يانفۇن

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش

سالام ئەزىزلەر، بۈگۈن يانفوندا Microsoft Office يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ ھۆججەت تەھرىرلەش دەرسلېكىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. بەزىدە سىرتلاردا يېنىمىزدا كومپيوتېر يوق چاغدا word ياكى Excel ھۆججىتىنى تەھرىرلەيدىغان، ياكى خەت كىرگۈزۈپ يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئېھتىياج بولۇپ قالىدۇ، كومپيوتېر ئالدىغا باراي دېسەك ۋاقىت ياربەرمەيدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟

 

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-1

يانفوننى چىقىرىپ قاتتىق توۋلايمىز: «ماڭا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي!…» بۇ چاغدا يولۋاس ئەرش يولۋىسىغا ئايلىنىدۇ، مەن …..

ۋوي، بۇنداق ئەمەستى راست، بالىلىقنى ئەسلەپ قاپتۇق، ئەپۇ قىلىڭلار.

نەق گەپكە قايتىلى. 

ئاۋۋال ئەقىللىق تېلېفونىڭىزغا مۇناسىپ ئەپ دېتال قاچىلانغان بولۇشى كېرەك. يانفوننىڭ 应用商店 نى ئېچىپ، Microsoft دەپ يېزىپ ئىزدەپ Microsoft Word نىڭ يانفون نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋالىسىز. ئالما ۋە ئاندىرويىد يانفونىدا ئوخشاش، پەرق چوڭ ئەمەس. ئوخشاش ئۇسۇلدا Excel ۋە Powerpoint لارنىمۇ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. سىغىمى چوڭراق (ھەر بىرى 70 مېگابايت ئەتراپىدا)، ئامال بار سىمسىز تور (WiFi) شارائىتىدا چۈشۈرۈڭ.

 

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-4

 (بۇنىڭغا ئانچە پىششىق بولمىسىڭىز ئاسانكەنغۇ دېمەي، ئەپنىڭ سىغىمى ۋە نەشىر ھوقۇقى ئىزاھاتىغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ، ئوخشىتىپ ياسالغان بېلىق تۇتۇش ئەپلىرىگە ئىلىنىپ قالماڭ)

ئەپ تۇنجى قېتىم قوزغىتىلغاندا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ. قوزغىلىپ ساقلىغۇچقا ئوقۇش- يېزىش ھوقۇقى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن (ھەر خىل يانفون تىپىدا ئوخشاش بولمايدۇ)، «قوشۇلدۇم» نى بېسىپ ھوقۇق بەرسىڭىز بولىدۇ.

قوزغالغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى:

 

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-5

كومپيوتېردىكىگە ئوخشاش، «新建» نى بېسىپ يېڭى قۇرۇق ھۆججەت قۇرۇشقا، «打开» نى بېسىپ ھۆججەت ئېچىشقا بولىدۇ.

 

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-6

رەسىمدە: يانفوننى يانتۇ تۇتقاندىكى ھالەت. يانفونىڭىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان بولسا ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى تەھرىرلىيەلەيسىز.

 

يانفوننى تىك تۇتۇپ، «开始» نى باسساق، كومپيوتېر نۇسخىسىدىكى كۆپ قىسىم ئىقتىدارلارنىڭ بارلىقىنى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭمۇ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز. كومپيوتېردا Office قا يامان ئەمەس بولسىڭىز، بۇ يەردىمۇ بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز.

 

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-7

«开始» نى باسساق Word نىڭ كومپيوتېرنۇسخىسىدىكى تەھرىرلەش ھالەتلىرىگە ئوخشاش ئالمىشىشقا بولىدۇ.

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-8

تەپسىلىي دېمىسەممۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر چۈشىنىۋالدى، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، قەغەز تىپى ۋە يۆنىلىشى، بەت چۆرىسى، بەت قېشى- ئاستىنى تەڭشەش، رەسىم، دىئاگرامما ۋە 超链接 قىستۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنىمۇ ئوڭايلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-9

ئۇنىڭدىن باشقا، Excel ۋە PowerPoint ئەپلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشايدۇ، كۆنۈپ قالسىڭىز كومپيوتېردىكىدەكلا قولايلىق بىلىنىدۇ ھەمدە كومپيوتېر نۇسخىسىدا ئىشلەتكەن ئىقتىدارلار بۇنىڭدا ئاساسەن تولۇق.

OTG سىم ئارقىلىق چوڭ كونۇپكا تاختىسى، ھەتتا مائۇسمۇ سەپلىۋالغىلى بولىدۇ)

 

يانفوندا ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش-10

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى