سوئال-جاۋاب

VGA، DVI، HDMI ئۇلاش ئېغىزلىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ قايسىسى ياخشى؟

بۇ ئۈچىلىسى ئېكران ئۇلاش ئېغىزى، سىرتقى شەكلى جەھەتتە بىر- بىرىدىن روشەن پەرق قىلىدۇ. يەنە سىگنال يەتكۈزۈش پارامېتىرلىرىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىچە چۈشەنچە بېرىمىز:

1. VGA ئېغىزى

بۇنىڭ رەڭگى ئادەتتە كۆك رەڭلىك بولۇپ، 15 يىڭنىلىك ئېكران ئۇلاش ئېغىزى. ئۇلاش سىمىنىڭ ئۈچ خىل شەكلى بار: 6+3، 3+4، 3+9 دېگەندەك. بۇلارنىڭ سىگنال سۈپىتى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، 3+9 ئەڭ ياخشى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2048*1536 پىكسېل ئېنىقلىقتا، 60Hz چاستوتىدا سىگنال ئۇزىتالايدۇ، باھاسى ئالدىنقى ئىككىسىدىن قىممەت.

ئالدىنقى ئىككىسى 1366*768 ئېنىقلىقتىكى ئېكرانغا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن چوڭ ئېنىقلىقتىكى ئېكراندا كۆرسىتىش سۈپىتى پەقەتلا ياخشى ئەمەس (ئېكران تىترەش، تورسىمان سېتكا پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ).

2. DVI ئېغىزى

بۇنىڭ نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقىنىنىڭ ئۆلچىمى ئىككى خىل: 25 يىڭنىلىك ۋە 29 يىڭنىلىك. بۇ ئىككى ئۆلچەمدىكىسى سىگنال ئۇزىتىش ئىقتىدارى جەھەتتىن پەرقسىز. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2K ئېنىقلىقتىكى120Hz چاستوتىلىق سىگنال ئۇزىتىشنى قوللايدۇ.

3. HDMI ئېغىزى

HDMI نىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىككى خىل ئۆلچىمى بار: HDMI1.4 ۋە HDMI2.0، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4K ئېنىقلىقتا، 60Hz چاستوتىدا سىن سېگنالى ۋە بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرى سۈپەتتە ئاۋاز سىگنالى ئۇزىتالايدۇ. HDMI ئېغىزنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل شەكلى بولۇپ، ئۇلار: ئۆلچەملىك HDMI، micro HDMI، mini HDMI،  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان HDMI2.1 نىڭ سىگنال سۈپىتى 10K غا يېتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى