ.

 

2. تۈرلۈك بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش

ئەگەر بىز تەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتتە ×، ÷ قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى كۆپلەپ كىرگۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئۇنى كېسىپ چاپلاش ئۇسۇلى ياكى قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق سۈرئەت ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساقلا ئىشلار ئىنتايىن ئاددىيلىشىدۇئۈستىدىكى ئۇسۇل بويىچە، ئالماشقۇچى替换   دېگەن جايغا * نى كىرگۈزۈپ، ئالماشتۇرۇلغۇچى替换为 دېگەن يەرگە × نى كىرگۈزۈپ قوشۇش 添加 نى باسساقلا بولىدۇ. ئەمدى بىز پەقەت * نى كىرگۈزسەكلا ئاپتوماتىك ھالدا × بەلگىسى قىستۇرۇلىدۇ. ÷ بەلگىسىنى قىستۇرۇشمۇ × نى كىرگۈزۈشتىكى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش.

 

3. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش

 

ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ بۇ خىل ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈشتە، بىز پەقەت يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئالماشقۇچى دېگەن يەرگە «ش ئۇ ئا ر» نى كىرگۈزۈپ، ئالماشتۇرۇلغۇچى دېگەن يەرگە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دېگەننى كىرگۈزۈپ قوشۇش دېگەننى باسساقلا بولىدۇ. كېيىنكى قېتىم بىز پەقەت « ش ئۇئا ر» دەپ كىرگۈزسەكلا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن سۆز ئاپتوماتىك قىستۇرۇلىدۇ.

تېكىستنى دىكلاماتسىيە قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش

 

Microsoft Word نىڭ تېكىستنى دىكلاماتسىيە قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئەگەر سىز مەلۇم خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچە خەتنىڭ تەلەپپۇزىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ياكى مەلۇم ئابزاسنى ئوقۇتۇپ ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىنى ئاڭلىيالايسىز. ئادەتتە، بۇ ئىقتىدار يوشۇرۇن ھالەتتە بولىدۇ، بىز ئۇنى دائىم ئىشلىتىلىدىغان قوراللار قاتارىغا چىقىرىپ قويساقلا، كېرەك بولغاندا بىر كونۇپكا بىلەن قوزغىتىپ ئىشلىتەلەيمىز.

ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق:

1. Word نىڭ باش تىزىملىكىدىن «选项» نى باسىمىز.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2. بۇ ۋاقىتتا Word选项 ناملىق كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن «تېز زىيارەت قورال ئىستونى» 【快速访问工具栏】 ناملىق ئەزانى چېكىمىز. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىمىز بەلگىلىمەكچى بولغان قوراللار تىزىملىكىدىن «ئىقتىدار رايونىدا كۆرسىتىلمىگەن بۇيرۇقلار»، يەنى 【不在功能区的命令】 نى تاللاپ، ئاندىن قوراللار ئىچىدىن «دىكلاماتسىيە» 【朗读】نى تېپىپ، بۇنى تاللىغاندىن كېيىن «قوشۇش» 【添加】 نى باسساق، بۇ ئىقتىدار ئوڭ تەرەپكە قوشۇلىدۇ. مەشغۇلات تەرتىپى تۆۋەندىكى رەسىمدە تەپسىلىي ئىپادىلەندى. ئاخىرىدا جەزملەشتۈرۈپ قايتىپ چىقىمىز.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

3. بۇ چاغدا Word نىڭ ماۋزۇ ئىستونىدىكى تېز قوراللار سىنبەلگىسىگە قارىساق، بىز ھازىر قوشقان 朗读 بۇيرۇقىنى كۆرەلەيمىز.

 

图片

يېزىقنى تاللىغاندىن كېيىن بۇ قورالنى چەكسەك، تاللىغان تېكىستنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا ئوقۇپ بېرىدۇ (ئۇيغۇرچىنى ھازىرچە قوللىمايدۇ).

 

بۇ مەشغۇلات Microsoft Office نىڭ 2007 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىگە ماس كېلىدۇ، 2003 نەشرىدىمۇ دىكلاماتسىيە ئىقتىدارى بار. لېكىن، تەڭشەش ئۇسۇلىدا پەرق بولۇشى مۇمكىن، ئەستايىدىل بولسىڭىز قىلىپ كېتەلەيسىز.

1. MicrosoftWord يۇمشاق دېتالىغا 2007 نەشرىدىن باشلاپ، ئىنتايىن ئەپچىل ئۇسۇلدا pdf ھۆججىتى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، Word تا تۈزگەن تېكىست، مۇقاۋا ۋە ئورىگىناللارنى PDF ئېلكىتاب قىلىپ ساقلىغىلى بولىدۇ. PDF ھۆججىتىنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈش ۋە باسما مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا بېسىپ چىقىش بىر قەدەر قولايلىق، ھەر خىل كومپيوتېر سىستېمىسى ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە خەت نۇسخىسى ۋە يۇمشاق دېتال نەشرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

Word تا يېزىپ تەييارلىغان ئېلكىتابقا ئايلاندۇرماقچى بولغان ھۆججەتنى ئېچىپ، «ھۆججەت»  ياكى باش تىزىملىكتىن «باشقا ساقلاش» 【另存为】 نى باسىمىز. (Word نىڭ بەزى نەشىرلىرىدە pdf قا چىقىرىش ئىقتىدارى 发布 نىڭ ئىچىدىن چىقىشى مۇمكىن).

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

 

چىققان ساقلاش كۆزنىكىدىن pdf ھۆججىتىنى ساقلىماقچى بولغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىمىز ۋە «ھۆججەت تىپى» 【保存类型】 تاللانمىسىدىن pdf نى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز.

 

图片

 بىر ئازدىن كېيىن بىز كۆرسەتكەن مۇندەرىجىگە pdf ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ.

 

2. HTML ھۆججىتى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى

Word تىن پايدىلىنىپ تور بەت ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرگەنمىدىڭىز؟ گەرچە بۇ Word نىڭ كونا ئىقتىدارلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئەمەلىي ئىشلىتىپ كۆرگەنلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە word نىڭ ھۆججەتنى باشقا ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپلا، ۋوردتا تۈزگەن بەت لايىھەسىنى تور بەت شەكلىدە ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ تور بەت ياساش ئىقتىدارى ئەلۋەتتە كەسپىي يۇمشاق دېتاللارغا يەتمەيدۇ، لېكىن، ئىچكى تارماق بەتلەرنى ياسىغاندا مۇرەككەپ html كودلىرىنى ئىشلىتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

ئاۋۋال تور بەت ھۆججىتىگە چىقارماقچى بولغان ھۆججەتنى تەييارلىۋالىمىز. ئاندىن «ھۆججەت» -«باشقا ساقلاش» (另存为) بۇيرۇقىنى بېسىپ، بايامقى «ھۆججەت تىپى» 【保存类型】دىن كېرەكلىك بولغان HTML بەت شەكلىنى تاللاپ جەزملىسەكلا بولىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

1. نۇرغۇن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش (超链接) لارنى بىراقلا بىكار قىلىش

بەزىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن توردىن چۈشۈرگەن Word ھۆججىتىدە نۇرغۇنلىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش (超链接) بولىدۇ. بۇ ئۇلىنىشلار بىزگە كېرەك بولمىغاندىن سىرت، نورمال تەھرىرلەش مەشغۇلاتلىرىمىزغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇنداق ۋاقىتتا، ناھايىتى قولاي ئۇسۇلدا بارلىق ئۇلىنىشلارنى بىراقلا يوقاتقىلى بولىدۇ. كونكېرت مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

ئاۋۋال مەشغۇلات ئېلىپ بارماقچى بولغان ھۆججەتنى ئاچقاندىن كېيىن، Ctrl+A نى بېسىپ، بارلىق تېكىستنى تاللايمىز، ئاندىن كونۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+Shift+F9 بىرىكمە كونۇپكىسىنى بىر بېسىپ قويساقلا، بارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىشلار بىكار قىلىنىدۇ، تېكىستنىڭ فورماتىغا ۋە بەت يۈزىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

图片

2. دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش (超链接) نىڭ ئەسلى ئادرېسىنى كۆرۈش

يۇقىرىقى مىسالدا كۆپلىگەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىشنى بىراقلا بىكار قىلىشنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئەگەر بىز بىكارقىلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئۇلىنىشلار زادى قايسى تور بېكەت ياكى ھۆججەتكە ئۇلىنىدۇ دېگەننى بىلىپ باقماقچى بولساق، بارلىق تېكىستنى تاللىغاندىن كېيىن، Shift+F9 كونۇپكىسىنى باسساق، ئەسلىدىكى ئۇلىنىش قىلىنغان يېزىق بۆلېكىنىڭ ئورنىدا ئۇلىنىدىغان ئادرېس (تور ئادرېسى ياكى ھۆججەت يولى) چوڭ تىرناق ئىچىدە كۆرۈنىدۇ.

图片

بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولساق، Shift+F9 نى يەنە بىر قېتىم باسىمىز.

 

3. Word نىڭ ئاپتوماتىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش (自动恢复) نىڭ ساقلاش قىسقۇچىنى ئۆزگەرتىش

Word نىڭ 2007 نەشرىدىن باشلاپ، ئاپتوماتىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش (自动恢复) ئىقتىدارى مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، ھۆججەت تەھرىرلەش جەريانىدا تۇيۇقسىز توك كېتىش ياكى باشقا سەۋەبتىن كومپيوتېر ئۆچۈپ قايتا قوزغالغاندا ياكى Word نىڭ ئۆزىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ قېتىپ قېلىپ قايتا ئاچقاندا ئاپتوماتىك ھالدا ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرسەتمىسى چىقىرىدۇ. ئەسلىدە سىستېما بىز تەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتنى ئاپتوماتىك ۋاقىتلىق ساقلاپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، مەسىلە كۆرۈلگەندە شۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. بىز بۇ ئاپتوماتىك ساقلىنىدىغان ۋاقىتلىق مۇندەرىجىنىڭ ئورنىنى ئۆزىمىز بېكىتىۋالساق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، Word نورمالسىز قايتا قوزغالغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسكەرتمىسى كۆرۈنمىگەن تەقدىردىمۇ، ھۆججىتىمىزنى ئۆزىمىز بېكىتكەن مۇندەرىجىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالالايمىز. تەڭشەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

Word نىڭ باش تىزىملىكىدىن 选项 ناملىق ئەزانى چېكىمىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

Word选项 ناملىق دىئالوگ رامكىدىن 保存 نى چېكىپ، ئوڭ تەرەپتىكى 自动恢复文件位置 ناملىق رامكىدىكى ئادرېسقا ئۆزىمىز بېكىتمەكچى بولغان مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بېرىپ جەزملەشتۈرىمىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى