سوئال-جاۋاب

نورمال ئىشلىتىۋاتقان كومپيوتېرىمدا تۇيۇقسىز ياڭراتقۇدىن تۇرۇپ- تۇرۇپ ئاۋاز چىقىدىغان بولۇۋالدى، ھېچقانداق ئاۋاز ياكى سىن ھۆججىتى قويۇلمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ئاۋازنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە بىر نەرسە دېمەپسىز. ناۋادا ئېلان سۆزى، قىسقا مۇزىكا ياكى شۇنىڭدەك بىر ئاۋاز بولسا، ئېنىقكى ئارقا سۇپىدا ئېلان ياكى لۈكچەك تۈس ئالغان پروگراممىلار چىقارغان ئاۋاز. ctrl+Alt+Del بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئېچىپ، بىنورمال ئىجرا بولۇۋاتقان جەريان (进程) لارنى توختىتىپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر گىژىلدىغان ئاۋاز ۋە قالايمىقان شاۋقۇن چىقسا، بەلكىم كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئاۋاز سىمى مەھكەم ئۇلانمىغان بولۇشى ۋە ياكى كومپيوتېر ئەتراپىدا ئاۋاز سىگنالىغا كاشىلا قىلىدىغان باشقا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى (مەسىلەن: مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق دېگەندەك) ئىشلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا ياڭراتقۇڭىزنىڭ سۈپىتىدىن گۇمان قىلسىڭىز بولىدۇ. جاۋابىمىزنىڭ مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىشقا پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى