ساغلاملىق

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

راك كېسىلىنىڭ يۇقىدىغان ياكى يۇقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، راك ھۈجەيرىسىنى ئادەم بەدىنىگە ئ‍وكۇل قىلىپ ئ‍ۇرغان ئ‍الىم ئ‍ۈستىدىن ئەرز قىلىندى…مىكرو ھالەتتىكى راك ھۈجەيرىسى قىسقۇچپاقىغا بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ، قىسقۇچپاقىنىڭ پۇتى ئۆسمە توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىغا بەك ئوخشايدۇ.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 400-يىلىدىكى گېپوگرات (Hippocrattes) دەۋرىدە، راك كېسىلى ئەڭ بۇرۇن «karkinoss» دېگەن سۆز بىلەن تېببىي ھۆججەتلەردە كۆرۈلگەن، يەنى قىسقۇچپاقا دېگەن مەنىدە.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

مىلادىيە 47-يىلى قەدىمكى رىم پەيلاسوپى سېلسۇس (Selsus) لاتىنچە قامۇس تۈزگەندە، «karkinoss» دېگەن بۇ سۆزنى لاتىنچە «cancer» دەپ تەرجىمە قىلغان.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

راك كېسىلى ھازىرقى زامان مەھسۇلى ئەمەس؟
راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى مۇتەخەسسىسلەر نۇرغۇن تۈرگە ئايرىپ چىققان، مەسىلەن سۇنىڭ بۇلغىنىشى، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار. راك كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا دوختۇرلارنىڭ دائىم تۈنىمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك دەيدۇ. دوختۇر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرى كىشىلەرگە راك كېسىلىنىڭ سانائەتلىشىشنىڭ مەھسۇلىدەك ھېس قىلدۇرغان، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

2015-يىلى گېرمانىيە ئالىملىرى تۇنجى قېتىم روتسېفالۇز تاشپاقىسىنىڭ تاشقا ئايلانغان قۇيرۇق سۆڭىكىدە يۇقىرى دەرىجىلىك يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

بۇ تاشقاتمىنىڭ يېشى تەخمىنەن 240 مىليون ياش بولۇپ، بۇ راكنىڭ ئەڭ بالدۇر پەيدا بولۇشىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 240 مىليون يىل ئىلگىرى ئ‍ىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

يالغۇز بۇلا ئەمەس، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى سۋاتلاند ئۆڭكۈرىدىن دەسلەپكى بۇنىڭدىن 1 مىليون 700 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ سۆڭەك تاشقاتمىسىدىمۇ راك ھۈجەيرىسى بايقالغان.
تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەش
تېببىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر راك كېسىلى يۇقىدۇ دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
راك كېسىلىنىڭ زادى يۇقىدىغان ياكى يۇقمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، دوختۇر ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىسپاتلىماقچى بولغاندا، ئامېرىكىلىق ئىممۇنولوگىيە ئالىمى مىلتون سۇتخام (Milton sutham) تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىسىلا بولمىدىمۇ دېگەن.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

1951-يىلى خەيرۈي تالاس ئىسىملىك بىر ئايال بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېنىدىن راك ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ ئېلىپ، تەن سىرتىدا تەتقىق قىلىشقا ئىشلەتكەن، بۇ راك ھۈجەيرىلىرى خېلا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتالغان.
قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە مىلتون سۇتخام خېلا ھۈجەيرىسىنى ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تېنىگە ئوغرىلىقچە كىرگۈزگەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىمارنىڭ بىلىكىدە قىزىل رەڭلىك ئۆسمە پەيدا بولغان، يەنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئاللىقاچان تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال بىر ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن يوقالغان.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

بىراق مىلتون سۇتخام جەمئىي ئون نەچچە ئادەمگە بۇ ئ‍ۇسۇلنى قوللانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن، لېكىن بۇ ئادەملەر ئەسلىدىنلا كېسەل بولغاچقا، زادى نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلېكىنى، ئەسلىدىكى ئاساسىي كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتىمۇ ياكى خېلا ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتتىمۇ ئېنىق بىر نېمە نەتىجە بولمىغا.
ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش
مىلتون سۇتخامنىڭ قارىشىچە، بىمار تېپىپ تەجرىبە قىلىش ئىشەنچلىك ئەمەس، تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن رازى بولغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەزىرىنى ساغلام ئادەملەرگە قارىتىدۇ، نورمال ئەھۋالدا بۇ تەجرىبىنىڭ خەتىرى ھاياتلىقنى بەدەل قىلىدىغان تۇرسا، ساغلام ئادەملەر ئۇنىڭ تەجرىبىسىگە ئ‍ەلۋەتتە قوشۇلمايدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا جىنايەتچىلەرنى قانۇن جەھەتتىن قوغداش تېخى مۇكەممەللەشمىگەن بولغاچقا، بەزىلەر مەخسۇس تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى تاللاپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان، سۇتخاممۇ مۇشۇنداق قىلىشنى قارار قىلغان.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

ئۇ ئوخايو ئىشتاتىدىن بەدىنى قاۋۇل 100دىن ئارتۇق ئەرنى قوبۇل قىلىپ، بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇلارنىڭ تېنىگە كۆپ قېتىم خېلا ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان، تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەممە ئادەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا راك ھۈجەيرىسىنى يەڭگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۇنجى قېتىم ئوكۇل سالغاندا، بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولغان، ئەمما كېيىن بەدەندە ئانتىتېلا پەيدا بولغاندىن كېيىن، بەدەن ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن.
سۇتخامنىڭ تەجرىبىسى ئەخلاققا خىلاپ بولغاچقا ئۇ ئەيىبلىنىپ، تەجرىبە ھەقىقەتەن توختاپ قالغان. لېكىن بۇ تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، راك كېسىلى يۇقمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا مىلتون سۇتخامغا دوختۇرلۇق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىر يىل بىكار قىلىش جازاسى بېرىلگەن، 1971-يىلى ئۇ يەنە ئامېرىكا راك كېسەللىكى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

100 نەچچە ئادەمگە راك ھۈجەيرىسىنى ئوكۇل قىلغان ئالىمنىڭ نەتىجىسى

راك ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. نورمال بىر ئادەم ھەر كۈنى نۇرغۇن راك ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بولسا ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى لىمفا ھۈجەيرىسى، يەككە يادرولۇق يۇتقۇچى ھۈجەيرە، نېيترال دانچىلىق ھۈجەيرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭلاشقا ئىممۇنىتېت كۈچىنى قوغداش ناھايىتى مۇھىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى