ئالەم

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

نۆۋەتتىكى ئىلىم-پەن سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى جانلىقلار ئۈچ مىليارد 800 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىسپات تېپىپ بۇ ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ھاياتلىق ئىپتىدائىي دېڭىز-ئوكيانلاردا پەيدا بولغان، ئەڭ دەسلەپكى ئورگانىك ماددىلار مۇۋاپىق مۇھىتقا توپلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەككە ھۈجەيرىلىك ھاياتلىق پەيدا بولغان. ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ئارقىلىق سۇدا ياشاشتىن قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر يەر شارىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، جانلىقلارنىڭ نەچچە قېتىملىق چوڭ يوقىلىش ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ نەچچە مىليون تۈر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

دارۋىننىڭ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىى تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، بىز يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانىنى بىلدۇق. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يەر شارىدىكى جانلىقلار بارلىققا كەلگەندىن كېيىن قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق، لېكىن يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ قانداق قىلىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلېكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئالىملار بۇ تەپسىلاتنى بېكىتەلىسە ئاندىن ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىش شەكلىنى بىلەلەيدۇ، كەلگۈسىدە يەر شارى سىرتىدىكى جانلىقلارنى ئىزدەشتە تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

كىچىك سەييارىلەردىن ئەۋرىشكە ئېلىش

قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە سەككىز چوڭ سەييارە ۋە ھەرقايسى سەييارىلەرنىڭ ھەمراھى بار، ئەمما كىچىك سەييارىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇياش سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن، شۇڭا بۇ قاراش ئىنتايىن مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. كىچىك سەييارىلەرنى چۈشىنىش ئالىملارنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزىلەر يەر شارىدىكى ھاياتلىق خام ماتېرىياللىرى ئالەم بوشلۇقى مېتېئورىتلىرى ياكى بەزى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلاردىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىملار ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن مېتېئورىتلاردىن رىبوزا ۋە ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، بۇ ئورگانىك ماددىلارنىڭ كىچىك سەييارىلەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چاڭئې 5-نومۇر (嫦娥5号) ئاي شارىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى تاماملىدى ھەمدە يەر شارىغا قايتىپ كەلدى، دۆلىتىمىزمۇ ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسىلا بۇ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان ئۈچىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا ياپونىيە ئۈن-تىنسىز چوڭ بىر ئىش قىلغان، يەنى ئۇلارنىڭ كىچىك سەييارە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى خايابۇسا 2-نومۇر (Hayabusa2) كىچىك سەييارىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كېلىپ داۋاملىق يېڭى نىشان ئىزدىدى.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

بۇ ياپونىيەنىڭ تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئەمەس، 2003-يىلىلا ياپونىيە خايابۇسا ناملىق كىچىك سەييارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نىشانى يەر شارىدىن 300 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 1998 SF36 كىچىك سەييارە بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا «شىيىنانا» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ ئۇزۇنلۇقى 540 مېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىر كېلىدىغان بەرەنگى شەكلىدىكى كىچىك سەييارە بولۇپ، خايابۇسا ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2003-يىلى يەر شارىدىن يولغا چىقىپ، ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «ئىتوكاۋا (itokawa)» ناملىق كىچىك سەييارىگە يېتىپ بارغان، 2010-يىلى كىچىك سەييارىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەن.

يېقىندا ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېت خان جەمەتى خولوۋېي ئىنستىتۇتىنىڭ پەن تەتقىقات ئۆمىكى «ئىلمىي دوكلات» ژۇرنىلىدا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتىنى ئېلان قىلىپ، خايابۇسا ناملىق ئۇچار كېمە ئېلىپ كەلگەن كىچىك سەييارىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم S تىپلىق كىچىك سەييارىدە ھاياتلىق زۆرۈر بولغان ئىپتىدائىي تەركىبنى بايقىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملار «سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلار كىچىك سەييارىلەردە ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنمەيدۇ، ئوخشاشلا تەرەققىيات جەريانىدا قوبۇل قىلىنىدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

بۇنىڭدىن ئىلگىرى NASA بېننۇ (Bennu) كىچىك سەييارىسىدە سۇنىڭ ئىزىنى بايقىغان.

نۆۋەتتە NASA نىڭ كىچىك سەييارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بېننۇ كىچىك سەييارىسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، بۇ كىچىك سەييارە مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىغا جايلاشقان، NASA نىڭ OSIRIS-REX تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەۋرىشكە ئېلىپ يەر شارىغا قويۇپ بېرىلىدۇ. بېننۇكىچىك سەييارىسىنى ئالىملار 1999-يىلى بايقىغان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نوقتا بولۇپ كەلگەن، OSIRIS-REX تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2018-يىلى بېننۇ كىچىك سەييارىسىدىن سۇنىڭ ئىزى ۋە ئورگانىك ماددا بىرىكمىلىرىنى بايقىغان.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بېننۇ كىچىك سەييارىسىدىكى بۇ ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئانا يۇلتۇزى بولۇپ، تەخمىنەن بىر مىليارد يىللار ئىلگىرى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىدىكى ماسسىسى ۋە ھەجمى تېخىمۇ چوڭ بولغان بىر كىچىك سەييارە سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كىچىك بۆلەككە ئايلانغان بولۇپ، بېننۇ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىچىك سەييارىلەرنىڭ سۇ ئىزى ۋە ئورگانىك بىرىكمىلەرگە ۋارىسلىق قىلغان.

بۇنىڭدىن سۇ ۋە ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىكى بىر قىسىم ئاسمان جىسىملىرى پارچىلىرىدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇمۇ يەر شارىدىكى ھاياتلىق خام ئەشيالىرىنىڭ تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن كېلىش قارىشىنى قوللايدۇ. ئالىملار «قۇياش سىستېمىسى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، قۇياش سىستېمىسى ئىچى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سوقۇلۇشى ۋە ئايرىلىشى، كىچىك سەييارە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قاتارلىقلارنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ جەريان يەر شارىغا ھاياتلىق خام ماتېرىيالى ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىغان.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

يەر شارى ھاياتلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى

يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا نۆۋەتتە ئىككى خىل چۈشەنچە بار، بۇلارنىڭ بىرى بولسا يەر شارىدىكى ھاياتلىق تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەنلېكىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئاساسلىقى ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى بۇ خام ماتېرىياللار تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەنلېكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى نۆۋەتتە نۇرغۇن ئىسپاتلار بايقالغان بولۇپ، كىچىك سەييارىلەر ھەمدە مېتېئورىت پارچىلىرى ئارىسىدىن ئورگانىك بىرىكمىلەر ۋە سۇنىڭ ئىزلىرى ئېنىق بايقالغان، ئەلۋەتتە ئورگانىك بىرىكمىلەرمۇ يەر شارىدا ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدۇ.

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم كىچىك سەييارىلەردە سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى

ئۈچ مىليارد نەچچە يۈز مىليون يىل ئىلگىرىكى مەخپىيەتلىكنى بىر-بىرلەپ ئېلان قىلىشىمىز ناھايىتى تەس، لېكىن ھېچ بولمىغاندا نۆۋەتتە ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرىدىغان بۇ زۆرۈر بۇيۇملارنىڭ كائىناتتا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى، يەنى قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى نۇرغۇن كىچىك سەييارىلەر ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلاردا ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىگە توسالغۇ بولىدىغان شارائىتلارنىڭ ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ناھايىتى تەس ئىكەنلىكى، يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ شەكىللىنىشىمۇ ئىپتىدائىي دېڭىز-ئوكيانلاردا ناھايىتى ياخشى شارائىتقا ئىگە ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم.

يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانىنى ئىزدەش ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق، بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى پەقەت يەر شارىدىكى ھاياتلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەگەردە يەر شارى سىرتىدا راستتىنلا ھاياتلىق مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى