ساغلاملىق

توختىماي ھېق تۇتۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

توختىماي ھېق تۇتۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

ھېق تۇتۇش بولسا يۇتقۇنچاق يولىدىن ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقىرىلىدىغان قىسقا ئاۋازنىڭ ئىپادىلىشىنى ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇشتا، ھەممە كىشىگە دېگۈدەك ھېق تۇتىدۇ. ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ، ئومۇمەن ئېيتقاندا، بەدەندىكى تەۋرەنمە پەردىنىڭ يىغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھېق تۇتۇشنىڭ ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئادەم بەدىنى تاشقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا ھېق تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، سوغۇق، ئىسسىق ئىچىملىك ئىچكەندە، ئادەم بەدىنىدىكى دىئافراگما مۇسكۇلى ئىسسىق-سوغۇقنىڭ غىدىقلىشى بىلەن سىپازمىلىنىپ، كىشىلەردە توختىماي ھېق تۇتۇشنى پەيدا قىلىدۇ.

2. يېمەكلىكلەرنى زىيادە تېز يېيىشمۇ ھېق تۇتۇشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى ھېق تۇتۇش كۆپ ئۇچرايدىغانلىقتىن، نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسقا تەۋە بولىدۇ. كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى ھاپىلا-شاپىلا يېگەن چېغىدا، تەۋرەنمە پەردىدە سىپازمىلىنىپ يىغىلىش ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىكلەرنى تېز يېيىش بىلەن بىرگە كۆپ مىقداردىكى ھاۋانى بىللە سۈمۈرگەنلىكتىن، ھېق تۇتۇپ قالىدۇ.

3. كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشمۇ ھېق تۇتۇشتىكى ئامىللارنىڭ بىرى. كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ كىسلاتالىقى دىئافراگما مۇسكۇلىنى غىدىقلاپ، ھېق تۇتقۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىچىملىكتە زور مىقداردىكى قىسىلغان گازنى ئېرىتكەچكە، كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى زىيادە ھاۋا بىلەن تولغانلىقتىن، ھېقنى شەكىللەندۈرىدۇ.

4. كىشىلەر روھىي جەھەتتە زىيادە جىددىيلەشكەن ئەھۋالدا ھەمدە كەيپىياتى تۇراقسىزلاشقاندا، نەپەس تېزلىشىپ بەدەننىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئاشىدۇ-دە، بىلىپ-بىلمەيلا زىيادە كۆپ ئوكسىگېننى سۈمۈرۈۋېلىپ، ھېق تۇتۇپ قالىدۇ.

5. بۇنىڭدىن سىرت، توختىماي ھېق تۇتۇش بەلكىم مەلۇم كېسەللىكلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ھېق تۇتقاندا، غەيرىي پۇراق ئەگىشىپ كەلسە، بۇ ئادەتتىكى ھېق تۇتۇش بولماستىن، ئاشقازان كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

ھېق تۇتۇشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھېق تۇتىدۇ، ئۇنداقتا ھېقنى توختىتىشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار. تۆۋەندە ھېقنى توختىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

توختىماي ھېق تۇتۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

1. ھېق توختىمىغان ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تەمكىن تۇتۇپ، ھېق تۇتۇۋالغانلىقنىلا كاللىمىزغا كىرگۈزۋالماي، دىققەت ئېتىبارىمىزنى يۆتكەپ، ئاستا-ئاستا نەپەسلىنىش رېتىمىمىزنى تەڭشىشىمىز كېرەك. ئادەتتىكى ھېق تۇتۇش قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزى تەبىئي توختاپ قالىدۇ.

2. بەزىلەر ھېق تۇتقاندا بىر نەچچە مىنۇت نەپىسىنى قىسىۋالىدۇ. بۇ ئۇسۇل كۆپ مىقداردىكى ھاۋانىڭ ئۆپكە قىسمىغا كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ.

3. ھېق توختىمىغاندا، بىر پارچە پاكىز داكىنى تىلغا تەگكۈزۈپ، بىر قانچە قېتىم يېنىككىنە سىرتقا سوزۇپ بەرگەندە، قورساقتىكى ھاۋانىڭ چىقىپ كەتكەنلېكىنى بىۋاستە ھېس قىلالايدۇ.

4. ھېق تۇتقاندا، سۇنى كۆپرەك ئىچىش بىلەن بىرگە بەلنى ئېگىش ھەرىكىتىنى بىر قانچە قېتىم تەكرار ئىشلەپ بەرسىمۇ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

5. بۇنىڭدىن سىرت، ھېق تۇتۇشنى توختىتىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بار، مەسىلەن، بىر يۇتۇم سۇنى ئېغىزغا ئېلىپ، ھېق تۇتقان چاغدىلا يۈتۈۋەتسە، ياكى بىر قوشۇق ئاق شېكەرنى يەپ، ئىككى قولدا تىزنى قۇچاقلاپ، مەيدىنى باسسا، ئالقان بىلەن ھېق تۇتقۇچىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىككىنە ئۇرسا ھېقنى توختىتىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1.ئادەتتىكى ھېق تۇتۇش نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىگە تەۋە بولۇپ، زىيادە ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ تۇرۇپمۇ ھېق توختىمىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش ھەمدە بەدەن تەكشۈرتۈش كېرەك.

2. ھېق تۇتۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاماق ۋاقتىدا پاراڭلىشىشتىن، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك، يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يەپ، بەك تويۇنۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھېق تۇتۇش كىچىك ئىش بولسىمۇ، سەل قارىماسلىق كېرەك. بەلكىم توختىماي ھېق تۇتۇش بەدەندىكى مەلۇم قىسىمدىكى ئىقتىداردا غەيرىيلىك كۆرۈلگەنلىكىدىن بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، چوقۇم بەدەن ساغلاملىقىمىزنى ياخشى ساقلىشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى