سوئال-جاۋاب

Excel دا ئىشلىگەن ناھايىتى مۇھىم جەدۋەل ھۆججىتى بار ئىدى، يېقىندىن بېرى ھۆججەتنىڭ سىنبەلگىسى ناخشىنىڭ سىنبەلگىسىگە ئۆزگىرىۋېلىپ ئېچىلمايۋاتىدۇ. قوش چەكسەم ناخشا قويغۇچ قوزغىلىپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ قاراپ تۇرىدۇ. بەكمۇ مۇھىم ھۆججەت ئىدى، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟

ئەھۋالنى تەپسىلىي دېمەپسىز، ياكى ھۆججەت تىپى ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز ئېنىق ئەمەس ئوخشايدۇ. سىز دېگەن ئەھۋالغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار:

1. ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. Excel ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ئادەتتە 2007 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرىدە xlsx، بۇرۇنقى نەشرىدە xls بولىدۇ. سىز ئالدى بىلەن سىستېمىنىڭ ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىڭ ۋە مۇھىم ھۆججىتىڭىزنىڭ ھازىرقى كېڭەيتىلگەن نامىنى كۆرۈپ بېقىڭ. بىنورمال بولسا شۇ نامنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىزلا ئوڭشىلىدۇ (ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرستىلدى).

 بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2. Excel ھۆججىتىنى ئاچىدىغان سۈكۈتتىكى پروگرامما ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنى، سىستېمىدا ھەر بىر تىپتىكى ھۆججەتنى ماۋۇ پروگراممىدا ئېچىلىدۇ دەيدىغان بىر تەڭشەك بولىدۇ. Excel ھۆججىتى Microsoft Excel دا ئېچىلىشى كېرەك. بۇ Excel دىن باشقا پروگراممىغا، يەنى مۇزىكا قويغۇچقا ئۆزگىرىپ كەتسە سىز دېگەن ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى