سوئال-جاۋاب

ئۆيۈمدە تېلېگرافنىڭ تورى بار ئىدى. ئاپپارات زالدا بولغاچقا ياتاق ئۆيدە سىمسىز تور پەقەت ياخشى ئەمەس. مەندە بىر دانە سىمسىز تور تارقاتقۇچ بار ئىدى، بۇرۇن ئۆزەم تەڭشىگەن، بۇ قېتىم بۇرۇنقىدەك تەڭشىسەم بولمايۋاتىدۇ. ياكى باش ئاپپاراتتىن تەڭشەيدىغان يېرى بارمۇ بىلمىدىم

مۇنداق گەپ، سوئال ئېنىق سورالمىسا ئېنىق جاۋاب بېرىش قىيىنغا چۈشىدۇ. ئارقا سۇپىدىكى نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابسىز قېلىشىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنداق، سوئال چۈشىنىكسىز، باش ئاخىرىنى بىلگىلى بولماسلىق دېگەندەك. سىز دېگەن ئاپپارات تېلېگرافتىن ئورنىتىپ بەرگەن كەڭ بەلباغ مودېمى شۇمۇ؟ ئەگەر شۇ بولسا، دېمەكچى بولغىنىڭىز ئاشۇ مودېمدىن تارقالغان سىمسىز تور سىگنالى ياتاق ئۆيىڭىزدە ياخشى تارتمىدى، شۇڭا بۇرۇن ئىشلەتكەن سىمسىز تور تارقاتقۇچ (无线路由器 دەپ چۈشەندىم) نى ئىشلىتىپ سىگنالنى كۈچەيتمەكچى بولدىڭىز، شۇنداقمۇ؟

ئەگەر شۇنداق بولسا، سىمسىز روتېر (无线路由器) نى تور سىمى بىلەن تورغا ئۇلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن بىر تال تور سىمى چىقىرىپ كومپيوتېرغا ئۇلاڭ، روتېرنىڭ كەينىدىكى IP ئادرېسى (كۆپىنچە 192.168.1.1) بويىچە تور كۆرگۈدە روتېرنىڭ تەڭشەك بېتىگە كىرىڭ. ئادەتتە ئىشلەتكۈچى نامى ۋە شىفىر روتېرنىڭ كەينىدە يېزىلغان بولىدۇ. ئاندىن سىمسىز تورنى ئاچسىڭىز بولىدۇ. تور نامى، مەخپىي شىفىرلارنى بېكىتىسىز.

تاماملانغاندىن كېيىن تەڭشەكنى ساقلىسىڭىز روتېر قايتا قوزغىلىدۇ.

ئەگەر بۇ سىمسىز تورغا ئۇلىنىپ، تورغا چىققىلى بولمىسا، روتېرنىڭ سەپلىمىسى خاتا تەڭشەلگەن بولۇشى مۇمكىن. سەۋەبىنى بىلەلمىسىڭىز روتېرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كىچىك تۆشۈككە ئىنچىكە نەرسىنى كىرگۈزۈپ بىر بېسىۋەتسىڭىز زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتىدۇ (ھەر خىل روتېرلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ). ئاندىن يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە قايتا تەڭشەڭ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى