ساغلاملىق

بالىلار قىش پەسلىدە قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنداق بىر ئىشقا يۇلۇقۇپ باققان بۇلۇشى مۇمكىن: قىش كۈنلىرى بالا يۇيۇنۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بەدىنىدىكى تېرىلەر قىزىرىپ قىچىشىپ كېتىدۇ، تاتىلىغاندا ئاق رەڭلىك كېپەك پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ تېرىسىنىڭ بەك قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلېكىنىڭ سىگنالى. تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ سەۋەبى زىيادە پاكىزلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بالىلار قىش پەسلىدە قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئۇنداقتا قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

28 كۈن ئىچىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنىڭ قېلىنلىقى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدۇ، تېرە مېيىنىڭ ئاجرىلىشى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت يۇيۇنمىغاندا، ماي تېرە يۈزىگە زىيادە يىغىلىپ قېلىپ، بوۋاق ئاسانلا تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇندۇرۇشى كېرەك.

3-0 ياشقىچە بالىلار

2 ~ 3 كۈن ئارىلاپ بىر قېتىم ياكى بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يۇيۇنۇش كېرەك.

 

ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلار

قورامىغا يەتكەنلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىشكىمۇ توغرا كېلىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇش ئەڭ ئىلمىي بولىدۇ.

بالىلار قىش پەسلىدە قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

قىش پەسلىدە يۇيۇنغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

1. يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئاسانلا مەيدىسى سىقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، دېمى سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى قىش كۈنلىرى يۇيۇنغاندا ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقاشقا ئادەتلەنگەن، مۇنچىنىڭ ئىچى سۇ ھورى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇزاق يۇيۇنسا چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، ئەگەر يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ئاسانلا بىئارام بولۇپ قالىدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالىنىڭ يۇيۇنۇش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى 10 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

2. ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ناھىيەسىگەرچە كۆپچىلىك سوغۇقتىن قورقسىمۇ، لېكىن گازلىق سۇ ئىسسىتقۇچنى ئىشلىتىپ يۇيۇنغاندا، ئىشىك ـ دېرىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋەتسە ئاسانلا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ، بۇنداق تىراگېدىيە ھەر يىلى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن چوقۇم ساقلىنىشى كېرەك.

3. دائىم ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر يۇيۇنغاندا يېنىغا بىر ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق يۇيۇنغاندا ناھايىتى ئىسسىق بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.

2016-يىلى 11-ئايدا خۇبېي ئۆلكىسىدىكى يەتتە ياشلىق بىر قىزچاق يۇيۇنغاندا بەختكە قارشى توك سوقۇۋېتىپ قازا قىلغان، بۇ تىراگېدىيەنىڭ باش جىنايەتچىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋاننىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى ئىدى.

4. نەملىك ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش

يۇيۇنغاندىن كېيىن، بالىنىڭ بەدىنىدىكى سۇنى پاكىز سۈرتۈۋېتىش كېرەك، بۇ بىرىنچىدىن، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىككىنچىدىن، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

بالىلار قىش پەسلىدە قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

يۇيۇنغاندا بەزىدە بالىلارنىڭ بېشى قېيىپ بىئارام بولۇشى سۇسىزلىنىشنىڭ سىگنالى. شۇڭا يۇيۇنۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا، بەدەن ئاسراش مېينى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، تېرىگە تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى