سوئال-جاۋاب

كومپيوتېرنىڭ بىئوسنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق ئۇسۇلدا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟

بىئوسنىڭ مەخپىي شىفىرى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى System دەرىجىلىك، يەنى كومپيوتېر قوزغىلىشتىن بۇرۇن مەخپىي شىفىر سورايدۇ، بۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى خىلى CMOS دەرىجىلىك، بۇنىڭدا سىستېمىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پەقەت CMOS قا كىرگەندە شىفىر سورايدۇ. 

ئەگەر شىفىرنى System قىلىپ تەڭشىگەن بولسىڭىز بۇنىڭدا سىستېمىنى قوزغاتقىلى بولمىغاچقا، پەقەت باش ئاپپارات قېپىنى ئېچىپ، ئاساسىي تاختىدىكى BIOS نى دەسلەپلەشتۈرىدىغان سىمنى قىسقا تۇتاش قىلىش ياكى ئاساسىي تاختا باتارېيەسىنى چىقىرىپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قايتا سېلىش ئارقىلىق شىفىرنى يوقىتالايسىز (بارلىق تەڭشەك زاۋۇت ھالىتىگە قايتىدۇ). 

ئەگەر CMOS دەرىجىلىك مەخپىي شىفىر ئورنىتىپ قويۇپ، سىستېمىغا نورمال كىرگىلى بولسا، بۇنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى مەخسۇس يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تېپىپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ. BIOS密码破解 ياكى BIOS密码查看 ئاچقۇچلۇق سۆزى ئارقىلىق ئىزدىسىڭىز بۇنىڭغا ئائىت كىچىك يۇمشاق دېتاللار ئىنتايىن كۆپ. لېكىن چۈشۈرگەندە دىققەت قىلىڭ، 高速下载 دېگەندەك ئۇلانمىلارنى قەتئىي باسماڭ، 普通下载 ئۇلانمىسىنى ئىزدەپ تېپىپ شۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. ئۇنداق بولمىغاندا كومپيوتېرىڭىزغا لىققىدە ئېلان ۋە ئەخلەت قاچىلىۋالىسىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى