ساغلاملىق

زىققا كېسىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

زىققا كېسىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

كۆپچىلىك ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا ياكى تېلىۋىزوردا مۇنداق بىر خىل كۆرۈنۈشنى ئۇچرىتىمىز، يەنى بىرەيلەن مەلۇم بىر ئىش تەسىر قىلغاندىن كېيىن تۇرۇپلا نەپىسى سىقىلىپ، دەم ئالالماي قىينىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا گېلىنى تاتىلاپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى چىقىرىپ ئېغىزىغا پۈركۈپ چوڭقۇر بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن دەرھاللا ئوڭشىلىپ قالىدۇ، مان بۇ بولسا بۈگۈن سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان زىققا كېسىلىدۇر.

شاخچە كاناي دەم سىقىلىش كېسىلى، يەنى بىز ئادەتتە دەپ كېلىۋاتقان زىققا كېسىلى بولسا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللېكىنىڭ بىرى، دۇنيادا تەخمىنەن 300مىليون ئەتراپىدا زىققا كېسلى بىمارى بار، بۇ كېسەل تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر تۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئېنىقلىمىسى

زىققا كېسىلى بولسا شاخچە كاناينىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كېسلى بولۇپ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ، شاخچە كاناينىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش، ئەكسىگە ياندۇرۇشقا بولىدىغان نەپەس يولى توسۇلۇش ۋە نەپەس يولىنىڭ شەكىلى ئۆزگىرىپ كېتىشتەك تۆت تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا قايتا-قايتا كۆرۈلىدىغان دەم سىقىلىش، ھاسىراش، كۆكرىكى چىڭقىلىش ۋە ياكى ھۆتىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، كېچىسى ۋە سەھەر ۋاقتىدا كۆپ قوزغىلىدۇ، ئادەتتە ئۆزلۈكىدىن ياكى دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى

زىققا كېسلى بولسا مۇرەككەپ، كۆپ خىل گېن ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەل، جەمەت ئىچىدە توپلىشىپ كۆرۈلىدۇ، قانداشلىق مۇناسىۋىتى قانچە يېقىن بولسا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قوزغىلىشقا سەۋبچى بولىدىغان ئامىللار بولسا تۈرلۈك غىدىقلىغۇچى ماددىلار، مەسىلەن چاڭ-توزان، تۈرلۈك ھاشارات، ئەرمەك ھايۋاننىڭ تۈكى، گۈل چېڭى، سىر پۇرىقى، بوياق ماتېرىيالى، يېمەكلىكلەردىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق، دورىلاردىن تۈرلۈك ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، ئاسپىرىن قاتارلىقلار، ئۇندىن باشقا يەنە مۇھىت بۇلغىنىش، ھاۋانىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، سېمىزلىك، تاماكا، جىددىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاسانلا قوزغىلىپ قالىدۇ.

كىلىنكىلىق ئىپادىسى

زىققا كېسىلىنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولسا خىرقىراش بىلەن بىرگە نەپەس چىقىرىش قىينلىشىشتۇر، ئادەتتە نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا قوزغىلىدۇ شۇنداقلا نەچچە سائەتتىن نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، دەم سىقىلىشقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ياكى ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا كېچىسى ياكى سەھەر ۋاقتى كۆپرەك يۈز بېرىدۇ، بەزى ياشلاردا جىددىي ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن قوزغىلىدۇ، بۇنى ئادەتتە ھەرىكەت خاراكتېرلىك زىققا دەپ ئاتايمىز. بۇندىن باشقا بەزى بىمارلاردا يەنە قۇرۇق ھۆتىلىش، كۆكرىكى چىڭقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.

تەكشۈرۈش ۋە دىئاگىنوز

زىققا كېسىلىگە قارىتا ئادەتتە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان تەكشۈرۈش بولسا ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقىنى تەكشۈرۈشتۇر. دىئاگىنوز قويۇشنىڭ ئاساسى بولسا 1.قايتا-قايتا قوزغىلىشچان دەم سىقىلىش، ھاسىراش، كۆكرىكى چىڭقىلىش ئالامىتى كۆرۈلسە شۇنداقلا بۇ ئالامەت تۈرلۈك قوزغىلىشقا سەۋەبچى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، مەسىلەن ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشى، چاڭ-توزان، جىددىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار، ھەمدە دەم سىقىلىشقا قارشى دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن ئوڭشالسا بۇ ۋاقىتتا زىققا كېسلى دەپ دىئاگىنوز قويۇشقا بولىدۇ.

ئەگەشمە كېسەللىكى

زىققا كېسىلى ئېغىر تۇتۇپ كەتكەن ۋاقىتتا بەزىدە كۆكرەك قەپىسىگە ھاۋا قىسىلىۋېلىش، ئۆپكە ھاۋاسىزلىنىپ چاپلىشىپ قېلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر زىققا كېسلى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئۇنداقتا ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسلى، شاخچە كاناي كېڭىيىش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەل قاتارلىق بىر قاتار كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش

ناھىيەسىگەرچە زىققا كېسىلىنى ھازىرقى تىبابەت تېخنىكىسىدا تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاشقا مۇمكىن بولمىسىمۇ لېكىن ئۇزۇن مەزگىل قانۇنىيەتلىك داۋالاش ئارقىلىق ياخشى بولغان ئۈنۈمگە ۋە تولۇق كونتىرول قىلىشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ھەتتا ئۈنۈملۈك دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ.
1. دورا ئارقىلىق داۋالاش زىققا كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىلارنى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، بىرىنچىسى كونتىرول قىلىش خاراكتېرلىك دورا، يەنى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇ ئارقىلىق شاخچە كانايدىكى ياللۇغنى كونتىرول قىلىپ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ ئىككىنچى تۈرلۈك دورا بولسا دەم سىقىلىشنى يەڭگىللىتىش رولى بولۇپ قوزغالغان ۋاقىتتا ۋاقىتلىق ئىشلىتىدۇ، يەنى بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن پۈركۈيدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىلدىكى دورىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھورمونلۇق دورا بولۇپ، زىققا قوزغالغان ۋاقىتتا دەرھال نەپەس يولىغا پۈركۈگەندىن كېيىن نەپەس يولى مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ شۇ ئارقىلىق نەپەسنىڭ راۋانلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇ خىلدىكى دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ ھەم كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمىز.
2. ئىمۇنتېت داۋالاش ئۇسۇلى يەنى زىققا كېسلىنى قوزغاشقا سەۋبچى بولغان ئامىلنى تېپىپ چىقىپ ھەمدە شۇ نەرسىنىڭ جەۋھىرىنى قويۇقلاندۇرغاندىن كېيىن بىمارنىڭ تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ قوزغاشقا سەۋەبچى بولغان ئامىلغا قارىتا سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىپ، قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياكى قوزغالغاندىكى ئالامەتنى يەڭگىللىتىشكە بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش

1. كۆپىنچە زىققا بىمارلىرىنىڭ قوزغاشقا سەۋەبچى ئامىلنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە قوزغاشقا سەۋەبچى ئامىلدىن يىراق تۇرۇش لازىم.
2. زۇكامدىن ساقلىنىش لازىم، زۇكام بولۇپ قالغاندا ئاسانلا زىققا كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
3. ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش، ئۆينىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى نورمال تەڭشەش، بىۋاستە ئىسسىق ۋە سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.
4. ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش لازىم.
زىققا كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم ئۇزۇن مەزگىللىك، قانۇنىيەتلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش، قايسى خىل ئامىللارنىڭ قوزغاشقا سەۋبچى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىش، زىققا قوزغىلىشنىڭ ئالدىدىكى بىشارەتنى بايقىيالايغان بولۇش، زىققا كۈندىلىك خاتىرىسى يېزىپ مېڭىش، زىققا قوزغىلىپ قالغاندا ئاددىي بولغان ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى مۇكەممەل ئىگىلەش، قانداق ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىش لازىملىقىنى ئىگەللەش لازىم.

تۇبېركۇليوز بىلىملىرى تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى