تەرمىلەر

خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلىيەلمەيدۇ

 

بىر ئوقۇغۇچۇم توي قىلىپ ئانىمۇ بوپتۇ، مەكتەپداشلارنىڭ بىر قېتىملىق چاي زىياپىتىدە ماڭا ئۆز بالىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئوغلى ئىچ مىجەز ھەم جاھىل ئىكەن، ئەگەر تۈزەتمىسە، چوڭ بولغاندا زىيان تارتىدىكەن. مەن ئۇنىڭدىن قانداق زىيان دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى، خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، ئىچ مىجەز ئادەم باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر ئەمەس. جاھىل ئادەم ئاسانلا باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ بالىسىدا ئىككىلا يېتەرسىزلىك تەييار تۇرسا، ئەنسىرمەي تۇرالىسۇنمۇ؟

بىر ئانىنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئەندىشىسى ناھايىتى نورمال ئەھۋال، لېكىن ئۇنىڭ «خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن سۆزىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

بىر قېتىم يول بويىدا بىرسىنى ساقلاۋاتاتتىم، ئەتراپىمدىلا ئىش كۈتىۋاتقان ئىشلەمچىلەر بار ئىدى. مەن بىكارچىلىقتا ئۇلارنى كۆزىتىپ ئوخشىمىغان مىجەزدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان توپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېتىك، پائالىيەتچان؛ سالماق، ئېغىر-بېسىق؛ زېرەك، خۇشچاخچاق؛ لىڭشىق، گالۋاڭلىرىمۇ بار، قىسقىسى، ھەرقانداق مىجەزلىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. مەن بۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىچىدە كەلگۈسىدە بىر قانچە داڭلىق شەخسلەرنىڭ مەيدانغا چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ پەقەت بىرلا ئورتاق سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ئادەتتىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر.

خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلىيەلمەيدۇ

مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىمۇ ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەم بار ئىدى؛ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى كىشىلەر بار ئىدى، رەھبەرلەر ئارىسىدىمۇ ھەم ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى باشلىقلار بار ئىدى. مېنىڭ مۆلچەرىمچە، مەيلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى خان، ۋەزىرلەر بولسۇن، ياكى ھازىرقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭ، مىنىستىرلىرى بولسۇن، ھەر بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەم ئوخشىماسلىقى كېرەك.

«خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن سۆز بىر تېما سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنسا، ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. لېكىن، تەربىيىدىكى ئاددىي ساۋات دەپ قارالسا بۇ تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. مېنىڭ ھېلىقى ئوقۇغۇچىمغا ئوخشاش بالىلارنىڭ مىجەزىدىن غەم يەيدىغان ئادەم ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ پەرزەنتلىرىنى خۇشخۇي، دوست تۇتالايدىغان ئوچۇق مىجەزلىك ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلايدۇ، خۇددى كەلگۈسىدە ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق مىجەزلىكلەر، ئەكسىچە ئىچ مىجەزلىكلەرنىڭ روھىي كېسەلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىنىڭ ئۆزى چوڭ بەخت، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدىغاندەكلا. بىر دوختۇر ئاغىنەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغانلارنىڭ ئىچىدە، ئىچ مىجەز ۋە ئوچۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن ئوخشاش بولىدىكەن. ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭ ئوچۇق مىجەز كىشىلەرگە قارىغاندا پىسخىكا مەسىلىسى ئاسان پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق ئىكەن. ئوخشىمايدىغان تەرىپى بار دىيىلسىمۇ، ئادەمدىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار ئىچىدە ئىچ مىجەز كىشىلەر نىسبەتەن كۆپرەك بولىدىكەن، ئەمما سەپرالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئىچىدە ئوچۇق مىجەزلىكلەر نىسبەتەن كۆپرەك بولىدىكەن. مىجەز-خاراكتېر ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ھەر قانداق مىجەزدىكى كىشىلەردە پىسخىكىلىق مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تارىختا ئۆتكەن ئىچ مىجەز مەشھۇر شەخسلەر خېلى كۆپ، مەسىلەن، ئالىملار ئىچىدە نيۇتون، ئېينىشتېيىن، كىيۇرى خانىم قاتارلىقلار، سەنئەتكارلار ئىچىدە شوپىن، لىئەن قاتارلىقلار، ئەدىبلەر ئىچىدە«خاررىي پوتتېر» نى يازغان ئايال يازغۇچى J. K. روۋلىڭمۇ ئىچ مىجەز ئىدى. ئەگەر بۇ مەشھۇر شەخسلەر دەسلەپتە ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەرگە ئۆگىتىلگەن بولسا، ئۇلار شۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەمدۇ-يوق؟

خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلىيەلمەيدۇ

مىجەز جاھىل بولسا ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز، بۇ خىل قاراشمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. «مۇھاكىمە ۋە بايان» دېگەن كىتابتا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار: كۇڭزى يېنىدا ھەمراھ بولغان بىرقانچە شاگىرتىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرنى كۆزىتىپ، مىن زىچيەن خۇشپېئىل ۋە مۇلايىم، زىلۇ قەيسەر، رەن يۇ بىلەن زىگۇڭ بولسا بىر خىل خۇشچاخچاق بولغاچقا، كۇڭزىمۇ ئۇلاردىن خۇرسەن ئىدى. لېكىن، كۇڭزى يەنە مۇنداق دېگەن «زىلۇغا ئوخشاش بۇنداق مىجەزدىكى كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى كۈن ئۆتكۈزمىكى تەس!»، كۇڭزى زىلۇنىڭ مىجەزىدىن تەقدىرىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.

«تارىخنامە. جۇڭنى شاگىرتلىرى تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، زىلۇ كېيىن ۋېيگو بېگى كۇڭ لىنىڭ ۋەزىرى بولغان، ئىچكى مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندە، زىلۇ باشقىلار تەرىپىدىن چانىلىپ گۆش قىيامى قىلىنىپ، ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئۆلگەن. كۇڭزى چوڭ مائارىپشۇناس، شۇڭا بۇ ھېكايىنىڭ تەسىرىمۇ چوڭ. كىشىلەر بەلكىم ياڭ شيۇ، شياڭ يۈ، تەن سىتۇڭ قاتارلىق بەزى تارىخىي شەخسلەرنى ئويلىشى ھەم ئۇلارنىڭ بەختسىز تەقدىرىنى ئۇلارنىڭ جاھىل خاراكتېرى بىلەن باغلاپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بۇ نۇقتىئىنەزەر ئاڭلىماققا ناھايىتى ئورۇنلۇق بولۇپ قالدى. ئەمما، تەلەيسىزلىكلەر ئىچىدە جاھىل مىجەزلىك كىشىلەر كۆپرەك دېگەننى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر مەملىكىتىمىز كىشىلىرى ئۆزىنىلا كۆزلەيدىغان، قورقۇنچاق، يۇمىلاق تاۋۇز، بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالىماي، ئىشلارنى تەيجى گۇمپىسى ئوينىغاندەك قىلغىلى تۇرسا، بۇ جەمئىيەتنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.

خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلىيەلمەيدۇ

ئادەمنىڭ تەقدىرى خۇددى بىپايان كېچە ئاسمىنىدا چىقىۋاتقان بورانغا ئوخشايدۇ، سىز ئۇنىڭ كۈچىنى ھېس قىلالايسىز، ئەمما ئۇنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرەلمەيسىز، غۇر-غۇر شامالنىڭ تەسىرىدە سىز قەيەرگە بارىسىز، بۇنى بىر خىل ئامىل بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئادەمنىڭ تەقدىرى مىجەزنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇستازىنىڭ تەربىيىسىدە، ئېرسىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش يولىدا، پۇرسەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، قانداقمۇ مىجەز تەرىپىدىن بەلگىلەنسۇن؟ ئاتا ـ ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە كۆڭۈل بۆلگەندىن كۆرە، كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇلاردا ياخشى ئەخلاق ـ پەزىلەت يېتىلدۈرگەن ياخشى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى