سوئال-جاۋاب

كومپيوتېرىمنىڭ USB2.0 ئېغىزى ئىشلىمەس بولۇپ قېلىپ، ئوڭشاش ئۈچۈن ئىزدىنىپ Bios تەڭشىكى بىلەن ھەپىلەشكەن ئىدىم، كىم بىلسۇن، نورمال ئىشلەۋاتقان USB3.0 نى ئېتىۋېتىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن مائۇس، كونۇپكا تاختىسى دېگەنلەرمۇ ئىشلىمەس بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قانداق ئامال بار؟

BIOS قا كىرىپ F9 كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بارلىق تەڭشەك سۈكۈتتىكى ھالەتكە قايتىدۇ. ئاندىن كومپيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر USB3.0 ئېغىزى نورمال ئىشلەپ، USB2.0 ئېغىزى ئىشلىمىسە، ئېنىقكى بۇ Bios نىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى سىستېمىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەن. قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. 360驱动 ياكى 驱动精灵 دېگەندەك يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىڭ (بۇ لۈكچەك دېتاللارنى تەۋسىيە قىلغۇم يوقتى، چۈنكى سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى چۈشۈرۈپ بىللە قاچىلاپ كومپيوتېرىڭىزنى بۇلاپلا ئالىدۇ)، چۈشۈرگەندە ۋە قاچىلىغاندا دىققەت قىلىڭ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى