يېمەك-ئىچمەك

سىز يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئەسلىدە مۇنداق ئۈنۈمى بار

سىز يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئەسلىدە مۇنداق ئۈنۈمى بار

1. خوندىيە ئوتى(鱼腥草)

خوندىيە ئوتىنىڭ ئىسسىق ياندۇرۇش، توكسىن ھەيدەش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتەك رولى بار. خوندىيە ئوتى يەنە تارقىلىشچان زۇكام تاياقچە باكتېرىيەسى، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلارنى تىزگىنلەيدۇ. بىراق خوندىيە ئوتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا مايىل بولۇپ، ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

سىز يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئەسلىدە مۇنداق ئۈنۈمى بار

2. ئاچچىق كاۋا

ئاچچىق كاۋىنىڭ تەمى قىرتاق، تەبىئىتى سوغۇق. ئۇ بەدەندىكى ئىسسىقنى قايتۇرۇش، بىئاراملىقنى يوقىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنى تازىلاش رولىغا ئىگە. بەدىنىنى ئىسسىقلىق ئېلىپ كەتكەن، دائىم ئىسسىقى ئاشىدىغان، ئېغىزىغا ئېغىز يارىسى چىقىدىغانلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

سىز يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئەسلىدە مۇنداق ئۈنۈمى بار

3. ئاشكۆكى

تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئاشكۆكى قورۇمىدىكى كەم بولغان بولمايدىغان تېتىتقۇ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاشكۆكىنىڭ پۇرىقى دەل تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىشتەك رولغا ئىگە. ئاشكۆكىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، كاروتىن ۋە مىنېرال ماددا مەسىلەن كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور، ماگنىي، كالىي قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى مول.

سىز يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئەسلىدە مۇنداق ئۈنۈمى بار

4. ئارپا بەدىيان

سوغۇقنى ھەيدەپ، بەدەننى ئىللىتىدۇ. كۆپ ساندىكى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئارپا بەدىيان بۇلارنىڭ ئەكسىچە. شۇڭا بەدىنىنى سوغۇق قاپلىغۇچىلار ئارپا بەدىياننى ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ.

سىز يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئەسلىدە مۇنداق ئۈنۈمى بار

5. كەرەپشە

كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى كالتسىي تولۇقلاشتىكى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. كەرەپشىدىكى كالتسىي ۋە تۆمۈر ئىلمېنتى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. كەرەپشىنى دائىم يېگەندە بەدەندىكى ئىسسىق، يەل ۋە ھۆللۈكنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كەرەپشە يوپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، شۇڭا كېلەر قېتىم قورۇما قورۇغاندا يالغۇز غولىنىلا يېمەي، يوپۇرمىقىنىمۇ قوشۇپ يېيىشنى ئۇنۇتماڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى