كومپيوتېر

‫CPU نىڭ چاستوتىسى نېمە ئۈچۈن 4GHz تىن ئاشالمايدۇ

ئەگەر CPU نىڭ چاستوتىسى 11GHz قا، سىنكارتا سىغىمى 24G غا يەتسە، بۇ كومپيوتېردا نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ

ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ساھەسىدىكى رىقابەتنىڭ قانچىلىك كەسكىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، CPU نىڭ چاستوتىسى ئاللىقاچان رىقابەت ساھەسىدىكى ئاساسىي كۆرسەتكۈچ بولماي قالدى، چۈنكى ھازىرقى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ چاستوتىسى ئون يىللار بۇرۇنقى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئەمەس، ھەتتا تۆۋەن.

1978- يىلى Intel شىركىتى 16 بىتلىق 8086 بىر تەرەپ قىلغۇچىنى بازارغا سالغاندىن بۇيان، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلدى. ئەمما، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ باش چاستوتىسى (سۈرئىتى) ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئارانلا 5GHz تىن ئاشىدۇ. چاستوتىسى ئاشقاندىن كېيىن، ھاسىل بولغان يۇقىرى ئىسسىقلىقنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۆزى بىر قىيىن مەسىلە. سۇيۇق ئازوت قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ۋاستىلەر بىلەن ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان تەقدىردىمۇ، تەجرىبىخانىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7GHz لىق چاستوتىغا يېتەلىگەن (كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئاساسىي چاستوتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۇ يەنىلا نۆۋەتتىكى يۇقىرى چەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

پەقەت چاستوتىغا قاراپلا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىغا باھا بېرىش بىر تەرەپلىمە قاراش. چۈنكى، ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى Pentium4 بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى 4GHz قا يەتكەن، AMD نىڭ FX قۇرۇلمىسى ئاساسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنىڭ چاستوتىسىنى ئاسانلا 4GHz تىن ئاشۇرغىلى بولاتتى. بۇ نۆۋەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ چاستوتىسىدىن كۆپ يۇقىرى. ئەگەردە نوقۇل چاستوتا قوغلاشقاندا، قائىدە بويىچە نۆۋەتتىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ چاستوتىسى ئون يىل بۇرۇنقىدىن ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كېتىشى كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچقا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچار. بۇنىڭ سەۋەبى- يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاساسىي چاستوتىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، مۇھىمى قۇرۇلما لايىھەسىگىمۇ باغلىق.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

ئىقتىدار جەھەتتىن سېلىشتۇرساق، ئىنتېل شىركىتىنىڭ Core2 بىر تەرەپ قىلغۇچى ناھايىتى ئاسانلا PentiumD بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. Core2 نىڭ چاستوتىسى 2GHz تىن كىچىك، PentiumD نىڭ بولسا 3GHz تىنمۇ يۇقىرى. 

ھازىر AMD Reelon نىڭ تۆۋەن بېسىم تۆۋەن چاستوتىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچى چاستوتىسى 3GHz تىن ھالقىپ كېتىدىغان FX8000 نى نەچچە كوچا تاشلايدىغان بولدى. 

سەۋەبى، مۇنەۋۋەر قۇرۇلما لايىھەسى بىر قەدەر تۆۋەن چاستوتا ۋە بىر قەدەر تۆۋەن قۇۋۋەت سەرپىياتى ئاساسىدا تېخىمۇ يۇقىرى ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى ئاساسىي ئېقىم مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ لايىھىلەش ئىدىيىسى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

ئەگەر ھازىر بار بولغان تېخنىكا ۋە ماتېرىياللارنى توپلاپ، چاستوتىسى 10GHz تىن يۇقىرى بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە گرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ (GPU) ياسالسا (بۇ مۇمكىن بولىدۇ)، ئۇنىڭ ئىقتىدارى چوقۇم زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئەمما، قۇۋۋەت سەرپىياتى ۋە ئىسسىقلىق چىقىرىشى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، نەتىجىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش يەنىلا مۇمكىن بولمايدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى چاستوتىلىق ئۆزەك ياساشقا سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەن قۇۋۋەت ۋە تۆۋەن چاستوتىدا لايىھەنى ياخشىلاش، ھېسابلاش يادروسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ۋە كۆپ لىنىيە لايىھەسى)  ئارقىلىق CPU ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يەنىلا نۆۋەتتىكى روشەن ئارتۇقچىللىققا ئىگە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى