ساغلاملىق

« جاننى قۇتقۇزىدىغان» ئۈچ ئىستاكان سۇ

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش، قان ئايلىنىش، نەپەسلىنىش، ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش، ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۇنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورمال ئايلىنالايدۇ. ئەمما تۇرمۇشتا سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ياكى ئالدىراشلىقتىن سۇ ئىچىشكە ۋاقتى چىقمايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس، ئەگەر ئورگانىزمدا سۇ كەمچىل بولسا سالامەتلىككە خەۋپ يېتىدۇ:

1% سۇ كەمچىل بولسا ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەڭشىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛

2% سۇ كەمچىل بولسا بېسىم تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ؛

4% سۇ كەمچىل بولسا ماغدۇرسىزلىق، كەيپىيات خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىدۇ، بېسىمغا چىدامچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىدۇ؛

سۇ كەمچىل بولۇش %10تىن ئېشىپ كەتسە، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن!

« جاننى قۇتقۇزىدىغان» ئۈچ ئىستاكان سۇ

سۇ كەمچىل بولسا، پۈتۈن بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ بىر ساغلام قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ تېنىدىكى سۇ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %80 ~%60نى ئىگىلەيدۇ، ئەگەر ئورگانىزمدا سۇ كەمچىل بولسا، پۈتۈن بەدەننى زەخىملەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ كۆپ تەرلىگەندە ئاسانلا «سۇ يېتىشمەسلىك خەۋپى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

سۇنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك ئىچىپ بەرسە ھەزىم قىلىش يولى، قان، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق، سۇنى كۆپ ئىچكەنلەرنىڭ دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكى، ئۇرۇقدان راكى، سۈيدۈك نەيچىسى راكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

« جاننى قۇتقۇزىدىغان» ئۈچ ئىستاكان سۇ

2. يۈرەك، مېڭە تىقىلمىسى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاندا قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا قاننىڭ ئېقىش سۈرىتى ئاستىلاپ، ئاسانلا قان نوكچىسى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.«ئۈچ يۇقىرى» تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلىرى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەتتا يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق ئەجەللىك تەھدىتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. «جاننى قۇتقۇزىدىغان ئۈچ ئىستاكان سۇ»نى ياخشى ئىچىش كېرەك، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر ئاساسىي كېسەللىكلىرى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، كېچىسى ئورنىدىن تۇرغاندا 100 مىللىلىتىردىن سۇ ئىچىش، سەھەر تۇرغاندىن كېيىن 250 مىللىلىتىردىن سۇ ئىچىش كېچىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

« جاننى قۇتقۇزىدىغان» ئۈچ ئىستاكان سۇ

3. چوڭ مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

چوڭ مېڭە ئادەم بەدىنىنىڭ «قوماندانى» بولۇپ، سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىنتايىن زور، يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بەدەندىكى تەخمىنەن قان چوڭ مېڭىگە ئېقىپ بارىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنى سۇ كەمچىل ھالەتتە تۇرسا، قاننىڭ ئېقىشى تەسىرگە ئۇچراپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىدە سۇسىزلىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

« جاننى قۇتقۇزىدىغان» ئۈچ ئىستاكان سۇ

4. نەپەس يولى شىللىق پەردىسىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى تېرە ۋە شىللىق پەردىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سۇ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنى توسۇپلا قالماستىن، يەنە ئاجرالمىلارنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. لېكىن بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاندا بۇرۇن شىللىق پەردىسى، كاناي شىللىق پەردىسى قاتارلىقلار بىرقەدەر قۇرغاق بولۇپ، كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە يېپىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، كېسەللىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

5. ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ

يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان قالدۇقلار ئاستا ـ ئاستا قىسېلىپ چوڭ ئۈچەيگە يۆتكېلىپ، چوڭ تەرەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىسىپ يۆتكەش جەريانىدا، سۇ سىلىقلاش مېيىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.

ئەمما ئورگانىزمدا سۇ كەمچىل بولسا، ئۈچەي يولى چوڭ تەرەتتىكى سۇنى سۈمۈرۈۋېلىپ، چوڭ تەرەتنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

« جاننى قۇتقۇزىدىغان» ئۈچ ئىستاكان سۇ

6. ئاسانلا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

سۈيدۈك بەدەننىڭ مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سۇنى ئاز ئىچكەندە سۈيدۈك چىقىرىش قېتىم سانى ۋە مىقدارى ئازىيىدۇ، ئۇرېيە، سۈيدۈك كىسلاتاسى قاتارلىق مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىغىلى بولمايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئاسانلا بۆرەككە تاش چۈشۈش، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش قاتارلىق خەۋپ ـ خەتەرلەر كۆپىيىدۇ.

7. تېرە مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بەدەندە سۇ كەمچىل بولسا تېرىگىمۇ سۇ يېتىشمەي، ئاسانلا قۇرغاقلىشىش، كېپەكلىشىش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يەنە ئاسانلا قورۇق چۈشۈش، بوشىشىش، تېرە ياللۇغى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

« جاننى قۇتقۇزىدىغان» ئۈچ ئىستاكان سۇ

بەدەندە سۇ كەمچىل ياكى كەمچىل ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئەڭ ئاددىيسى سۈيدۈكنىڭ رەڭگىگە قاراش كېرەك. نورمال سۈيدۈك سۈزۈك سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قانچە سېرىق بولسا، سۇ كەمچىل بولۇشنىڭ شۇنچە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى