ساغلاملىق

كۆكرەك بوشلۇقىنى تېشىش ئوپىراتىسيىسى

ئالدىنقى يازمىلاردا ئېيتىلىپ ئۆتۈلگەندەك بەزى تۇبېركۇليوز بىمارلىرىدا كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر سۇيۇقلۇق ئاز مىقداردا بولسا كېسەللىككە قارىتا ئاكتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق يوقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولسا ياكى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئۇنداقتا سۇنى سۈمۈرتۈپ ئېلىۋېتىش ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە كېسەللىكنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.  بۈگۈنكى يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز بولسا «كۆكرەك بوشلۇقىنى تېشىش ئوپىراتىسيىسى»دۇر.

كۆكرەك بوشلۇقىنى تېشىش ئوپىراتىسيىسى

ئاساسلىق مەقسىتى

  1. كۆكرەك بوشلۇقىغا يىغىلىپ قالغان سۇيۇقلۇقتىن ئاز مىقداردا ئېلىپ ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ شۇ ئارقىلىق سۇيۇقلۇقنىڭ خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىش، پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تېپىش.
  2. كۆكرەك بوشلۇقىغا يىغىلىپ قالغان سۇيۇقلۇق، ھاۋا قاتارلىقلارنى چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ئۆپكىنىڭ سىقىلىشىنى يەڭگىللىتىش، شۇ ئارقىلىق دەم سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى تېز سۈرئەتتە يېنىكلىتىش.
  3. كۆكرەك بوشلۇقىدىكى يىرىڭنى چىقىرىپ تاشلاپ كۆكرەك بوشلۇقىنى يۇيۇپ تازىلاش.
  4. كۆكرەك بوشلۇقىغا دورا كىرگۈزۈش، مەسىلەن ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ۋە ياكى ئۆسمىگە قارشى دورىلارنى كىرگۈزۈپ داۋالاش مەقسىتىگە يېتىش.

ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللار

  1. تېنى ئاجىز، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ئوپىراتىسىيەگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلار.
  2. ناركوز دورىسى رېئاكىسيە قىلىدىغانلار.
  3. قاننىڭ قېتىشى توسالغۇغا ئۇچىرىغان، ئېغىر دەرىجىدە قاناپ كېتىش خەۋپى بارلار.
  4. روھىي كېسەللەر ۋە مەشغۇلاتقا ماسلاشمايدىغانلار.
  5. كۆكرەك بوشلۇقىدا قاپلىق قۇرت بولۇش ئېھتىماللىقى بارلار، تەشكەندىن كېيىن قۇرتنىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  6. تېشىش نۇقتىسى ۋە ياكى ئەتراپتىكى تېرىدە ياللۇغلىنىش ئەھۋالى بارلار.

ئوپىراتىسىيەدىن بۇرۇنقى تەييارلىق

  1. كېسەل ۋە كېسەللىك ئەھۋالى بىلەن تولۇق تونۇشۇش.
  2. كېسەل ۋە ئائىلە تاۋابئاتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەمدە ئوپىراتىسيەنىڭ مەقسىتىنى، تەخمىنىي قەدەم-باسقۇچلىرىنى ۋە شۇنداقلا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېنىق ئۇقتۇرۇش، قوشۇلغاندىن كېيىن ئىمزا قويۇش.
  3. ئەسۋاب-ئۈسكۈنە: تېشىش بولاقچىسى، دېزىنفېكىسيە بۇيۇملىرى، ناركوز دورىسى، ئىشپىرىس، پىلاستېر قاتارلىقلار.

قەدەم-باسقۇچى

كۆكرەك بوشلۇقىنى تېشىش ئوپىراتىسيىسى
قەدەم-باسقۇچ

قىياپەت

بىمار ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ، ئىككى قولىنى يۆلەنچۈكنىڭ ئۈستىگە (ياكى ئۈستەلگە) قويىدۇ، قولنىڭ ئاستىغا يۇمشاق ياستۇق ياكى باشقا نەرسە قويۇپ قويسا بولىدۇ.

تېشىش نۇقتىسى

ئادەتتە تېرە سىرتىدىن قول بىلەن چېكىپ خۇنۈك ئاۋاز ئەڭ ئېنىق بولغان ئورۇن ياكى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بېكىتىلگەن سۇيۇقلۇقنىڭ ئەڭ ياخشى تېشىش نۇقتىسى، كۆپىنچە ۋاقىتتا تاغاق سۆڭەكنىڭ ئاستىدىكى 7-8 قوۋۇرغا ئارىلىقىنى تېشىش نۇقتىسى قىلىپ بېكېتىدۇ.  (ئادەتتە دوختۇرخانىلاردا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغىنى بولسا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئېنىق ئورۇن بېكىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە تېرە ئۈستىدىن رەڭلىك قەلەم بىلەن ئېنىق بەلگە قويۇپ قويۇلىدۇ).

مەشغۇلات باسقۇچى

  1. دېزىنفېكىسىيە قىلىش:  ئادەتتە تېشىش نۇقتىسىنى مەركەز قىلىپ دىئامېتىرى 15 سانتىمېتىردىن ئاز بولمىغان تېرىنى يود ئارىلاشما سۇيۇقلۇقى بىلەن مەركەزدىن سىرىتقا قارىتا چەمبەرسىمان دېزىنفېكىسىيە قىلىنىدۇ، قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ، ھەر قېتىمدا دىئامېتىرى ئالدىنقى قېتىمقىدىن ئازراق كىچىكلىتىلىدۇ.
  2. لازىملىق بۇيۇملارنى تەييارلاش: بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان تېشىش بولاقچىسىنى ئاچىمىز، ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ تۈرى ۋە سانى تولۇقمۇ ئەمەسمۇ، نورمال ئىشلەمدۇ يوقمۇ، ئىچىدىكى كاۋاكچە ئۆتۈشەمدۇ ياكى توسۇلغانمۇ بىر قۇر تەكشۈرىمىز، ئاندىن بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان مىكروبسىز پەلەينى كىيىمىز ھەمدە مىكروبسىز داۋالاش لاتىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنى تېشىش نۇقتىسىنىڭ مەركىزىگە توغرىلاپ بەدەنگە ياپىمىز.
  3. ناركوز قىلىش: 5مىللىلىتېرلىق ئىشپىرىسنى ئېلىپ قويۇقلۇقى 2پىرسەنت بولغان لىدوكايىن (利多卡因) دىن 3-5مىللىلېتىرغىچە سۈمۈرتىمىز، ئاندىن تېشىش نۇقتىسىغا تېرىگە يانتۇ ھالەتتە كىرگۈزىمىز، ئالدى بىلەن تېيىز كىرگۈزۈپ تېرە ئىچىگە كىچىككىنە شارچىسىمان ناركوز ئوكۇلى ئۇرىمىز، ئاندىن يىڭنىنى تېرىگە تىك ھالەتتە تۈزلەپ ئاز-ئازدىن ئىچكىرىلەپ كىرگۈزىمىز، ھەر قېتىم كىرگۈزگەندىن كېيىن ئاۋال ئىشپىرىسنى كەينىگە سۈمۈرتىمىز، ئەگەر قان سۈمۈرتۈلۈپ چىقسا ئۇنداقتا بۇ يىڭنىنىڭ قان تومۇرغا كىرىپ كەتكەنلېكىنى بىلدۈرۈىدۇ، بۇ چاغدا يىڭنىنى ئازراق كەينىگە ياندۇرۇپ يۆنىلىشنى ئازراق ئۆزگەرتىپ داۋاملىق كىرگۈزىمىز، ئەگەر قان يېنىپ چىقمىسا ئۇ چاغدا ناركوز دورىسىدىن ئازراق ئۇرىمىز، مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىق كىرگۈزۈپ تاكى ئىشپىرىستا كەينىگە سۈمۈرتكەندە كۆكرەك بوشلۇقىدىكى سۇيۇقلۇق سۈمۈرتۈلۈپ چىققانغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمىز.
  4. تېشىش: ئىشپىرىسقا كۆكرەك بوشلۇقىدىكى سۇيۇقلۇق سۈمۈرتۈلۈپ چىققاندا بۇ تېشىش نۇقتىسىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا ناركوز قىلىشقا ئىشلەتكەن ئىشپىرىسنى سۇغۇرۇپ ئالىمىز، ئاندىن تېشىشكە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ يۆنىلىشلىك تېشىش يىڭنىسىنى ئىشپىرىسقا ئورنىتىپ ھەمدە ئىچىدىكى گازنى ئىتتىرىپ تولۇق چىقىرىۋېتىمىز، يىڭنىنى ناركوز قىلىنغان تۆشۈكتىن تېرىگە تىك ھالدا كىرگۈزىمىز، تېرە ئاستىغا كىرىپ بولغاندا ئىشپىرىسنى كەينىگە ئازراق سۈمۈرتۈپ سۈمۈرۈش بېسىمى ھاسىل قىلغان ھالەتتە قويۇۋەتمەي داۋاملىق يىڭنىنى كىرگۈزىمىز، يىڭنە ئۇچى كۆكرەك بوشلۇقىغا تېشىپ كىرگەندە ئىشپىرىسقا دەرھال كۆكرەك بوشلۇقىدىكى سۇيۇقلۇق سۈمۈرتۈلۈپ چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يىڭنە كىرگۈزۈشنى توختىتىمىز.
  5. كۆكرەك بوشلۇقىنى تېشىش ئوپىراتىسيىسى
  6. شىلانكا ئورنىتىش: يۇقارقى باسقۇچ تامالانغاندىن كېيىن سۇيۇقلۇقنى ئاقتۇرۇش شىلانكىسىنى ئېلىپ شىكالىسى 0 دىن باشلانغان ئۇچىنى ئۈچ يۆنىلىشلىك يىڭنىنىڭ ئۈچۈنچى تۆشۈكىدىن كىرگۈزۈپ يىڭنىنىڭ ئىچى بىلەن ماڭدۇرۇپ كۆكرەك بوشلۇقىغا كىرگۈزىمىز، ئادەتتە تېرىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن 10-15سانتىمېتىرغىچە كىرگۈزىلىدۇ.  كىرگۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن تېشىش يىڭنىسىنى سۇغۇرۇپ ئالىمىز، بىرلا ۋاقىتتا شىلانكىنىڭ سىرىتقا بىلللە سۇغۇرۇلۇپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. يىڭنىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال شىلانكىنىڭ ئاخىرىقى ئۇچىدىكى قىسقۇچنى قىسىپ قويۇش لازىم، بولمىسا سىرتتىكى ھاۋا كۆكرەك بوشلۇقىغا كىرىپ كېتىپ گاز قاپسېلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  7. ئەگەر تەكشۈرۈش ئۈچۈن سۇيۇقلۇق ئېلىش لازىم بولسا سىغىمى چوڭراق ئىشپىرىسنى شىلانكىنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىپ ئاندىن قىسقۇچنى ئاچىمىز ھەمدە لازىملىق مىقداردىكى سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرتۈپ ئالىمىز، ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاۋال قىسقۇچنى ئېتىپ ئاندىن ئىشپىرىسنى چىقىرىمىز.
  8. يىغىۋېلىش قاچىسى(ئادەتتە سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن خالتا) نى ئېلىپ شىلانكا بىلەن تۇتاشتۇرىمىز، تۇتاشتۇرۇلغان ئورۇننى پىلاسىتر بىلەن مەھكەم ئورايمىز، ئاندىن قىسقۇچنى ئاچىمىز، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئوپىراتىسيە مۇۋەپىقىيەتلىك بولغان بولسا سۇيۇقلۇق ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ چۈشىدۇ، ئەگەر ئېقىشى راۋان بولمىسا شىلانكىنى ئازراق مىدىرلىتىپ باقساق ياكى بىمارنى چوڭ تىنىشقا، ھۆتىلىشكە بۇيرۇساق كۆپىنچە ۋاقىتتا راۋان ئېقىشقا باشلايدۇ.
  9. تېشىش نۇقتىسى ۋە ئەتراپتىكى تېرىلەرنى قايتا دېزىنفېكىسىيە قىلىمىز ھەمدە ئۈسىتىدىن چاپلاق ياكى پىلاستىر بىلەن چاپلاپ مۇقىملاشتۇرۇپ شىلانكىنىڭ سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

ئوپىراتىسيەدىن كېيىنكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  1. بىمار يېرىم ئۆرە ھالەتتە ئولتۇرىدۇ ياكى ياتىدۇ، قان بېىسم ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىمىز.
  2. ئەگەر مەشغۇلات جەريانىدا بىماردا باش قېيىش، يۈرىكى سېلىش، نەپىسى سىقىلىش، ھۆتىلىش، سۇس قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش، سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال مەشغۇلاتنى توختىتىش لازىم.
  3. تۇنجى قېتىم سۇيۇقلۇق قويۇپ بېرىش مىقدارى 600 مىللىلىتېردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، بولمىسا ئۆپكىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
  4. مەشغۇلات جەريانىدا مىكروبسىز مەشغۇلات قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

تۇبېركۇليوز بىلىملىرى تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى