سوئال-جاۋاب

كومپيوتېرغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتالنى زاپاسلاپ باشقا كومپيوتېرغا قايتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب- PS قاتارلىق بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارغا ھەر خىل قىستۇرما ۋە ئۈنۈم قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىشلىتىپ يېڭى سىستېما قاچىلاش زۆرۈر بولۇپ قالسا قىستۇرما ئۈنۈملەرنى قايتىدىن قاچىلاش ياكى كۆرۈنمە يۈزىنى تەڭشەش قاتارلىق ئاۋارىچىلىقلار تۇغۇلىدىكەن

بۇ خىلدىكى پروگراممىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرى نۇرغۇن بولۇپ، PickMeApp شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. بۇ يۇمشاق دېتالدا كومپيوتېرغا قاچىلانغان مەلۇم يۇمشاق دېتالنى بولاقلاپ (قاچىلاش ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ) زاپاسلاش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، باشقا كومپيوتېرغا بۇ قاچىلاش بولىقىنى قاچىلىسىڭىز يۇمشاق دېتالغا ئەسلىدە قوشۇلغان قىستۇرما ۋە تەڭشەكلەر شۇ پېتى قاچىلىنىدۇ. بىر قىسىم سىستېما ئەپلىرى ياكى سىستېمىغا زور دەرىجىدە بېقىنىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى زاپاسلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ، PS قاتارلىقلارغا بولامدۇ- يوق سىناپ باقمىدىم، توردىن چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى