كومپيوتېر

گوست نۇسخىسىدىكى Win10 نى قاچىلىغاندىن كېيىنكى تۆت زۆرۈر تەڭشەش

كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر كومپيوتېرغا سىستېما قاچىلاشتا گوست نۇسخىسىدىكى (Ghost) سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلىتىدۇ. بۇ خىلدىكى سىستېمىلار ئۈچىنچى تەرەپنىڭ پېتىقلىشىدىن ئۆتۈپ، زور دەرىجىدە ئىخچاملىنىپ، ئېلان تۈسىدىكى قىستۇرمىلار قوشۇلۇپ تورغا ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ۋە زىيادە ئېقىم خورىتىدىغان زۆرۈرىيەتسىز دېتاللار قوشۇۋېتىلگەن بولىدۇ. ئادەتتە، گوست نەشىردىكى سىستېمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچ ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن باشقا، سىستېمىنىڭ ئېلانسىز، ئورۇنسىز قىستۇرمىلاردىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

                         

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

ئۇنداق بولسا نەق گەپكە ئۆتۈپ كېتەيلى:

بىرىنچى زۆرۈر تەڭشەك: ئۈچىنچى تەرەپ بىخەتەرلىك دېتالىنى ئۆچۈرۈۋېتىش.

Windows10 بولسا كۆزنەك مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى. ئۈچىنچى تەرەپ بىخەتەرلىك دېتاللىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك تەڭشەكلىرىنى ئېتىپ قويۇپ، سىستېما بىخەتەرلىك قاراۋۇللۇقىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بىز بۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، سىستېمىنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن بىخەتەرلىك تەڭشەكلىرى ۋە يۇمشاق دېتالىنى قوزغىتىپ ئىشلەتسەك ئەڭ ياخشى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

كونكېرت ئۇسۇلى: «كونترول سۇپىسى» 【控制面板】 ئىچىدىن«پروگرامما ئۆزگەرتىش» 添加删除程序】 نى ئېچىپ، بۇ يەردىن ئىشلەتمەيدىغان پروگراممىلارنى ۋە بىخەتەرلىك دېتاللىرىنى چىقىرىۋېتىمىز. مەسىلەن: XXX安全卫士، 电脑管家 دېگەندەك. يەنە ئىشلەتمەيدىغان قويغۇچ ۋە ئېلان تۈسىدىكى غەلۋىلەرنىمۇ چىقىرىۋەتسەك تامامەن بولىدۇ.

 

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئىككىنچى زۆرۈر تەڭشەك: Windows Defender نى قوزغىتىش.

بۇ بولسا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك دېتالى. بۇنى قوزغىتىش ئۈچۈن باشلاش تىزىملىكىدىكى Windows系统 نىڭ ئىچىدىن Windows Defender نى ئىجرا قىلساق، بۇنىڭ كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

 

لېكىن، كۆزنەكتىن 打开 بېسىلسا، مۇلازىمەت ئوڭۇشلۇق قوزغالماي، رەسىمدىكىدەك كۆزنەككە ئالمىشىۋالىدۇ:

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

1. Windows+R بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، «ئىجرا» 【运行】 رامكىسىنى ئاچىمىز ۋە services.msc بۇيرۇقىنى يېزىپ ئىجرا قىلىمىز.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

 

2.ئېچىلغان مۇلازىمەتلەر كۆزنىكىدىن Windows Defender Service ناملىق مۇلازىمەتنى تېپىپ ئۇنى قوش چېكىمىز.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بۇيەردىن بۇ مۇلازىمەتنى قايتا قوزغاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئەمما ھېچقىسى يوق. بىز بۇ يەردىن 依存关系 ناملىق ئەزانى چەكسەك، بۇ مۇلازىمەت باغلىنىپ خىزمەت قىلىدىغان باشقا مۇلازىمەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىككى باغلىنىشلىق مۇلازىمەتنى تېپىپ، ئايرىم- ئايرىم ئىككىسىنى 启动类型 نى 自动 ھالەتتە تەڭشەپ، 启动 نى بېسىپ ئېچىپ چېكىنىپ، ئاندىن WindowsDefender مۇلازىمىتىنى قايتا ئاچساق، نورمال ئاچقىلى بولىدۇ.

3. ئەگەر ئۇ ئىككى مۇلازىمەتنى ئېچىشقىمۇ بولمىسا (启动 كونۇپكىسى كۈلرەڭ ھالەتتە بولۇپ قالسا)، بۇ كۆزنەكنى تاقاپ، قايتىدىن Win+R بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئىجرا رامكىسى ئېچىلغاندىن كېيىن Gpedit.msc نى يېزىپ ئىجرا قىلىمىز ۋە تۆۋەندىكى يول بويىچە ئىچكىرىلەپ كىرىمىز:

组策略-计算机配置-管理模板-windows 组件-windows defender

 

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىن 关闭WinDefender دېگەن تۈرنى تېپىپ، ئۇنى قوش چېكىپ، ئاۋۋال 已启用 غا بەلگە ئۇرۇپ، ساقلاپ چېكىنىمىز. ئاندىن بۇنى قايتا ئېچىپ، 已禁用 غا بەلگە ئۇرۇپ ساقلاپ چېكىنىمىز.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

4. ئەمدى WindowsDefender نى قوزغىتىپ، 立即启动 ياكى 打开 ناملىق كونۇپكىنى باسساق، WindowsDefender ئوڭۇشلۇق قوزغىلىدۇ ۋە كومپيوتېرىمىز قوغداش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.

 

 

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۈچىنچى زۆرۈر تەڭشەك: Windows بىخەتەرلىك مەركىزىنى قوزغىتىش

گوست سىستېمىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ بىخەتەرلىك دېتاللىرى سىستېمىنىڭ بۇ يادرولۇق بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويغاچقا، قايتا ئېچىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك:

كونترول سۇپىسى (控制面板) دىن «سىستېما ۋە بىخەتەرلىك» (系统和安全) نى تېپىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 【安全和维护】 نى چېكىمىز. بۇ يەردىن 立即启用 بېسىلسا رەسىمدىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

Win+R نى بېسىپ، ئىجرا رامكىسىغا services.msc دەپ يېزىپ ئىجرا قىلىپ، «مۇلازىمەت» 【服务】كۆزنىكىنى ئېچىپ، secure center ناملىق مۇلازىمەتنى تاپىمىز ۋە بۇنىڭ قوزغىلىش تىپىنى 自动 قىلىپ تەڭشەپ، 启用 نى بېسىپ ئاچىمىز.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

 

ئەگەر ئېچىشقا بولمىسا، ئۈستىدىكى باسقۇچتا كۆرسىتىلگەندەك، 依存关系 نىڭ ئىچىدىكى باغلىنىشچان مۇلازىمەتنى تېپىپ، ئۇنى ئاچقاندىن كېيىن ئاندىن بۇ مۇلازىمەتنى قايتا ئاچساق بولىدۇ.

 

تۆتىنچى زۆرۈر تەڭشەك: ئوت مۇداپىئە تېمى (防火墙) نى ئېچىش.

ئۈچىنچى تەڭشەكنى تاماملىغاندىن كېيىنلا بىخەتەرلىك مەركىزىدە 启用防火墙 دېگەن خەت پەيدا بولىدۇ، شۇنى بېسىپ قويساقلا بولىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

يۇقىرىدىكى تۆت زۆرۈر تەڭشەك ئارقىلىق كومپيوتېرىمىزنى ھەقىقىي نەشىر سىستېمىغا ئەڭ يېقىن ھالەتتىكى بىخەتەرلىك قوغداش مۇھىتىغا ئەكىلىۋالدۇق.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى