ساغلاملىق

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەل ھەققىدە چۈشەنچە

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەل ھەققىدە چۈشەنچە

كۆپچىلىك ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق ئادەملەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، يەنى تىنچ تۇرغاندا نورمال ئادەملەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق، لېكىن ئازراقلا ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن خۇددى ھازىرلا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئادەمگە ئوخشاش ھاسىراپ نەپەس يېتىشمەيدۇ، بىر ئاز دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە نورمال ھالەتكە قايتىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.  بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇن بولسا دەلمۇشۇ خىل ئالامەتنى تىپىك ئالاھىدىلىك قىلغان بىر تۈرلۈك يۈرەك كېسەل، يەنى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەلدۇر.

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەل بولسا تۈپىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر تۈرلۈك يۈرەك كېسەل، ئەمما كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولسا ئۆپكە،  يەنى تۈرلۈك سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەل، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى بولسا ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن زىققا كېسىلى،سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى،سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى ۋە دىيارىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان ئۆپكە تۇبېركۇليوز قاتارلىقلار. يۇقاردا مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتكەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەل بىمارلىرىدا  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۆپكىنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۈرەك بەدەندىن يىغىپ كەلگەن ۋېنا قېىنىنى ئۆپكىگە ماڭدۇرۇش جەريانىدا توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ، شۇ سەۋەبتىن يۈرەك ئوڭ دالانچىسى ۋە قېرىنچىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوغىناپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا ئوڭ يۈرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر كېسەللىك داۋاملىق تەرەققىي قىلسا ئاخىرىدا پۈتۈن يۈرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكەن كېسەللىك ئۆزگىرىش جەريانى بولسا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاستا-ئاستا ئېغىرلىشىپ ماڭىدىغان جەريان بولۇپ، ئادەتتە ئۆپكە-يۈرەكنىڭ كۈچەش مەزگىلى ۋە ئۆپكە-يۈرەكنىڭ ھالسىراش مەزگىلىدىن ئىبارەت ئىككى مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

  1. ئۆپكە-يۈرەكنىڭ كۈچەش مەزگىلى: يەنى كېسەللىكنىڭ باشلىنىشتىن ئوتتۇرا باسقۇچقىچە بولغان مەزگىلى، بۇ ۋاقىت كېسەللىكنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ئۆپكە قان تومۇرنىڭ بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە قارىتا يۈرەك ئادەتتىكىدىن كۈچەپ ئىشلەش ئارقىلىق ۋاقىتلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىمارلاردا كالتە ھۆتەل،بەلغەم تۈكۈرش، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن يۈرەك سېلىش، دېمى سىقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارىدا ئازراق تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۈيدۈك ئازلاپ كېتىش بىلەن بىرگە پۇتى ئىششىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
  2. ئۆپكە-يۈرەكنىڭ ھالسىراش مەزگىلى: ئەگەر يۇقاردا دېيىلگەن ئەھۋال ۋاقتىدا كونتىرول قىلىنمىسا ۋاقىتتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆپكە-يۈرەك ئۇزۇن مەزگىل كۈچەپ ئىشلەش ھالىتىدە تۇرغانلىقتىن ئاخىرىدا ئۆپكە-يۈرەكنىڭ ھالسىراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نەپەس ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن بىمارلاردا كالپۇكى كۆكىرىپ كېتىش،ئازراق مىدىرلاپ بولغۇچە كۆرۈنەرلىك ھاسىراپ كېتىش، پۇتى كۈپتەك ئىششىپ كېتىش، سۈيدۈك ئازلاپ ھەتتا سۈيدۈك كەلمەسلىك، ئېغىر بولغاندا پۇتىدىن باشلاپ كۆكسىگىچە ئىششىپ كېتىش، ئوڭدىسىغا ياتالماسلىق،گۈرەن تومۇرى كۆپۈپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ھەتتا تاماقتىن قېلىش، باش قېيىش ۋە باش ئاغىرىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ،دوختۇرخانىدا  تەكشۈرتكەندە كۆپىنچە ۋاقىتتا كۆكرەك بوشلۇقى،قورساق بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش، ھەتتا يۈرەك قېپىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايقاشقا بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەل بىمارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دەسلىپىدە داۋالىتىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ ئۆپكە-يۈرەك ھالسىراش مەزگىلىگە كىرگەندە دوختۇرخانىدىن كېلەلمەس بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ياش بىمارلاردا يۇقارقىدەك ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، چۈنكى ياش بىمارلارنىڭ يۈرەك قۇۋۋىتى ياخشى بولغانلىقتىن ھالسىراش مەزگىلىگە كىرىش ۋاقتى ياشانغان بىمارلاردىن كۆرۈنەرلىك ئۇزۇن بولىدۇ، لېكىن بايقىغان ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بولىدۇ، چۈنكى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ئېغىرلاپ ماڭىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ ئەسلىگە قايتىپ نورمال ھالەتكە كېلەلمەيدۇ.  شۇڭا ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەلنى پەقەت ياشانغانلاردىلا پەيدا بولىدۇ دېيىشنىڭ ئۆزى خاتا قاراشتۇر.

شۇڭا ئەگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز چوقۇم قانۇنىيەتلىك، ئۆلچەملىك داۋالىتىڭ، ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ، ئەگەر ۋاقتىدا كونتىرول قىلمىسىڭىز بىر قانچە يىلدىن كېيىن يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش:

  1. بۇ كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ئۆپكىدە، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆپكىدىكى كېسەللىكنى داۋالىغاندىلا ئاندىن يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۆپكە كېسەلنى داۋالاش بولسا ئاساستۇر. بىمارلاردا ھەر قېتىم سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ قالغاندىن كېيىنلا دەرھال كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن زۇكامداپ قالغاندا ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم.
  2. نەپەسنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، باش ۋە پۇت تەرەپ سەل ئىگىز، بەل ۋە ساغرا تەرەپ سەل پەس بولغان يېتىش ھالىتىنى قوللىنىش، تۇزلۇق تاماق ئىستېمال قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش، ئامال بار ئىش-ھەرىكەتتىن ساقلىنىش، چارچاپ كەتمەسلىك، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كۈندىلىك ئىستېمال قىلغان سۇنىڭ مىقدارىنى ئامال بار ئازلىتىش، شۇ ئارقىلىق يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
  3. ئەگەر ھاسىراش ئېغىرلاپ كەتسە ۋە ياكى بەدەندە ئىششىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم.

تۇبېركۇليوز بىلىملىرىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى