ساغلاملىق

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنى نېمىشقا ئاپئاق بولىدۇ؟

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا بولغۇچى ئالدى بىلەن بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، غەيرىيلىك بارمۇ-يوق دېگەنلەرنى سوراپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن بالىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولىدۇ، ئەمما ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىسىنىڭ بەدىنىدىكى بىر قەۋەت مايلاش ئاپئاق نەرسىنى ھەمدە تېرىلىرىنىڭ پۈرلەش پۈرلەش سەت تۇرغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئانىلار خۇددى ماڭا ئوخشاشلا يىغلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىرنەچچە كۈندىن كېيىن بالىسىنىڭ چىرايلىقلىشىپ بۇدرۇققىنە چوڭ بولۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنى توختىماي سۆيۈپ باقىدۇ، باشقىلار قولىغا ئېلىپ ئەركىلەتسىمۇ خۇددى باشقىلار ئۇنىڭ بالىسىنى ئېلىپ كېتىدىغاندەك ئەنسىرەپ تۇرىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنى نېمىشقا ئاپئاق بولىدۇ؟

بوۋاق ئەمدىلا تۇغۇلغاندا بەدىنىدىكى مايلاش ئاق نەرسە دەل ھامىلە مېيى، ئۇ تېرە ماي بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان تېرە مېيى ۋە ئېپىدىرما ھۈجەيرىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ھامىلىنى ئىسسىق ساقلاش ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن بولسا ھامىلىنىڭ تېرىسى تەرىپىدىن سۈمۈرۈۋېلىنىدۇ.

ھامىلە مېيىنىڭ پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرىپى بار، ھامىلە مەزگىلىدە بوۋاقنىڭ باش سۈيى ئىچىدە تۇرۇپمۇ ھېچنېمە بولماسلىقىدىكى سەۋەب دەل مۇشۇ ھامىلە مېيىنىڭ قوغداپ تۇرغانلىقىدىن بولىدۇ، دەل شۇ ھامىلە مېيى ھامىلىنى قوغداپ تۇرغاچقا باش سۈيىنىڭ ھامىلە تېنىگە بولغان تەسىرى يوقالغان، بولمىسا نەچچە ئاي سۇغا چىلىنىپ تۇرسا كىچىك بالا ئەمەس، چوڭ ئادەممۇ ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنى نېمىشقا ئاپئاق بولىدۇ؟

ئەمما باش سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچىمۇ دەل مۇشۇ ھامىلە مېيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدۇر. ھامىلە مېيى باش سۈيىگە ئارىلىشىپ كېتىپ بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. باش سۈيى بۇلغاندى دېگەندىمۇ بۇلغىنىش دەرىجىسىگە قارايمىز، باش سۈيى بۇلغىنىشتىكى ئۈچ سەۋەب ھامىلە مېيى ياكى ھامىلە تەرىتى ۋە ياكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن بولىدۇ. لېكىن يىنىك دەرىجىدە بۇلغانسا ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەمما ئوتتۇراھال ياكى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانسا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوكسىگىن سۈمۈرۈپ كېرەكلىك تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنى نېمىشقا ئاپئاق بولىدۇ؟

ھامىلە مېيىنى بوۋاق تۇغۇلغاندىلا بىر تەرەپ قىلىش كېرەكمۇ؟

بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا ھامىلە مېيى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. لېكىن ئېڭەك ئاستى ۋە كاسا تەرەپتىكى ھامىلە مېيىنى چوقۇم تازىلىۋېتىش ھەمدە بۇ جايلارنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بولمىسا بوۋاقنىڭ يۇمران تېرىسى ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاق تۇغۇلغاندا ئاسانلا «بوينى تېلىنىپ كېتىش» كۆرۈلىدۇ، بۇ دەل بويۇن تەرەپتىكى ھامىلە مېيىنىڭ ياخشى تازىلانمىغانلىقىدىن بولىدۇ، ئەگەر ئانا بولغۇچى بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى تەر ۋە سۈت قالدۇقلىرىنى ۋاقتىدا تازىلىمىسا بۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بويۇندىكى تۈرۈك يەرلەرگە يىغىلىپ قالىدۇ-دە، بوۋاقنىڭ تېرىسى ئاسانلا زەخىملىنىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنى نېمىشقا ئاپئاق بولىدۇ؟

بوۋاق ئەمدىلا تۇغۇلغاندا ئىممۇنىتېت كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا ھامىلە مېيىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ، شۇڭا دەسلەپكى بىرنەچچە كۈن جەريانىدا بوۋاق سىرتقى دۇنياغا ئاستا-ئاستا ماسلىشىۋالغۇچە ھامىلە مېيىمۇ ئىسسىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، بوۋاقنىڭ باش سۈيى ئىچىدە تۇرغاندىكى تېمپىراتۇراسى بىلەن سىرتقى دۇنياغا چىققاندىكى تېمپىراتۇرا زور پەرقلەنگەچكە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلاشقۇچە بوۋاق بىرئاز ۋاقىتقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا ھامىلە مېيىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىراپ كەتمىسىمۇ بىرنەچچە كۈندە ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى

Warning: preg_grep() expects parameter 2 to be array, null given in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-content/plugins/wp-autopost-pro/wp-autopost-function.php on line 9920