ساغلاملىق

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شياۋ خانىم يەڭگىپ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بەدىنى سېمىزرەك بولغاچقا، دوختۇرلار ئۇنىڭغا قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكى تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ ھەمراھ بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ مومىسى 80 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ يەنىلا دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدى. بىر سائەتتىن كۆپرەك ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، بوۋاق ئوڭۇشلۇق تۇغۇلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ بەكلا خۇش بولغان ئىدى. نەۋرىسىنى كۆرگەن موماي خۇشاللىقىدا ئۇنى قۇچاقلاپ قويغىسى كېلىپ بوۋاقنى قولىغا ئالدى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بوۋاقنى كۆتۈرەلمەي، بالا يەرگە چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ بۇ ئىشتىن بەكلا چۆچۈپ كەتتى.

ئەمەلىيەتتە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆتۈرۈشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى كىشىلەر يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ:

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

1.كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر بالىنى بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرسە بولمايدۇ.

چۈنكى بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا، بەدىنىنىڭ يېتىلىشى تېخى تولۇق ئەمەس، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بالىنى كۆتۈرگەندە، ئۇلار بالىلارغا بەلكىم ئازراق كېسەللىك باكتېرىيىسىنى يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. تېنى ئاجىز بوۋاقلار بۇنىڭدىن ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى چوقۇم ساغلام ئادەملەر كۆتۈرۈشى كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

2.تاماكا خۇمارى كۈچلۈك كىشىلەر بالىنى بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ.

تاماكا خۇمارى بىر قەدەر كۈچلۈك كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ھەمىشە قويۇق تاماكىنىڭ پۇرىقى ئەگىشىپ يۈرىدۇ. چۈنكى تاماكا چەككەندە پەيدا بولغان تاماكا ئىسى كىيىمگە چاپلىشىپ قالىدىغان بولۇپ، بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن تارقىلىپ كېتىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار چوقۇم ئىككىلەمچى تاماكىدىن زەھەرلىنىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئەھۋال بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاش. چۈنكى ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىتقا بولغان سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار تاماكىدىن پەيدا بولغان ئىس بىلەن ئۇچراشسا، ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن دائىم تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى قۇچاقلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

3.يېشى چوڭلار بالىنى بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ.

ئادەتتە يېشى بىر قەدەر چوڭ بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ. ئەمما ئۇلار بوۋاق تۇغۇلغاندا بىر قەدەر ھاياجانلىنىدىغان بولۇپ، ھەمىشە بالىنى بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ياشانغانلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار، يەنە كېلىپ بىر قەدەر ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ئاسانلا تاسادىپىيلىق كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ياشانغانلارنىڭ يۈرىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ئاسانلا يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تۇغۇلغاندا ئادەتتە ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، يېشى چوڭراق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنى كۆتۈرۈش بىر قەدەر تەس، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى