تەبىئەت

ئەگەر ئىنسانلار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ئىتلار بۆرىگە ئايلىنالامدۇ؟

بۆرە بىلەن ئىتنىڭ قان سىستېمىسى ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، ھەتتا ئاساسى جەھەتتىن «ئىت بۆرىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن» دېيىشكىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئىت يەنىلا بۆرە بولۇپ، پەقەت بۆرىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە كۆندۈرۈلگەن كەنجى تۈرىدۇر، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنسانلار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، كۆندۈرۈلگەن ئىتلار قايتا بۆرىگە ئايلىنالامدۇ؟ جاۋابى شۇكى: ئىت يەنىلا ھەقىقىي بۆرىگە ئايلىنالمايدۇ.

ئەگەر ئىنسانلار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ئىتلار بۆرىگە ئايلىنالامدۇ؟

ئالدى بىلەن، ئىنسانلار يوقاپ كېتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بارلىق كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئەرمەك ئىتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ئىقتىدارى يوق، تۇغۇلغاندىن تارتىپ تەييار تاماققا كۆنۈك ئەرمەكلەر. شۇڭا ئۇلار يا ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ، ياكى باشقا ئاچ قالغان ھەم بەدەن شەكلى چوڭ ئىتلار تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ. بۇ خىل ئىتلار دالىدىكى مۇھىتقا زادىلا ماسلىشالمايدۇ، ئۇلار «ئىنسانلارنىڭ مەھسۇلى»، پەقەت ئىنسانلارنىڭ قوغدىشى ۋە ئاسرىشى ئاستىدىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.

ئەگەر ئىنسانلار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ئىتلار بۆرىگە ئايلىنالامدۇ؟

كېيىنچە ئاستا-ئاستا بەدەن شەكلى چوڭ ئىتلارنىڭمۇ ئوخشاشلا نەسلى قۇرۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ئوخشاشلا ئاجىز، بەدەن شەكلى قانچە چوڭ بولسا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ شۇنچە ئاستا بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش نىسبىتىنىڭ شۇنچە تۆۋەن ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بولمىسا ئۇلار غايەت زور بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىتلارنىڭ تېنى قانچە چوڭ بولسا ئۆمرى شۇنچە قىسقا بولىدىكەن، شۇڭا بۇ چوڭ ئىتلار ئەگەر تېخىمۇ ياخشى ياشىماقچى بولسا، چوقۇم ئوتتۇرا تىپتىكى بەدەن شەكىللىك ئىتلارغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىكەن. ئىنسانلارنىڭ ئىتلارنى كۆندۈرۈش ۋە يېتىشتۈرۈش تارىخىدىن قارىغاندا، مەيلى بەدەن شەكلى چوڭ ئىت بولسۇن ۋە ياكى كىچىك ئىت بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت جەۋھىرىنىڭ نەتىجىسى. ئىنسانلار يوقالغاندىن كېيىن، بۇ خىل مۇناسىۋەت زەنجىرى يوقاپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا ئىتلار بۆرىگە ئايلىنىش تۈگۈل، ھاياتىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ.

ئەگەر ئىنسانلار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ئىتلار بۆرىگە ئايلىنالامدۇ؟

ئىنسانلار يوقالغاندىن كېيىن ئىتلار ئۆزلىرىنىڭ ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياۋايىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، لېكىن ئۇلار ھەقىقىي بۆرىگە ئايلىنالمايدۇ، بۇ ئىتلار پەقەت ھەقىقىي لالما ئىتقىلا ئايلىنالايدۇ، چۈنكى نۇرغۇن پاكىتلار بۇلارغا ئىسپات بولالايدۇ، ئىنسانلار تارىخىدا كۆندۈرۈلگەن ئىتلارنىڭ قايتىدىن «ياۋايىلىق»قا قايتىش ھادىسىسى ھەقىقەتەن يۈز بېرىپ باققان بولۇپ، ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن ئاۋسترالىيە ياۋا ئىتى قاتارلىقلار بار.

ئەگەر ئىنسانلار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ئىتلار بۆرىگە ئايلىنالامدۇ؟

بۇ ئىت سورتلىرى ئىلگىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگەن بولۇپ، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزى يالغۇز ياشاشىغان ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. كارولىنا ئىتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنى جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى گېئورگىيە ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە پروفېسسورى دوكتور ئېرىخبۇرېس (L.Lehr Brisbin)بايقىغان ۋە نام قويغان، بۇ خىل ئىت كارولىنا رايونىنىڭ ئىنتايىن چەت قىسمىدا ياشايدىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇ يەردە ياشاشنى خالىمىغان، شۇڭا نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ياۋا ئىتلارنىڭ ئۆيدە باققان ئىتلار بىلەن بىللە كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئالىملار كارولىنا ئىشتاتىدىكى ئىتلارنىڭ سۆڭەك قۇرۇلمىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ قەبرىسىدىن بايقالغان ئىتلارنىڭ سۆڭەك قۇرۇلمىسىغا ناھايىتى ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ قەبرىلەرنىڭ تارىخىنى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ زادى نېمىنى ئىسپاتلىدى دېگەندە، كارولىنا ئىتى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا باشقىلار تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگەن، لېكىن يېقىنقى نەچچە يۈز يىل ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ چەت رايوندا ياشىماسلىقى سەۋەپلىك «ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كېيىن ئۇلار يەنە داۋاملىق ئىپتىدائىي دالىدا ياشاشقا باشلىغان، ئەمما نەچچە يۈز يىللىق ئەركىن تەدرىجىي تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۇلار پەقەتلا لالما ئىتقا ئايلىنالىغان بولسىمۇ، لېكىن قايتىدىن بۆرىگە ئايلانمىغان. شۇڭا ئەگەر ئىنسانلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان قىسمەن ئىتلار يوقاپ كېتىدۇ، قىسمەن ئىتلار بولسا ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ياۋايىلىقى تولۇق بولغان لالما ئىتلارغا ئايلىنىپ داۋاملىق ياشايدۇ، بىراق ئۇلار مەڭگۈ بۆرىگە ئايلىنالمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى