ساغلاملىق

ھېق تۇتۇش توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

ھېق تۇتۇش توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

تۇرمۇشتا تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ھەم تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ھېق تۇتۇش ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر بىرەيلەن 68 يىل توختىماي ئۇدا ھىق تۇتسا، ئۇنى ئاساسىي جەھەتتىن «ئىجتىمائىي ئالاقە خاراكتېرلىك پالەچ» بولۇپ قالغان دېيىشكە بولامدۇ؟

ئىلگىرى بىر خەۋەردە، بىر ئەرنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ئاخىرى كونترول قىلىنغان، ئەمما بىر خىل غەلىتە كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ قالغان، يەنى قاتتىق ھېق تۇتىدىغان بولۇپ قالغان. جاڭ ئەپەندىنىڭ كېكىردەك تۈگۈنىنىڭ ئاستى-ئۈستى كۆتۈرۈش چۈشۈش ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، مىنۇتىغا تەخمىنەن 40 قېتىم ھېق تۇتىدۇ.

بۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تۇرمۇشىغا زور توسقۇنلۇق قىلغاندىن باشقا، ھەتتا كېچىدە ئۇخلىغاندىمۇ ھېق تۇتىدۇ. شۇنداق قىلىپ يېرىم يىلدىن كۆپرەك ھېق تۇتۇپ، جاڭ ئەپەندىنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ، ئىنتايىن چارچاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تاماقنىمۇ ياخشى يېيەلمەي، يېمەكلىك ۋە سۇنى ئاشقازان نەيچىسى ئارقىلىق كىرگۈزگەن.

ھەر مىنۇتتا 40 قېتىم ھېق تۇتۇش يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئېدۋارد ئىشتاتىدىكى چارلىس ئوسبۇرن ئىسىملىك بىر دېھقان ھېق تۇتۇشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى. ئۇ 1922-يىلىدىن باشلاپ توختىماي ھېق تۇتۇپ، 1990-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر 68 يىل ھېق تۇتقان.

بۇنداق غەلىتە ئىشلار ئالدىدا، ئادەم زادى نېمە ئۈچۈن ھېق تۇتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھېق تۇتۇش رېفلېكىسنىڭ مەقسىتى نېمە، دېگەنلەر خىيالىمىزدىن كېچىدۇ.

ھېق تۇتۇش دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل فىزىيولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ئادەم بەك تويۇپ كەتسە ھېق تۇتىدۇ، بەزىدە قورسىقى ئېچىپ كەتسىمۇ ھېق تۇتىدۇ، بەزىلەر ھەتتا گازلىق سۇ ئىچكەندىن كېيىن توختىماي ھېق تۇتىدۇ.

ھېق تۇتۇش تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ، كىشىلەر دائىم قانداق ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، قانداق كونترول قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ. لېكىن، بىز ھېق تۇتۇش ھادىسىسىنىڭ ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكنى يېيىش سۈرئىتى زىيادە تېز بولۇپ كەتسە، بەك تويۇپ كەتكەندە ياكى تۇيۇقسىز بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق يېمەكلىكنى يەۋالسا، ھېق تۇتۇش ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ھېق تۇتۇش توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

ھېق تۇتۇش بىر خىل نېرۋا رېفلېكسى بولۇپ، پۈتۈن رېفلېكس يايى نورمال ئەھۋالدا سۈكۈتتە تۇرىدۇ. ئەمما، رېفلېكس يايىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى غىدىقلانسا، سۈكۈتتىكى رېفلېكس يايى ئېتىلىپ، ئاندىن بىر قاتار ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە يەپ بولغاندىن كېيىن ئاشقازان كېڭىيىش ياكى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ تەرەپكە يۆتكىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار رېفلېكس يايىنى قوزغىتىدۇ.

قوۋۇرغا ئارىلىقى ئىچىدە كۆكرەك بوشلۇقى بىلەن قورساق بوشلۇقى ئارىلىقىدا بىر قەۋەت قېلىن مۇسكۇل تالاسىمان قۇرۇلمىسى بولىدۇ، بۇ ئورگانىزمنىڭ مۇھىم نەپەسلىنىش مۇسكۇلى دىئافراگما مۇسكۇلىدۇر. ئىنسانلار ھەر كۈنى تەخمىنەن 20 مىڭ قېتىم نەپەس ئالغاندا، دىئافراگما مۇسكۇلى ئۇنىڭ %80 ~ %60 ئىقتىدارىنى ئىگىلەپ، دەۋرىيلىك قىسقىرايدۇ ۋە كېڭىيىدۇ.

بۇ قەۋەت ياي شەكىللىك دىئافراگما مۇسكۇلى كۆكرەك بوشلۇقى بىلەن قورساق بوشلۇقىنى ئايرىۋېتىپ، دىئافراگما نېرۋىسىنىڭ تارىيىشى، ئاداشقان نېرۋىنىڭ بوشىشىشىدىن ئۆزئارا قارشىلىشىش ۋە ماسلىشىش رولىنى شەكىللەندۈرۈپ، دىئافراگما مۇسكۇلىنى ئورتاق ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. نورمال ھەرىكەتلىنىدىغان دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

لېكىن، روشەنكى، ھېق تۇتۇش دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ نورمالسىزلىقى كۆرۈلگەندە پەيدا بولغان نەتىجىدۇر. بۇ دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ تۇيۇقسىز قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھېق تۇتۇش توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

دىئافراگما مۇسكۇلى تارتىشىپ قېلىش ۋە ئاۋاز ئىشىكىدىكى يېپىق توقۇنۇش ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەلكىم كۆپچىلىك دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىغا قەتئىي پەرۋا قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھېق تۇتۇش بىلەن بىللە پەيدا بولىدىغان ھېق تۇتۇش ئاۋازى زادى قانداق ئىش؟

دىئافراگما مۇسكۇلى تۇيۇقسىز قىسقىرىغاندا، كۆكرەك بوشلۇقىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېڭىيىپ، ئۆپكىنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن زور مىقداردىكى ھاۋا تۇيۇقسىز ئېغىز، بۇرۇن ئارقىلىق ئۆپكىگە سۈمۈرۈلىدۇ.

بۇ جەريان بىرلا ۋاقىتتا كېكىردەك قىسمىدىكى ئاۋاز پەردىسى ئارىسىدىكى ئاۋاز ئىشىكى دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇننىڭ تارىيىپ چىڭ يېپىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ تېز سۈرئەتتە سپازمىلانغان گاز بوغۇز قىسمىدىكى ئاۋاز قاپقىقى بىلەن سوقۇلۇپ، ئالاھىدە خاراكتېرلىك ئاۋاز ۋە بەدەننىڭ تەۋرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جاڭ ئەپەندىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەندىن كېيىن داۋاملىق قاتتىق ھېق تۇتۇشى دىئافراگما نېرۋىسىنىڭ داۋاملىق نورمال بولمىغان ھالدا كۈچلۈك قىسقىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. دوختۇر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب، مېڭىگە قان چۈشۈش مەركىزىي نېرۋا رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ داۋاملىق تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېگەن.

ھېق تۇتۇش توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھېق تۇتۇشنىڭ ئوڭايسىزلىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان، كىشىلەر مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك ئىرادىگە تايانسۇن، ھېق تۇتۇشنى كونترول قىلالمايدۇ.

ھېق تۇتۇشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، خەلق ئارىسىدا تۈرلۈك ئۇسۇللار بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، سۇ ئىچىش، ھېق تۇتۇپ قالغانلارنى قورقۇتۇۋېتىش قاتارلىقلار بار. لېكىن، بۇ ئەل ئىچى ئۇسۇللىرىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تۆۋەن، بەزىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بار، بەزىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مېدىتسىنادا بىمارنىڭ ھېق تۇتۇش ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدىغان بىرەر تېخنىكا يوق. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنتىزىم مېدىتسىناغا ئەڭ يېقىن بىر خىل ئۇسۇل ئامېرىكىلىق دوختۇر كەشىپ قىلغان ھەم غەلىتە ھەم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ھېق توختىتىش ئۇسۇلى-تۈز ئۈچەينى ئۇۋۇلاپ ھېق توختىتىش ئۇسۇلى بار.

تۈز ئۈچەينى قانداق ئۇۋۇلاش كېرەك؟ توغرا ئويلاپسىز، قولنى ھېق تۇتۇپ قالغۇچىنىڭ مەقئىتىگە كىرگۈزۈپ، ئاستا-ئاستا ئۇۋۇلاش كېرەك. كۈلمەي تۇرۇڭ، بۇ تەتقىقات مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن!

ھېق تۇتۇش توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

فرانسىس فىسمىر ئامېرىكا جىددىي داۋالاش دوختۇرى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت ئېتىراپ قىلغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى مۇتەخەسسىسى. لېكىن، ئۇنىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك مۇۋەپپەقىيىتى ھېق تۇتۇشنى تەتقىق قىلىشتىن كەلگەن.

كىشىلەر ھېق تۇتۇشنى پەسەيتىشكە خېلى كۆڭۈل بۆلگەن، ھەتتا تۈز ئۈچەينى ئۇۋۇلاشتەك غەلىتە ئۇسۇلمۇ كەشىپ قىلىنغان، لېكىن ھېق تۇتۇش رېئاكسىيەسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدا زادى قانداق ئەھمىيىتى بار؟

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، دائىم ھېق تۇتۇش ھادىسىسى بىز ھەر كۈنى ئۇچرىتالايدىغان كىشىلەر توپىدا يۈز بېرىپلا قالماستىن، بەلكى تېخى تۇغۇلمىغان ھامىلىلەردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن. ھامىلىدە ھەتتا نەپەسلىنىش ھەرىكىتى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، سەككىز ھەپتىلىك بولغاندىلا ھېق تۇتۇش رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ. بۇ بالىياتقۇدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ھېق تۇتۇش كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئاستا-ئاستا يوقىلىدۇ. بەزىلەر بۇنى ھامىلىنىڭ ھەزىم قىلىش يولى رېفلېكسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ھېق تۇتۇشتىكى مەقسەت ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا باش سۈيىنى سۈمۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەلكىم نەپەسلىنىش مۇسكۇلى يېتىلىشتىن بۇرۇن ھامىلىنىڭ دەسلەپكى نەپەسلىنىش ئۇسۇلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

ھامىلە مەزگىلىدە ھېق تۇتۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ ھېق تۇتۇش ئىنسانلارنىڭ تۇغما ئىقتىدارى ئىكەنلىكىنى، بەلكىم تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدىن قېلىپ قالغان ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىنلېكىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىر خىل قىياسنىڭ قارىشىچە، بۇنى قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ نەپەسلىنىش مېخانىزمىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆپكىسى بىلەن نەپەسلىنىشىگە ئوخشىمايدىغىنى، قوش ماكانلىق ھايۋانلار ساقاق ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. سۇ ساقاققا كىرگەندە، ئۇلار ئېغىز بوشلۇقىنى ئېچىش، ئاۋاز قاپقىقىنى ئېتىش قاتارلىق ئىنكاسلار ئارقىلىق سۇنىڭ ئۆپكىگە كىرىشىنى توسۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ھېق تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

دېمەك، ئاسانلا ھېق تۇتۇپ قالىدىغان ياكى ھېق تۇتۇپ توختىيالمايدىغان كىشىلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالىدۇ.

ھېق تۇتۇش توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

ھېق تۇتۇش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ كۆپ بولغاندا قىسقا ۋاقىتلىق باش قېتىنچىلىقى بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ھېق تۇتۇش سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئەگەر ھېق تۇتۇش كۆپ بولسا ياكى 48 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا، بەلكىم بۇ ئادەتتىكى ھېق تۇتۇش بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ خىل سىجىل ھېق تۇتۇش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئادەتتە ئاشقازاندا كېسەللىك كۆرۈلگەندە، ئىختىيارسىز ھېق تۇتۇش كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئاشقازاندا بېسىم پەيدا قىلىشمۇ ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي نېرۋا زەخىملەنگەندە، جاھىل ھېق تۇتۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ھېق تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا دائىم بەدەن ئۇيۇشۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلسە، سەكتە بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

شۇڭا، ھېق تۇتۇشنىڭ زىيىنى ئادەمنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ چاغدا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى