ساغلاملىق

قاننىڭ بەك يېپىشقاق بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر

قاننىڭ بەك يېپىشقاق بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر

ئالاقىدار تېببىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم بەدىنى 50 ياشتىن ئاشقان ھامان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن. شۇڭا 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ھەر خىل كىشىلەر توپىغا ئايلىنىدۇ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدىغان مۇھىم كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىلدۇر.

50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئەگەر قاننىڭ قويۇق بولۇپ كېتىشىنى خالىمىسا، تۆۋەندىكى ئادەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك:

قاننىڭ بەك يېپىشقاق بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر

1. يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك

ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكتىن ئىبارەت بۇ خىل ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ھەر خىل يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل بولۇپ، مەيلى 50 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ياكى ياشلار بولسۇن، بۇ خىل ئادەتنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر كۆپ مىقداردىكى ياغنى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگۈزۈپ، قاندىكى ماي مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان يېپىشقاق بولۇپلا قالماستىن، يەنە قاندىكى ماي ئاسانلا قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ قېلىپ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

قاننىڭ بەك يېپىشقاق بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر

2. ئۇزاق ئولتۇرۇش

ھازىر ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر مەسىلە. ياشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ئورگانىزمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى ئەزا توقۇلمىلىرىدا ئىلگىرىلەشچان چېكىنىش پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىقتىن ئىبارەت بۇ خىل ناچار ئادەت ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ تېز تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ئەخلەتلەر تېز ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا سىرتقا چىقىرىۋېتىلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

قاننىڭ بەك يېپىشقاق بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر

3. تاماكا چېكىش، ھاراققا خۇمار بولۇش

ھەممىمىزگە مەلۇم ھاراق-تاماكىدا ھەر خىل زىيانلىق ماددىلار بار، بۇ ماددىلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، قان تومۇر دىۋارىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر قىلىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مەيلى 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ياكى ياشلار بولسۇن، چوقۇم تاماكا چېكىش، ھاراققا خۇمار بولۇش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ يوشۇرۇن زىيىنىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ سالامەتلېكىنىڭ قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشى ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار چوقۇم ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن قول سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى ئاكتىپلىق بىلەن تۈگىتىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ياخشى بولغان ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى