ئالەم

«ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى ۋە «زېرەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە

3-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى تۇنجى قېتىملىق سىناق ھالىتىدىكى مېڭىشىنى تاماملىدى. «ئىرادە»نىڭ ئىچىگە جايلاشقان كىچىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «زېرەك»مۇ تۇنجى ئۇچۇش سىنىقىنى باشلاشقا تەييارلاندى. ئۇنداقتا، بىز بۈگۈن مارسقا ئەۋەتىلگەن تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «زېرەك» توغرىسىدا توختىلىپ باقايلى.

«ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى ۋە «زېرەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە

«زېرەك»نىڭ مارس يۈزىگە قونغاندىكى ئۈنۈم رەسىمى

1. «زېرەك» قانچىلىك چوڭ؟

NASA «ئىرادە»نىڭ ياسىلىشىغا ئىككى مىليارد 400 مىليون، «زېرەك»كە بولسا 85 مىليون سەرپ قىلغان. شۇڭا بۇنىڭغا قاراپ، NASAنىڭ بۇ قېتىمقى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىدىكى ئاساسلىق نىشانىنىڭ «ئىرادە»نى مارسقا ئوڭۇشلۇق قوندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

«ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى ۋە «زېرەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە

«ئىرادە»نىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر، كەڭلىكى 2.7 مېتىر، ئىگىزلىكى 2.2 مېتىر، ئېغىرلىقى 1043 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، بىر تال ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. «زېرەك»نى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كىچىك بولۇپ، ئېغىرلىقى ئاران 1.8 كىلوگرام، چاقپەلېكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر كېلىدۇ.

2. «زېرەك» قانداق ئۇچىدۇ؟

مارسىنىڭ ھاۋاسى پەۋقۇلئادە ناچار. بىرىنچىدىن، مارسنىڭ يۈزىدىكى ھاۋانىڭ بېسىمى يەرشارىدىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ %0.7گە تەڭ كېلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مارسنىڭ ھاۋاسىدا ئوكسىگېن يوق دېيەرلىك بولۇپ، %95نىڭ ھەممىسى كاربون تۆت ئوكسىدتىن تەركىپ تاپقان، ھاۋاسىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 63 سېلسىيە گىرادۇس. بۇنىڭغا قاراپلا مارستا ئۇچۇشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مارستا ئۇچقاندا ھېچقانداق ئەۋزەللىك يوق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، مارسنىڭ تارتىش كۈچى يەرشارىنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. شۇڭا ئۇچار جىسىملار زىيادە كۈچەپ كەتمەيدۇ.

«ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى ۋە «زېرەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە

ئالىملارمۇ «زېرەك»نىڭ مارستا ئوڭۇشلۇق ئۇچۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەڭ ئىلغار چاقپەلەكنى ياساپ بەرگەن. كاربون تالالىق ماتېرىيالنى ئىشلىتىپ، ناھايىتى يەڭگىل قىلىپ ياساپ چىققان.

ناھىيەسىگەرچە تەتقىقاتچىلار «زېرەك»كە ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەڭ يىراق ئۇچۇش ئارىلىقى 300 مېتىر، ئەڭ ئىگىز ئۇچۇش ئىگىزلىكى ئارانلا بەش مېتىر قىلىپ ياسالغان. چۈنكى، مارستا ئۇچۇش ھەقىقەتەن يەرشارىدا ئۇچۇشتىن قىيىن. مارستا «زېرەك»نىڭ چاقپەلىكى مىنۇتىغا 2800 قېتىم ئايلانسا نورمال ئۇچالايدۇ، ئەمما يەر شارىدا پەقەتلا 280 قېتىمغا يەتسىلا نورمال ئۇچالايدۇ.

«ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى ۋە «زېرەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە

«ئىرادە» مارسقا قونۇپ 60 كۈندىن 90 كۈنگىچە ئارىلىقتىكى مارس كۈنى (24.62 سائەت)دىن كېيىن، «زېرەك» 30 كۈنلۈك ئۇچۇش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. گەرچە، چاقپەلەكنىڭ قۇۋۋىتى يۇقىرى بولسىمۇ، كىچىك باتارىيە سەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن ھەر قېتىملىق ئۇچۇش ۋاقتى پەقەتلا 90 سېكۈنت ئىكەن. يەنە كېلىپ، ئاشۇ قىسقا 90 سېكۈنت ئۇچۇش ئۈچۈن، بىر كۈن توك قاچىلاش كېرەك ئىكەن.

3.«زېرەك»نىڭ نېمە رولى بار؟

ھازىر مارستا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوربېتىلىق ئۇچقۇ ۋە مارس ماشىنىسى بار. لېكىن، يەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق ئالىملار نېمە ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياسايدۇ؟ چۈنكى، ئوربېتىلىق ئۇچقۇ مارس يۈزىدىن بەك يىراق، مارس يۈزىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارنى كۆزىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. مارس ماشىنىسىنىڭ بولسا كۆرۈش دائىرىسى چەكلىك. يەر شەكلىگە بولغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى. چوڭ-كىچىك ھەرخىل ئويمان-دۆڭلەر مارس ماشىنىسىنىڭ داۋاملىق ئالدىغا مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

«ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى ۋە «زېرەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە

ئەگەر، ئىلگىرى مارستا ھاياتلىق بولغان بولسا، مۇھىت ناچارلاشقاندىن كېيىن ئۇلار ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە چېكىنگەن بولۇشى مۇمكىن. كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان جايلاردا سۇ ۋە مۇزمۇ بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ، كەلگۈسىدە مارستا ئولتۇراقلاشماقچى بولغاندا، ئۆڭكۈر بازا قۇرۇشتا ئالدىن ئويلىشىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مارستىكى ئۆڭكۈرلەر ئىزدىنىشقا ئەرزىيدۇ. مارس ماشىنىسى ۋە ئوربېتىلىق ئۇچقۇ بولسا ئۆڭكۈرگە ئىچكىرلەپ كىرىپ تەتقىق قىلىشتا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا «زېرەك» بۇنداق چاغدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئالىملار «زېرەك»نى ھەقىقىي ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مارستا ئۇچۇش-ئۇچالماسلىقى ھەققىدە سىناق قىلىشقا ئىشلىتىدىكەن. ئالىملار ئۇنىڭ ئۇچقاندىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى مارستا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ لايىھەلەش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىكەن.

4. «زېرەك» دېگەن ئىسىم قانداق بارلىققا كەلگەن؟

2020-يىلى 4-ئايدا، NASA تۇنجى مارس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا «زېرەك» دەپ ئىسىم قويغانلېكىنى جاكارلىغان. «زېرەك» دېگەن بۇ ئىسىم ئىنگىلىزچىدىكى ingenuity دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. بۇ ئىسىمنى ئالاباما ئىشتاتىدىكى ۋانېسا رۇپانى ئىسىملىك بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى ئوتتۇرىغا قويغان.

NASA ئىلگىرى 2020-يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان مارس ماشىنىسىغا ئىسىم تاللاپ بېلەت تاشلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەمگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئىرادە دېگەن ئىسىم ئۇتۇپ چىققان.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئىسىم قويغاندا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللانماي NASAنىڭ باشلىقى جىم بىرىددېنس (Jim Briddens) ئوقۇغۇچىلار ئەۋەتكەن مۇنەۋۋەر ئىسىملار ئارىسىدىن مۇشۇ ئىسىمنى تاللاپ بېكىتكەن.

«ئىرادە» ناملىق مارس ماشىنىسى ۋە «زېرەك» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە

بۇ ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدا رۇپانى مۇنداق دېگەن: «پىلانېتلار ئارا كېزىپ، باتۇرانە ئىلگىرلەشنى ئارزۇلايدىغانلار ئۈچۈن، پەم-پاراسەتلا ھەممەيلەنگە كائىناتنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ مەنزىرىسنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. پەم-پاراسەت بولغاندا ئاندىن ھاڭ-تاڭ قالغۇدەك ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىدۇ».

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى