ساغلاملىق

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نېمىشقا ۋىتامىن k ئوكۇلى ئۇرۇلىدۇ؟

تۇغۇت ئۆيىدە ئادەتتە دوختۇرلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئىشلەيدىغان تۇنجى خىزمىتى بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىدا بوۋاقنىڭ سالامەتلېكىنى تەكشۈرۈش. بۇنىڭدا دوختۇرلار بوۋاقنىڭ باش تېرىسى سۇلۇق ئىششىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، كۆزى، ئېغىزى، بۇرنى، قۇلىقىدا غەلىتىلىك بار-يوقلۇقى، گەۋدىسى، مۈچە، پۇت-قوللىرىدا غەلىتىلىك بار-يوقلۇقى، مەقئەت يولىدا توسۇلۇش بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە بوۋاقنىڭ ئانىسىغا بوۋاقنىڭ جىنسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاندىن بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى، بوي ئىگىزلىكىنى ئۆلچەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى دوختۇرلار بوۋاقنىڭ مۇسكۇلىغا ۋىتامىن k نى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ.

بەزى تۇغۇتلۇق ئاياللار يېڭى تۇغۇلغان بالام ساپساق تۇرسا نېمىشقا يەنە ئوكۇل ئۇرىدۇ، دەپ بۇنى توغرا چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئوكۇلنىڭ ئاساسلىقى بوۋاقنىڭ بەدەن ئىچىدىكى قاناشنى توسۇش، بولۇپمۇ مېڭە قاناشنى توسۇش رولى بار. ۋىتامىن k قاننىڭ ئۇيۇشۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، بالىياتقۇدا ۋىتامىن k بولمىغانلىقى، شۇنداقلا بوۋاقلارنىڭ جىگىرى يېتەرلىك ۋىتامىن k ھاسىل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ۋىتامىن k يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك بەدەن ئىچىدە قاناش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋىتامىن k ئوكۇلى ئۇرۇشنىڭ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە ھېچقانداق زىيىنى يوق.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نېمىشقا ۋىتامىن k ئوكۇلى ئۇرۇلىدۇ؟

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بوۋاقلاردا مېڭە قاناش يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار بۇنچە كىچىك بالىدا قانداقمۇ مېڭە قاناش كۆرۈلسۇن، مېڭە قاناش ئادەتتە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئەمەسمۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس. بىزنىڭ دوختۇرخانىمىزنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغان بوۋاقنى داۋالىدۇق. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بۇ بوۋاقتا قۇسۇش، پۇت-قولى تارتىشىپ قېلىش، ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا كۆز قارىچۇقى تارقىلىپ كەتكەن. دوختۇر بوۋاقنىڭ باش قىسمىنى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق سول چېكىسىدە سۇس ئۆتكۈر قاتتىق پەردە ئاستى قانلىق ئىششىقى شەكىللەنگەنلېكىنى، باش سۆڭىكى ئىچىنىڭ بېسىمى شىددەت بىلەن ئېشىپ مېڭە چۇقۇقى شەكىللەندۈرگەنلېكىنى، ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىنلېكىنى بايقىغان. ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، قىز بوۋاقنىڭ باش سۆڭىكى ئىچىدىن 30 مىللىلېتىر قانلىق ئىششىق ئېلىۋېتىلگەن، بەختكە يارىشا ۋاقتىدا داۋالانغاچقا، بالىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نېمىشقا ۋىتامىن k ئوكۇلى ئۇرۇلىدۇ؟

بۇ بوۋاق ئانىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن مېڭە قاناشقا گىرىپتار بولغان. بوۋاقنىڭ ئانىسى قىرقى ئىچىدە گۆش يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى يېمىگەن، شۇڭا بوۋاق بەدىنىدە ۋىتامىن k يېتىشمەي قېلىپ، باش سۆڭىكى ئىچىدە قاناش يۈز بەرگەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن k بىر خىل ئىنتايىن مۇھىم بولغان مىكرو ئېلېمېنت!

كۆپ قىسىم كىشىلەر ئادەتتە ۋىتامىن c، ۋىتامىن bنى پىششىق بىلىدۇ، ئەمما ۋىتامىن kنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل ۋىتامىن قاناشقا قارشى تۇرغۇچى تەبىئىي ۋىتامىن. ئۇ جىگەر ئىچىدىكى تىرومبىن ۋە باشقا قان ئۇيۇشتۇرغۇچى ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان تەركىب. ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ تەركىبىدە تىرومبىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى قانىغاندا قاننى توختىتالايمىز، بەدەنگە ۋىتامىن kنى تولۇقلىغاندا مېڭە قاناشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بالا ھەمراھىدا ئايلىنىۋاتقان ياغنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىگىرىدىكى تىرومبىننىڭ بىرىكىشى تېخى پىشىپ يېتىلمەيدۇ، شۇڭا بوۋاقتا ۋىتامىن k يېتىشمەسلىكى كۆرۈلۈپ، ئاسانلا مېڭە قاناش يۈز بېرىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نېمىشقا ۋىتامىن k ئوكۇلى ئۇرۇلىدۇ؟

ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئەۋزەللېكىنى بىلىدۇ، ئەمما ئانا سۈتى بىلەنلا باققاندا بوۋاقلاردا ئاسانلا ۋىتامىن k يېتىشمەسلىكى يۈز بېرىدۇ، بۇ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئانا سۈتىدىكى ۋىتامىن k تەركىبى كالا سۈتىدىكىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىشقا قارىغاندا، يەككە ھالدا ئانا سۈتى بىلەنلا باققاندا، بوۋاقلاردا ئاسانلا ۋىتامىن k يېتىشمەسلىكى كۆرۈلىدۇ.

ئىلمىي تەتقىقاتلاردا پالەك، كاللەكبەسەي قاتارلىق ياپيېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، كالا سۈتىدە مول مىقداردا ۋىتامىن k بارلىقى ئىسپاتلانغان. شۇڭا ئېمىتىش مەزگىلىدە، ئانىلار تاماقتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، بىر قىسىم گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تولۇقلىغاندىن سىرت، يەنە قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.

ئىلگىرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋىتامىن k ئوكۇلى ئۇرۇش دائىمىي خىزمەت ئەمەس ئىدى. ھازىر بوۋاقلاردا ۋىتامىن k يېتىشمەي مېڭە قاناش يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، دوختۇرخانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋىتامىن k ئوكۇلى ئۇرۇشنى دائىملىق خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزدى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى بولغان ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى. شۇڭا بۇ ئوكۇلنى ئۇرۇشقا قارىتا، تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەرگىز رەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولماسلىقى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى